ياش رەسسام ۋېنېرا ۋاجىتوۋانىڭ رەسىملىرى قازاقىستاندا ئالقىشقا ئېرىشمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017-05-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئالماتا شەھىرىدە قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا ياش ئۇيغۇر رەسسام ۋېنېرا ۋاجىتوۋانىڭ يەككە كۆرگەزمىسى ئۆتۈۋاتماقتا. قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مىللىي-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئاستانا شەھەرلىك بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر كۆرگەزمە 7-ماي كۈنى ئېچىلغان ئىدى. «قايتا تۇغۇلغان ئەنئەنىۋى سەنئەت» دەپ ئاتالغان بۇ كۆرگەزمىدە رەسسامنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ياراتقان ئەسەرلىرى قويۇلغان.

ۋېنېرا ۋاجىتوۋانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى ئۇيۇشتۇرغان يەككە كۆرگەزمىسى بولۇپ، بۇ:بىرىنچىدىن، ياش رەسسام ئىجادىيىتىنى خەلققە تونۇشتۇرۇش، ئىككىنچىدىن، رەسساملىق سەنئىتىنى ياشلار ئارىسىدا تەشۋىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ۋ. ۋاجىتوۋا بىر نەچچە مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان بولۇپ، ئاخىرقى قېتىمدا تۈركىيەدە ئۆتكەن رەسساملار كۆرگەزمىسىگە ئىشتىراك قىلغان ئىدى.

ۋېنېرا ۋاجىتوۋا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ كۆرگەزمەمگە بىر يىل جەريانىدا تەييارلىق كۆردۈم. ئۇنىڭغا 40 رەسىمىمنى قويدۇم. ‹مۇزىكىلىق توپلام› ناملىق رەسىملىرىمنىڭ بىر گۇرۇپپىسىنى قويدۇم. بۇلارنىڭ ئارىسىدا مەشرەپمۇ، مۇقاممۇ بار. مۇھەببەتكە بېغىشلانغان بىر نەچچە توپ رەسىملىرىم بار».

قازاقىستان ئۇيغۇر رەسساملىقىدا گۈزەل مەمەدىنوۋا، مۇھەببەت ھېيتاخۇنوۋا، مۇنىسا گۇلىيېۋا، كامىلەم قۇربانوۋاغا ئوخشاش تالانتلىق رەسساملار يېتىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى پات-پات جۇمھۇرىيەت مىقياسىدا ۋە چەت ‘ئەللەردە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ تۇرىدىغان كۆرگەزمىلەردىن ئورۇن ئالماقتا. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك تارىخى، مەدەنىيىتى ئەكس ئېتىلگەن بولۇپ، تەسۋىرىي سەنئەت ئىشقىۋازلىرىنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولماقتا. ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق چونجا يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن ۋېنېرا ۋاجىتوۋا شۇلارنىڭ يەنە بىرى. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، 2002-يىلى ئالماتادىكى ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بەدىئىي رەسساملىق فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئوقۇشنى تاماملاپ ئالماتادىكى تېخنىكوملارنىڭ بىرىدە رەسساملىق مۇئەللىمى بولۇپ ئىشلىگەن ھەم بۇ جەرياندا باي تەجرىبە توپلىغان.

ۋ. ۋاجىتوۋا كېلەچەكتە ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ يېڭى نام بىلەن چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋېنېرا ۋاجىتوۋا 2008-يىلى ئۆزىنىڭ «مۇزىكىلىق توپلام» ناملىق دەسلەپكى ئەمگىكى بىلەن ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ «دۇنيا ئارت» گاللېرىيەسىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ياش رەسساملار فېستىۋالىغا قاتناشتى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى يۇقىرى باھالانغان. 2009-يىلى ۋېنېرا ۋاجىتوۋا سانائەتچىلەر، تىجارەتچىلەر ۋە يېزا ئىگىلىكى خادىملىرى بىرلەشمىسى تەسىس قىلغان مۇستەقىل «ئىلھام» مۇكاپاتىنىڭ رەسساملىق بۆلۈمى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا سازاۋەر بولدى. ئۇ ئۆز بىلىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش مەقسىتىدە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە بولۇپ، بۇ يەردە كىيىم سىزىش كەسپىنى ئىگىلەش بىلەن بىر قاتاردا سۇ بېتىدە سۈرەت سېلىش، يەنى «ئېبرۇ» ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ چىققان. ئۇ بۇ تەجرىبىسىنى كېيىنرەك قازاقىستاندىمۇ ئىشلەتكەن.

سەنئەتشۇناس ۋە رەسسام، «دۇنيا ئارت» گاللېرىيەسىنىڭ مۇدىرى ھاكىمجان گۇلىيېف 2008-يىلى ئۇيۇشتۇرۇلغان ياش رەسساملار فېستىۋالىدا ۋېنېرا ۋاجىتوۋانىڭ «مۇزىكىلىق توپلام» ئەسىرى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بىرىنچى تەسىراتىم ياۋروپادا ‹پوپ-ئارت› دەيدىغان سەنئەت ئېقىمى پەيدا بولغان. ئۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50- ۋە 60-يىللىرى پەيدا بولغان تەسۋىرىي سەنئەت تۈرى. بۇ قىزنىڭ قېنىدا مىللىي روھ بار. مانا شۇ روھ ئۇنىڭ ئىجادىغا تەسىر قىلغان».

ھاكىمجان گۇلىيېفنىڭ تەكىتلىشىچە، ۋ. ۋاجىتوۋا كومپيۇتېر رەسساملىقىدىمۇ يېڭىلىقلار يارىتىپ، ئومۇمەن قازاقىستان رەسساملىق سەنئىتىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىغا ئۆزىنىڭ مۇناسىپ تۆھپىسىنى قوشۇۋاتماقتا.

ۋ. ۋاجىتوۋا سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مەزكۇر كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرۇشتا ھەم مەنىۋى، ھەم ماددىي جەھەتتىن ياردەم كۆرسەتكەن ئاستانا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى رۇستەم ئابدۇسالاموفقا ئالاھىدە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى ھەم بۇ كۆرگەزمىنىڭ 1-ئىيۇنغىچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت