14-نۆۋەتلىك خەلقئارا مەدەنىيەت فېستىۋالىدا ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتىنى نامايان قىلماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.08.15
xelqara-medeniyet-festiwali-3.jpg 14-نۆۋەتلىك خەلقئارا مەدەنىيەت فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلگەن مەيدان. 2017-يىلى 14-ئاۋغۇست، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim
xelqara-medeniyet-festiwali-1.jpg

14-نۆۋەتلىك خەلقئارا مەدەنىيەت فېستىۋالىدا ئۇيغۇر ئۆيى. 2017-يىلى 14-ئاۋغۇست، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

xelqara-medeniyet-festiwali-2.jpg

14-نۆۋەتلىك خەلقئارا مەدەنىيەت فېستىۋالىدا ئۇيغۇر ئۆيى. 2017-يىلى 14-ئاۋغۇست، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

xelqara-medeniyet-festiwali-3.jpg

14-نۆۋەتلىك خەلقئارا مەدەنىيەت فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلگەن مەيدان. 2017-يىلى 14-ئاۋغۇست، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

xelqara-medeniyet-festiwali-4.jpg

14-نۆۋەتلىك خەلقئارا مەدەنىيەت فېستىۋالىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مەزكۇر فېستىۋالنى ئۇيۇشتۇرغان ئەنقەرە ئەتىمەسقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەنۋەر دەمىرەل ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2017-يىلى 12-ئاۋغۇست، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

xelqara-medeniyet-festiwali-5.jpg

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ سابىق رەئىسى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى پارلامېنت ئەزاسى ئەركان ھابېرال ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر ئۆيىدە. 2017-يىلى 12-ئاۋغۇست، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەنىڭ ئەتىمەسقۇت رايونىدا ئېچىلغان 14-نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالى 12-چېسلا تەنتەنىلىك ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلانغان ئىدى.

بۇ فېستىۋالغا تۈركىيەدىن 40 جەمئىيەت ۋە ۋەقىپ قاتناشقاندىن سىرت يەنە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ھەم باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىپ ۋە مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت سەنئىتىنى نامايان قىلماقتا. ئۇيغۇرلارمۇ 14-قېتىم ئۆزلىرىنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيەت، سەنئىتىنى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۈركىيەدە چىقىۋاتقان كىتاب، ژۇرنال-گېزىتلەرنى ۋە كېيىنكى يىللاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەرنى نامايان قىلماقتا.

8-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا فېستىۋالنى ئۇيۇشتۇرغان ئەنقەرە ئەتىمەسقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەنۋەر دەمىرەل ئەپەندى، ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، مۇستەقىل ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ جەمئىيەت ۋە ۋەقىپلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە خەلقتىن بولۇپ ئون مىڭلىغان كىشى قاتناشتى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئەنقەرە ئەتىمەسقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ئەنۋەر دەمىرەل سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى فېستىۋالغا شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋاكالىتەن تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتىنىڭ قاتناشقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ فېستىۋالىمىزغا قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، شىمالىي سېيپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىشتىراك قىلماقتا. شەرقىي تۈركىستانغا ۋاكالىتەن جەمئىيەت ۋە ۋەقىپلەر ئىشتىراك قىلماقتا. ئىراق تۈركمەنلىرىگە، گىرېتسىيەدىكى تۈركلەرگە، قىرىم تاتارلىرىغا ۋاكالىتەن ئۇلارنىڭ تەشكىلاتلىرى بۇ فېستىۋالغا قاتناشماقتا. بۇ تۈركىي مىللەتلەر 10 كۈن بويىچە تارىخىنى، سەنئىتىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ ۋە ئادەتلىرىنى، پۈتۈن مەدەنىي بايلىقلىرىنى بۇ يەردە تونۇتىدۇ. بۇ فېستىۋال دۇنيادىكى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئۆز‏-ئارا مەدەنىيەتلىرىنى، كۈلتۈرلىرىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇلاردىن باشقا ھەر كۈنى ئاخشام تۈركىيەدىكى داڭلىق ناخشىچىلار كونسېرت كۆرسىتىدۇ.»

كېيىن بىز، 14 يىلدىن بېرى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر بۆلۈمىنى ئېچىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ سابىق رەئىسى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، فېستىۋال مەيدانىدا «دوغۇ تۈركىستان ئېۋى» يەنى شەرقىي تۈركىستان ئۆيى نامىدا بىر كۆرگەزمە ئاچقانلىقىنى، بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، مەشھۇر شەخىسلىرىنى تونۇشتۇرغان رەسىملەرنى، ئەڭ مۇھىمى بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەرنى قويغانلىقىنى بايان قىلدى.

خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى شەرقىي تۈركىستان كېچىسى بولىدىغانلىقىنى، بۇ كېچىدە ئۇيغۇر سەنئەتچى ئابدۇللاھ كۆسەننىڭ دۇتار بىلەن ناخشا ئورۇنلايدىغانلىقىنى، مۇجاھىت قەشقەرلىنىڭ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ داڭلىق سەنئەتچىسى فەرھات گۆچەرنىڭ كونسېرت بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارا فېستىۋالنىڭ 20-چېسلاغىچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر بۆلۈمىنى 150 مىڭ ئەتراپىدا كىشىنىڭ ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

14 يىلدىن بېرى مەخسۇس ئۇيغۇر بۆلۈمى ئېچىپ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقان خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تونۇتۇش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1992-يىلىدىن بېرى ئەنقەرەدە تۇرۇۋاتقان يالقۇن ياقۇپ ئەپەندى، بۇرۇن تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى تارىختا يوق بولۇپ كەتكەن بىر مىللەت دەپ بىلىدىغانلىقىنى، بۇ خىل پائالىيەتلەر نەتىجىسىدە ھازىر كۆپ كىشىنىڭ بىلىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئادۋوكات خاقان ئاشىق ئەپەندى 14 يىلدىن بېرى فېستىۋالغا كېلىپ ئۇيغۇر ئۆيىنى زىيارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ فېستىۋالدا نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى ۋەزىيەتلىرىدىن خەۋەردار بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «14 يىلدىن بۇيان بۇ فېستىۋالغا قاتنىشىۋاتىمەن. ھەر يىلى شەرقىي تۈركىستان ئۆيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتىمەن. بىزنىڭ ئاتا يۇرتىمىزنى بىزگە تونۇشتۇرۇۋاتقان، خىتاينىڭ ئادەم قېلىپىدىن چىققان زۇلۇمىنى تۈركىيە خەلقىگە تونۇتقان چوڭلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن. تۈركلەر بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ سايىسىدا يۈزلەرچە يىل ئايرىم ياشىغان، خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردىنى تېخىمۇ ياخشى بىلىۋاتىدۇ. بىز تۈركلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىن كەلگۈسىدە مۇستەقىل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»

20-ئاۋغۇست كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بۇ فېستىۋالدا، ھەر كۈنى بىر قانچە تۈركىي مىللەت ئۆز مەدەنىيەت سەنئىتىنى نامايەندە قىلغاندىن سىرت، ھەر كۈنى ئاخشام بىر نەپەر داڭلىق سەنئەتچى جۈملىدىن مۇرات دالقىلىچ، قىراچ، گۆكھان تەپە، ئىرەم دەرىجى، قۇتسى، ئىشىن قاراجا، فەرھات گۆچەر، مۇستافا ساندال قاتارلىقلار كونسېرت بېرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.