ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتى ميۇنخېندا ئالقىشقا سازاۋەر بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018-07-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ميۇنخېندىكى بايراملىق پائالىيەتتە ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ۋە سەنئەت پائالىيەتلىرى كۆرەك قىلىنىپ، ئالقىشقا ئېرىشتى.

7-ئىيۇل كۈنى ميۇنخېن شەھەرلىك چەتئەللىكلەر مەجلىسى ئۇيۇشتۇرغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتىنى كۆرەك قىلىش پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتنىشىپ، مەززىلىك ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە ئۆزگىچە سەنئەت پائالىيەتلىرى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولدى.

مىللەتلەر مەدەنىيەت-سەنئەت كۆرىكى باۋارىيە شتاتىنىڭ مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىدە يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەنئەنىۋى بايرامدۇر. مەركىزى ميۇنخېندىكى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» ھەر يىلى تۈرلۈك ئۇيغۇرچە تائاملارنى بازارغا سېلىپ ۋە ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئورۇندىشىدىكى سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرەك قىلىپ، يەرلىك گېرمانلار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

7-ئىيۇل كۈنى بىز پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نەق مەيداننى زىيارەت قىلدۇق. ئەتراپتىكى قانچە ئونلىغان چېدىرلاردىن تۈرلۈك يېمەكلىكلەرنىڭ پۇراقلىرى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. ئۇيغۇرلار قۇرغان تائام سېتىش ئورنىغا پولۇ، سېرىقئاش، سامسا قاتارلىق يېمەكلىكلەر ۋە تاۋۇز قاتارلىق مېۋىلەر تىزىلغان بولۇپ، خېرىدارلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتاتتى. «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ تائام سېتىش ئورنىدا قول-قولىغا تەگمەي ئىشلەۋاتقان ميۇنخېن چەتئەللىكلەر مەجلىسىنىڭ ئەزاسى ۋە شۇنداقلا «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ ئاكتىپ ئەزاسى بولغان راھىلە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇر تائاملىرى بازىرىنىڭ ئالاھىدە ياخشى بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ناخشا-ئۇسسۇل نۆۋىتى ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە، ئەتراپنى ئالقىش سادالىرى قاپلىدى. ميۇنخېن شەھىرىدە خالىسە خانىم ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا تەربىيەلىگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ «روزىلەم» ناملىق ناخشىسىغا جور بولۇپ ئورۇندىغان ئۇسسۇلى كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇردى. گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىدىن نۇرنىسا خانىممۇ سەبىي ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۇيغۇرچە تېپىشماقلار ئورۇنلاتقۇزۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشلىرىغا سازاۋەر بولدى. نۇرنىسا خانىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن ئونلارچە قېتىم پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ميۇنخېن چەتئەللىكلەر مەجلىسى رەھبەرلىرىدىن دىمىترى خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىگە يۇقىرى باھالار بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ھەر يىلقى پائالىيەتكە مىللىي تائاملىرى ۋە مىللىي سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن ئىشتىراك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مەززىلىك ئۇيغۇر تائاملىرى ھەمدە گۈزەل ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرى ھەر مىللەت خەلقىنى ئۆزىگە ماگنىتتەك تارتىپ، كىشىلەردە ھاياجان قوزغاۋاتىدۇ. بىز ئۇيغۇرلاردىن كۆپ مەمنۇنمىز.»

بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا ماددىي ھەم مەنىۋى جەھەتتىن مەدەت بېرىش ئۈچۈن كۆپلىگەن ئۇيغۇر جامائىتىمۇ ميۇنخېندىكى «غەربىي باغچە» دەپ ئاتالغان گۈزەل مەنزىرىلىك بۇ باغدا قۇرۇلغان سورۇنغا داخىل بولۇشقان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى قاتارلىق قاتارلىقلارمۇ ئالاھىدە زىيارەتكە كېلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئىلھاملاندۇردى. د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەكىلى ئەسقەرجان ئەپەندى پىكىر بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بايراملىق پائالىيەتلىرىنىڭ ھەر يىلى دېگۈدەك قىزغىن ئالقىشلارغا سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بىز ئۇيغۇر چېدىرىغا ئىككىنچى قېتىم كەلگىنىمىزدە، پولۇ ئاللىقاچان سېتىلىپ تۈگىگەن بولۇپ، يەرلىك كىشىلەرنىڭ «پولۇ يەنە بارمۇ؟» دەپ سوراۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بىر قازان پولۇ 2 سائەت ئىچىدە سېتىلىپ بولغان ئىكەن. ئەتراپتىكى ئۇيغۇر جامائىتى كېلەر يىللىق مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىغا تېخىمۇ زور تەييارلىق بىلەن قاتنىشىش لازىملىقىنى، ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ يىلسېرى ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى، سەنئەت نومۇرلىرىنىمۇ مەزمۇن ھەم شەكىل جەھەتتىن تېخىمۇ بېيىتىش لازىملىقىنى مۇنازىرە قىلىشتى.

ھازىر ميۇنخېن شەھىرىدە «تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانى»، «قەشقەر ئۇيغۇر رېستورانى» ۋە «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر رېستورانى» قاتارلىق رېستورانلار ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنى تونۇتۇشتا ئالاھىدە كۆزنەك بولماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت