«تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى» دە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمە قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2018.05.14
turk-dunyasi-eneniwi-tenterbiye-paaliyiti-1.jpg

«تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى» دە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمە قىلىندى. 2018-يىلى ماي، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

turk-dunyasi-eneniwi-tenterbiye-paaliyiti-2.jpg

«تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى» دە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمە قىلىندى. 2018-يىلى ماي، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

turk-dunyasi-eneniwi-tenterbiye-paaliyiti-3.jpg

«تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى» دە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمە قىلىندى. 2018-يىلى ماي، ئىستانبۇل.

turk-dunyasi-eneniwi-tenterbiye-paaliyiti-4.jpg

«تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى» دە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمە قىلىندى. 2018-يىلى ماي، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

turk-dunyasi-eneniwi-tenterbiye-paaliyiti-5.jpg

«تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى» دە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمە قىلىندى. 2018-يىلى ماي، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

turk-dunyasi-eneniwi-tenterbiye-paaliyiti-6.jpg

«تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى» دە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمە قىلىندى. 2018-يىلى ماي، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

turk-dunyasi-eneniwi-tenterbiye-paaliyiti-8.jpg

«تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى» دە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمە قىلىندى. 2018-يىلى ماي، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

turk-dunyasi-eneniwi-tenterbiye-paaliyiti-9.jpg

«تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى» دە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمە قىلىندى. 2018-يىلى ماي، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

turk-dunyasi-eneniwi-tenterbiye-paaliyiti-10.jpg

«تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى» دە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمە قىلىندى. 2018-يىلى ماي، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

turk-dunyasi-eneniwi-tenterbiye-paaliyiti-11.jpg

«تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى» دە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمە قىلىندى. 2018-يىلى ماي، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

turk-dunyasi-eneniwi-tenterbiye-paaliyiti-12.jpg

«تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى» دە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمە قىلىندى. 2018-يىلى ماي، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

turk-dunyasi-eneniwi-tenterbiye-paaliyiti-7.jpg

«تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى» دە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمە قىلىندى. 2018-يىلى ماي، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە فېدىراتسيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ يېڭىقاپى مەيدانىدا ئېچىلغان «تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى» دە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلۇپ كۆرگەزمە ئېچىلدى. بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە «شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى» كۆرگەزمە ئېچىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇردى.

9-مايدىن 13-مايغىچە 5 كۈن داۋام قىلغان بۇ پائالىيەت 13-ماي كۈنى كەچتە مۇكاپات تارقتىش بىلەن ئاخىرلاشتى. بۇ يىل 3 قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە تۈرك دۇنياسى ۋە باشقا دۆلەتلەردىن بولۇپ، جەمئىي 43 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن كىشىلەر قاتناشتى.

تۈرك دۇنياسى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئاناتولىيەگە خاس تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئاساس قىلىنغان بۇ فېستىۋالدا ئەنئەنىۋى تۈرك تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى ۋە تۈركلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھايات كۆرۈنۈشلىرى نامايان قىلىنغان كۆرگەزمىلەر ئېچىلدى. قىلىچۋازلىق، ئات بەيكىسى، ئوغلاق تارتىشىش، ئات ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش، ئوقيا ئېتىش، چېلىشىش قاتارلىق 19 خىل ئەنئەنىۋى مىللىي تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەت مەيدانىغا كىگىز ئۆيلەر ۋە چىدىرلار تىكىلگەن بولۇپ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن بىردىن چېدىر ئۆي ئايرىلىپ، ئۇلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈركمەن، تاتار ۋە تۈرك قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئايرىم-ئايرىم چىدىرلاردا كئۆرگەزمە ئاچتى.

ئۇيغۇرلارغا ئايرىلغان چېدىردا «شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى» ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار كۆرگەزمە ئاچتى. مەزكۇر چېدىرغا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئېسىلغان بولۇپ، «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن چوڭ خەتلەر ئالاھىدە كۆزگە چېلىقاتتى. كۆرگەزمىگە ئۇيغۇر مىللىي كىيىم كېچەكلىرى، ئەر‏-ئايالچە دوپپىلار، چاپان ۋە كۆڭلەكلەر، يېمەك-ئىچمەكلەردىن ساڭزا، نان، پېچىنە قاتارلىق يېمەكلىكلەر، چالغۇ ئەسۋابلار ۋە چىلاپچا-ئاپتۇۋا قاتارلىق ھەر خىل مىللىي بۇيۇملار قويۇلغان ئىدى. ئۇيغۇر مەدەنىيەت چىدىرى ئالدىدا ئۇيغۇر ياشلىرى ساما ئۇسسۇلى ئويناپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە ئالقىشقا ئېرىشتى.

پائالىيەت مەيدانىدا يەنە «ئۇيغۇر مېھمان رېستورانى» مەخسۇس تائام تەييارلاپ، ھەر كۈنى نەچچە مىڭ كىشىلىك ئۇيغۇر پولۇسى ۋە تونۇر كاۋىپىنى ھەقسىز تارقاتتى. ئۇيغۇر پولۇسى پولۇ كىشىلەرگە بەكمۇ تېتىپ كەتكەچكە، كىشىلەر پولۇ يېيىش ئۈچۈن ئۇزۇن سەپ بولۇپ كەتتى. ئۇيغۇر ئۇستاملار چوڭ ھەجىملىك شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئۈچ ئورۇنغا ئېسىپ، پولۇ تارقاتتى. مۇخبىرلارمۇ «تۈركىستان پولۇسى بەك تەمىلىك ئىكەن،» دېگەن مەزمۇندا خەۋەرلەر تارقاتتى.

5 كۈن داۋاملاشقان تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت پائالىيىتىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە فېدراتسىيەسىنىڭ رەئىسى، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسىنىڭ ئوغلى بىلال ئەردۇغان سۆز قىلىپ، «بىر مەدەنىيەتنى باشقا بىر مەدەنىيەتنىڭ بېسىمى ئاستىدا قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولۇش-ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئىتىگە زىت ھەرىكەتتۇر. بۇ قىلمىش ئەمەلىيەتتە تىنچسىزلىقنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىيدۇ،» دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزلەر نەتىجە ئېتىبارى بىلەن مىڭ يىلدىن ئارتۇق بىر جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئاناتولىيىگە كەلدۇق. بۇ يەرنى ئۆزىمىز ئۈچۈن ۋەتەن تۇتتۇق. بىز ھەم يىلتىزىمىز ھېسابلانغان ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ، ھەم ئاناتولىيىنىڭ ئولتۇراق مەدەنىيىتىنىڭ ھەم شۇنداقلا ئۆتمۈشتىكى بالقان (يۇنان) مەدەنىيەتلىرىنىڭ بىر نۇقتىدا ئۇچرىشىشىنى بۇ يەردە كۆردۇق. بىز شۇنداق دەيمىزكى، پۈتۈن مەدەنىيەتلەر ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە پۈتۈن مەدەنىيەتلەر دۇنيانىڭ بايلىقىدۇر. بىر مەدەنىيەتنىڭ باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇق ھەققىنى ئېتىراپ قىلماسلىقى، ئۇلارنى بېسىم ئاستىدا تۇتۇپ يوقىلىشقا مەھكۇم قىلىشى ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئىتىگە زېت بولغان ھەرىكەتتۇر. بۇ ئىنسانىيەتكەتىنچسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ.»

بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن مەزكۇر پائالىيەتكە قەدەم تەشرىپ قىلغان دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى بۇ خىل پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتا ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە بۇ يەردە كۆرگەزمە ئاچقان ئۇيغۇر ياشلارنى تەبرىكلىدى.

بىز يەنە بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئاچقان «شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئىلخان تۇرانلى ۋە مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۇرشات ئالىپتېكىن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئىلخان تۇرانلى ئەپەندى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمىنىڭ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى، كۆرگەزمىنى كۆپلىگەن تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ زىيارەت قىلغانلىقىنى، ھەر قايسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرىنىڭ كۆرگەزمىگە كېلىپ قاتناشقانلىقىنى شۇنداقلا بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

«شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۇرشاد ئالىپتكىن ئەپەندى بۇ پائالىيەت توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يەرگە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدىكى ھەر قايسى خەلقلەرنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلىرى بىر يەرگە جەم بولدى. تۈرك دۇنياسىدىكى قېرىنداشلىرىمىز، دىنداشلىرىمىز بۇ يەرگە كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى. بۇ پائالىيەت تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر-بىرىنى تونۇشى ۋە چۈشىنىشى جەھەتتە ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت بولدى. بۈگۈن بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستان كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. بۇ كۆرگەزمىدە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەكلىرىنى، مىللىي قول-ھۆنەر سەنئەتلىرىنى، مۇزىكا ۋە ئۇسسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۇق. بۇ بەك ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت بولدى.»

«ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدىراتسىيەسى» نىڭ رەئىسى ئىسمائىل جېنگىزمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە تۈرك دۇنياسىدىكى كۆپلىگەن خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرى كېلىپ قاتناشقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

بۇ يىل ئۈچىنچى قېتىملىقى ئۈتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتنىڭ ئىلگىرى ئىككى قېتىملىقىغا «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ كۆرگەزمە ئاچقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.