ئالمۇتادا «ئۆتنە ئالەم» ناملىق يەنە بىر ئۇيغۇر فىلىمى يورۇق كۆردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019.01.25
Otne-Alem-bahavudun-amutof-04.jpg «ئۆتنە ئالەم» فىلىمىنى ئىشلىگەن ستۇدىيە رەھبىرى، باش رەجىسسور باھاۋۇدۇن ئامۇتوف. 2019-يىل 20-يانۋار. ئالمۇتا، قازاقىستان.
RFA/Oyghan

يېقىندا قازاقىستان ئۇيغۇر كىنو سەنئىتىدە يەنە بىر يېڭىلىق يۈز بەردى. ئۇيغۇر تاماشىبىنلىرىنىڭ دىققىتىگە «ئۆتنە ئالەم» ناملىق بەدىئىي فىلىم سۇنۇلدى. فىلىم ياشلار ھاياتىغا بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى 20-يانۋاردا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدىكى «ئامال» رېستورانىدا بولۇپ ئۆتتى.

تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىگە ئالمۇتا شەھىرى مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى رايونلۇق ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى بۇرھان تاجىدىنوف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرىنى فىلىمنىڭ نامى ۋە ئۇنىڭ ئاپتورى بىلەن قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، فىلىمنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى. 

فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن سۆزگە چىققانلار فىلىم توغرىلىق ئۆزلىرىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇلارنىڭ بىرى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى يارمۇھەممەت كىبىروف شەخسەن ئۆزىنىڭ مەزكۇر فىلىمدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى، ھەر بىر ئارتىسنىڭ ئۆز رولىنى ئالاھىدە جاۋابكارلىق بىلەن ئورۇنداپ چىققانلىقىنى تەكىتلىدى. 

كىنو ساھەسىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان 10 دىن ئوشۇق فىلىم ئىشلىگەن رېژىسسور باھاۋۇدۇن ئامۇتوفنىڭ يېتەكچىلىكىدە سۈرەتكە ئېلىنغان «ئۆتنە ئالەم» فىلىمىنىڭ سېنارىيىسىنى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى پەنلىرى مۇئەللىمى گۈلبەھرەم مولوتوۋا يازغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان باھاۋۇدۇن ئامۇتوفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى فىلىم 1993-1994-يىللىرى چىققان بولۇپ، ئۇ «قانات ئۇچقاندا قاتىدۇ» دەپ ئاتالغان ۋە تاماشىبىنلار تەرىپىدىن ئالقىشقا ئىگە بولغان. مەزكۇر فىلىم تونۇلغان يازغۇچى، رېژىسسور جامالدىن روزىيېفنىڭ سېنارىيىسى بويىچە قويۇلغان ئىكەن.

باھاۋۇدۇن ئامۇتوف مۇنداق دېدى: «ئۇ ۋاقتىدا بىزنىڭ ئاپپاراتلار ئىنتايىن ناچار ئىدى. چىقارغان ئاۋازى ھېچ نەرسىگە يارىماتتى. كېيىنرەك شاۋكەت نەزەروف بىلەن ئىككى فىلىم ئىشلەپ چىقتۇق: ‹كۈنچى› ۋە ‹ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا› دېگەن كومېدىيەلەر. بۇلار ھازىر ۋەتەندە ناھايىتى ئاممىبابلىق خاراكتېرىگە ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا “تەقدىر تەنىسى” دېگەن فىلىم ئىشلەنگەن. بۇ فىلىمدىكى بىر چوڭ كەمچىلىكىمىز ئۇنىڭدا ئاۋاز چىقىرالمىدۇق. بىز قورام يېزىسىنىڭ تارىخى توغرىلىق ھۆججەتلىك فىلىممۇ ئىشلىدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلىيەلمىدۇق. چۈنكى مەبلەغ ئىنتايىن كۆپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇمكىنچىلىكىمىز بولمىدى.»

باھاۋۇدۇن ئامۇتوفنىڭ ئېيتىشىچە، «ئۆتنە ئالەم» فىلىمىنى ئىشلەش جەريانىدا، بىرىنچىدىن، ئىقتىساد تاپچىللىقى سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا قاتناشقانلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈچۈن كۆيۈنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ھەقسىز ئىشلىگەن. ئىككىنچىدىن، فىلىمغا ھەۋەسكار ئارتىسلارنى جەلپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىكەن. 

«ئۆتنە ئالەم» فىلىمىنىڭ رېژىسسورى ۋە باش روللارنى ئوينىغۇچىلارنىڭ بىرى مارات زۇلياروفنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر قانداق بىر فىلىمنى ئىشلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا چوڭ مىقداردا ئىقتىساد، كەسپىي ئارتىسلار ۋە مەخسۇس فىلىم تەييارلاش ستۇدىيىسى لازىم ئىكەن. ئۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى قازاقىستاندا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى نۇزۇگۇمغا بېغىشلانغان «نۇزۇگۇم» فىلىمىنى تەييارلاشتا كۆپىنچە ئۆزبېكىستان كىنو مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ياردىمىگە تايانغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «‹نۇزۇگۇم› فىلىمىنى ئۆزبېك رېژىسسورى ئابرور قاسىموف كېلىپ سۈرەتكە ئالدى. بىز ياركەنت يېنىدىكى پەنجىم يېزىسىدىن ئالتە بالىنى تەييارلاپ قاتناشتۇق. ئەنە شۇ فىلىمنى ئۆزۈمىزنىڭكىلەر سۈرەتكە ئالغان بولسا ياخشى بولاتتى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن چىققان ئاتاقلىق ئادەملىرىمىز كۆپ. ئۇلار توغرىلىق ھۆججەتلىك فىلىملار چۈشۈرۈشكە كۆپ خىراجەت كېتىدۇ.»

قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، يازغۇچى شاۋكەت نەزەروف قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر كىنو سەنئىتىگە مۇنداق باھا بەردى: «قازاقىستاندا بىزنىڭ كىنو سەنئىتى توغرىلىق پىكىر ئېيتىش ئېغىر مەسىلە. چۈنكى ئۇ بار-يوقنىڭ ئوتتۇرىسىدا. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا قازاقىستان تېلې-رادىيو بىرلەشمىسىنىڭ ‹ئالاتاۋ› پروگراممىسىدا بىر فىلىم ئىشلەندى. ئۇنىڭ ئاپتورى جامالدىن روزىيېف. ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ تېلېۋىزىيەنىڭ بولدى. چۈنكى بىزدە كەسپىي مۇتەخەسسىسلەر يوق ئىدى. بۇ فىلىم يەتتىسۇدا سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ قۇرۇلۇشى تېمىسىغا بېغىشلانغان. بۇ فىلىم سۈرەتكە ئېلىنىپلا ئۇزۇن ئۆتمەي سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، كىنونىڭ ئەھمىيىتى قالمىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بىر نەچچە شەخسىي ستۇدىيىلەر تەرىپىدىن كىنولار ئىشلەندى، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھەۋەسكارلار ئىشلىگەن فىلىملاردۇر.»

شاۋكەت نەزەروفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاندا ئىشلەنگەن ئۇيغۇر فىلىملىرى شۇ ۋاقىتتىكى تەلەپلەرگە لايىق بولمىغانلىقتىن، ئۇلاردا ئۆسۈش بولمىغان ئىكەن. ئۇ بۇ ساھەدە قازاقىستان ۋە ئۇيغۇر ئېلى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەرنى راۋاجلاندۇرغان تەقدىردە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدىمۇ فىلىملارنى ئىشلەش مۇمكىنچىلىكى پەيدا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئەگەر چېگرا ئېچىلىپ، قىيىنچىلىقلار بولمىسا، ئەلۋەتتە ئىشلەشكە بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، چېگرا ئېچىلغان ھالەتتىمۇ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى سىياسەت ئۆزگەرمەي، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر خىتاي ياۋروپادەك دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلانسا، ئۇيغۇرلار كىنو ساھەسىدە يەنىمۇ كۆپ مۆجىزىلەرنى يارىتاتتى.»

ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا قازاقىستاندا 1940-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلىرىنىڭ بىرى، خەلق قەھرىمانى غېنى باتۇرغا بېغىشلانغان ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەنگەن. مەزكۇر فىلىم «قازاق-فىلىم» كىنو ستۇدىيىسى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ تاماشىبىنلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.