ئىلشات ھەسەن: باراۋەرلىك بولماي تۇرۇپ ھۆرمەت قىلىشنى تەكىتلەشنىڭ ئۆزى بىر زۇلۇم

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015-03-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە دىققەت قىلىش توغرىسىدا چىقىرىلغان خىتايچە كىتابچە.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە دىققەت قىلىش توغرىسىدا چىقىرىلغان خىتايچە كىتابچە.
Social Media

ئۆزىگە خاس ئېسىل ئۆرپ-ئادەتلەرگە ھۆرمەت قىلىش، بىر بىرىنى ئېتىراپ قىلىش، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن مۇنەۋۋەر ئەنئەنىسى. شۇڭىمۇ ئۇلار ئىنتايىن ئېجىل-ئىناق ياشاپ كەلگەن، ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىش مۇساپىسىدە، تۈرلۈك تەدبىر سىياسەتلەرنى قوللىنىپمۇ خىتايلار بىلەن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرالماي، ئىزچىل مەغلۇپ بولۇپ كەلدى. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتتىكى ئوخشىماسلىقنىڭ، ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپلا قالماي مىللىي زىددىيەت نۇقتىسىغىچە چوڭقۇرلاشقان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، مۇقىملىقنى ساقلاش» ئىستراتېگىيىسىدە ‹‹بەش ئاچقۇچ››تىن ياخشى پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆرپ-ئادەتكە ھۆرمەت قىلىش پوزىتسىيىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك» دېگەننى كۆپ تەكىتلىمەكتە.

ھالبۇكى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى «خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشتىن بۇرۇن بېسىشقا تېگىشلىك تۇنجى قەدىمى، ئۆزىنىڭ باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىشتىن ئىبارەت چوڭ خىتايچىلىقىنى تۈزىتىش ۋە مىللىي باراۋەرلىكنى ئېتىراپ قىلىشتۇر» دەپ كۆرسەتتى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى مۇنداق قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى: «خىتايدا ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆرپ-ئادىتى ئوخشاش بولماسلىق سەۋەبىدىن خىتاينىڭ سىياسىتى ۋە جەمئىيىتىدە كەمسىتىشكە ئۇچراپ كەلدى. خىتاي باشقا مىللەتنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلمايدۇ، ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەتلىرىدىمۇ مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. ھەر بىر مىللەتتە ئۆزىنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە نىسبەتەن ئالاھىدە سەزگۈر ھېسسىياتى بولىدۇ. ئۇيغۇرلارمۇ مىللىي ھېسسىياتى ۋە غۇرۇرى كۈچلۈك مىللەت. مىللىي ئۆرپ-ئادىتىمىزگە قىلغان ھۆرمەتسىزلىك مىللەتكە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك. خىتايلارنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە سەل قارىشىنى مىللىتىمىزنى كەمسىتكەنلىك، دەپ قارايمىز. خىتاي ئۆزىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ ئۆزىدىن باشقا مىللەتلەرگە باھا بېرىپ ۋە تەلەپ قويۇپ كەلدى. بۇ، سىياسەتلىرىدىمۇ ئىپادىسىنى تاپقان. خىتاينىڭ ئۆزى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى ھۆرمەت قىلماي تۇرۇپ،باشقىلاردىن ئۆز ئۆرپ-ئادىتىنى ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىشى يولسىزلىق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرماي تۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى قوغداشنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلماي تۇرۇپ، ھۆرمەت قىلىشنى تەكىتلىشىنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل مىللىي زۇلۇم.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇقىملىق تەدبىرى سۈپىتىدە، نۆۋەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە قانداق ھۆرمەت قىلىش، نېمىلەرگە دىققەت قىلىش توغرىسىدا بەزى قوللانما، كىتابچىلارنى چىقىرىپ، تەشۋىقاتلىرىدىمۇ بۇنى تەكىتلەۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىدىكى قالاق تەرەپلىرىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن خىتاينىڭ مۇقىملىق ئېھتىياجى ئۈچۈنلا مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشىنى شوئار قىلىپ كۆتۈرۈپ چىقىش بىلەنلا زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشتا رول ئوينىيالمايدۇ، ئوخشاشلا مەغلۇپ بولىدۇ. خىتاينىڭ باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى ئۈچۈن، ئەمەلىيەتتە بېسىشقا تېگىشلىك تۇنجى قەدەم، ئۆزىنىڭ باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىشتىن ئىبارەت چوڭ خىتايچىلىقىنى تۈزىتىش ۋە مىللىي باراۋەرلىكنى ئېتىراپ قىلىشتۇر.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت