ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ ئەسەرلىرى يۇقىرى قىزىقىشلارغا ئېرىشمەكتە

قازاقىستاندا تونۇلغان رەسسام ئەركىن زۇلپىقاروف يېقىندىن بۇيان ئۆز ئىجادىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇۋاتقان يېڭى ئەۋلاد رەسساملاردىن بىرى.

قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ھەتتا رۇسىيە فېدەراتسىيەسىدە بىر توپ ئۇيغۇر رەسساملىرى ئۆز ئىجادىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، سانكىتپېتېربۇرگدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر رەسسامى ئازاد مەمەدىنوف، ئۆزبېكىستاندىكى تونۇلغان رەسسام لېكىم ئىبرايىموف، قىرغىزىستاندىكى سابىت باباجانوف ۋە قازاقىستاندىكى بىر گۇرۇپپا رەسساملارنىڭ ئىجادىيەتلىرى رەسساملىق سەنئىتى ساھەسىدە ئىزچىل ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىپ كەلمەكتە ئىدى. يېقىندىن بۇيان يېڭى ئەۋلاد رەسساملارمۇ ئۆز ئىجادىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئەنە شۇلارنىڭ بىرى قازاقىستاندا تونۇلغان رەسسام ئەركىن زۇلپىقاروفتۇر.

4-سېنتەبىر كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئەبىلخان قاستېيېف نامىدىكى دۆلەت سەنئەت مۇزېيىدا تونۇلغان رەسسام، قازاقىستان رەسساملار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى ئەركىن زۇلپىقاروفنىڭ يەككە كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. ئۇنىڭغا ھەر خىل مىللەت ۋەكىللىرى، رەسساملار، زىيالىيلار، يۇرت-جامائەتچىلىك، ياشلار قاتناشتى.

كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئاچقان ئەبىلخان قاستېيېف نامىدىكى دۆلەت سەنئەت مۇزېيىنىڭ مۇدىرى گۈلمىرە شالابايېۋا ئەركىن زۇلپىقاروف ئىجادىيىتىنىڭ قازاقىستاندىكى تەسۋىرىي سەنئەت مۇخلىسلىرىغا ياخشى تونۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بارلىق مېھمانلارنى كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن تەبرىكلىدى.

سۆزگە چىققان قازاقىستان باش بىناكارلىق-قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ پروفېسسورى، بىناكارلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىم سابىتوف، سەنئەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ دوكتور كاندىداتى خالىما تۇرىسبېكوۋا، «دۇنيا ئارت» ھازىرقى زامان سەنئەت گالېرېيەسىنىڭ (كۆرگەزمىخانىسىنىڭ) مۇدىرى ھاكىمجان گۇلىيېف ۋە باشقىلار ئەركىن زۇلپىقاروفنىڭ قازاقىستان تەسۋىرىي سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى رولىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنىڭغا يەنە چوڭ ئۇتۇقلار تىلىدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رەسسام، قازاقىستان باش بىناكارلىق -قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ پروفېسسورى ئەركىن زۇلپىقاروف ئۆزىنىڭ رەسسام بولۇشىغا ئىككى شەخسنىڭ، يەنى بىرتۇغقان ئاكىلىرى ئۆزبېكىستاننىڭ خەلق رەسسامى مېدەت قاھھاروف ۋە كۈرەش زۇلپىقاروفنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ھەم ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە دادىسى، ئاتاقلىق يازغۇچى مەسۈمجان زۇلپىقاروفنىڭ ئىجادىيىتىدىكى تارىخىي ماۋزۇنىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ‹مىراس› دەپ ئاتالغان رەسىمىم بار. مەن ئۇنىڭدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمىي ئۆتمۈشىنى كۆرسىتىشكە تىرىشتىم. ‹ئوغۇزلار› ناملىق رەسىمىمدە توققۇز ئوغۇز ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ بىرىكىپ، قەدىمىي مەملىكەت بەرپا قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. مېنى كۆپرەك تەڭرىچىلىك مەدەنىيىتى، ئىسلامغىچە، بۇددىزمغىچە بولغان دەۋرلەر مەدەنىيىتى قىزىقتۇرىدۇ. مەن بۇددىزم ۋە ئىسلام دەۋرلىرىگىمۇ كۆپ قىزىقىمەن، چۈنكى بۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ دەۋرلىرى.»

كۆرگەزمىدە رەسسامنىڭ 70 يېقىن ئەمگىكى قويۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ماۋزۇ دائىرىسى كەڭدۇر. قازاقىستان ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ پىكرىچە، ئەركىن زۇلپىقاروف ئۆزىنىڭ ھەم تالانتى، ھەم ئۇسلۇبى جەھەتتىن باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىكەن. زىيارىتىمىزنىڭ قوبۇل قىلغان رەسسام، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى ئەخمەتجان ئەھەت مۇنداق دېدى: «زۇلپىقاروفلار ئىجادىيەتچىلەر ئائىلىسى. دادىسى مەسۈمجان زۇلپىقاروف ئاتاقلىق يازغۇچى. كۈرەش تالانتلىق كىتاب رەسسامى ۋە گرافىكىچى. ئەركىن زامانىۋى رەسسام. ئۇنىڭ سۈرەتلىرىدە چوڭقۇر پەلسەپىۋى ئويلار بار. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتمۈش دەۋرىدىن ئېلىنغان پىكىرلەر. شۇنىڭغا ئاساسلىنىپ، زامانىۋى، ئابستراكتلىق سۈرەتلەرنى ياسىغان. ئۇ رەڭ، بوياقلىرىنىڭ خىلمۇ-خىللىقى، كومپوزىتسىيە تەرەپتىن بولسۇن ئىنتايىن پۇختا رەسسام. مۇنداق ئۇسلۇبتا ياساۋاتقان رەسساملار ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئاز. بۇ سۈرەتلەرنى ياۋروپا، ئامېرىكا مۇزېيلىرىدا قويۇشقا بولىدۇ، چۈنكى شۇلارنىڭ تەسۋىرىي سەنئىتىگە ئوخشاش كېتىدۇ.»

يەنە بىر رەسسام، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى ھاشىم قۇربانوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئەركىن زۇلپىقاروفنىڭ تالانتى باشقىمۇ يۆنىلىشلەردە يارقىن كۆرۈنۈپ كەلمەكتىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەركىن پەقەت رەسساملا ئەمەس، ئۇ ھەم لايىھىلىگۈچى رەسسام. ئۇ قازاقىستاندىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىلمىي-تەتقىقات مەركىزىنى باشقۇرۇپ، قازاقىستاندىكى چوڭ مۇزېيلارنىڭ بۇيۇملىرىنى ياساپ چىققان. ئەركىن ئالمۇتا شەھىرىدىكى كۆپلىگەن رېستوران، مېھمانخانا، سودا مەركەزلىرىنىڭ ئىچكى ۋە سىرتقى كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى. ئۇ بۇنىڭدىن تاشقىرى قازاقىستان باش بىناكارلىق ئىنستىتۇتىدا مۇئەللىم بولۇپ ئىشلەيدۇ.»

«دۇنيا ئارت» ھازىرقى زامان سەنئەت گاللېرېيەسىنىڭ مۇدىرى، سەنئەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ھاكىمجان گۇلىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرقى ۋاقىتتا قازاقىستانلىق ئۇيغۇر رەسساملىرى سېپىنىڭ بىر قىسمىنى سوۋېت دەۋرىدە يېتىلگەن ئابدۇكېرىم ئىسا، رۇسلان يۈسۈپوف، ھاشىم قۇربانوف، كۈرەش زۇلپىقاروف، ئۆركەش ھەسەنوف قاتارلىق تونۇلغان رەسساملار ئىگىلىسە، ئىككىنچى قىسمىنى مۇھەببەت ھېتاخۇنوۋا، ۋېنېرا ۋاجىتوۋا، مۇنىسا گۇلىيېۋا، نۇزۇگۇم سامىيېۋا، گۈزەل زاكىروۋا قاتارلىق ياش، تىرىشچان رەسساملار تەشكىل قىلىدىكەن. 20 گە يېقىن رەسسامنىڭ ھەممىسى «دۇنيا ئارت» گالېرېيەسى ئەتراپىغا توپلانغان.

ھاكىمجان گۇلىيېف ئالمۇتا شەھىرىدە رەسساملارنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەرنىڭ يارىتىلغانلىقىنى، ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان كوللېكتىپنىڭ بۇ يۆنىلىشتە ئاكتىپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مانا ئەتە قازاقىستان رەسساملار ئىتتىپاقى بىناسىدا رەسساملارنىڭ كۆرگەزمىسى ئېچىلماقچى. شۇ يەردىمۇ ئۇيغۇر رەسساملىرى ئۆز ئەمگەكلىرىنى قويدى. ‹دۇنيا ئارت› گاللېرېيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن چوڭ ئىشلار ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ. 2017- ۋە 2018-يىللىرى ئۇيغۇر تىياتىرى زاللىرىدا كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇردۇق. 2017-يىلى بىر توپ ئۇيغۇر رەسساملىرى ئۇيۇشتۇرغان كۆرگەزمە بىلەن بىللە مېنىڭ ‹مەركىزىي ئاسىيادا ئۇيغۇر موي قەلەم ۋە گرافىكىسىنىڭ تىكلىنىشى ۋە تەرەققىي ئېتىشى›دېگەن چوڭ ئىلمىي ئەمگىكىم تونۇشتۇرۇلدى.»

ھاكىمجان گۇلىيېف قازاقىستان رەسساملىرىنىڭ باشقا قوشنا مەملىكەتلەر، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان ئالاقىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ۋەتەندىكى رەسساملار بىلەن ھېچ قانداق ئالاقىمىز يوق. بۇرۇن غازى ئەمەت بىر نەچچە قېتىم كېلىپ، ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. باشقا رەسساملار كەلمىدى. ئەمدى ئۇ ياققا بىر توپ رەسساملىرىمىزنى بىر لايىھە بويىچە چاقىرغان. بىراق مەسىلە يېشىلمەي قالدى. بىزنىڭمۇ كۈچىمىز يەتمىدى. بىز ئۇ ياققا بارالمىدۇق. بىراق ئۆزبېكىستاندىن ئۆمەر مەڭسۈروف، لېكىم ئىبراھىموف، قىرغىزىستاندىن تەلەت مىررەھىموفقا ئوخشاش رەسساملار بېرىپ، ئۆز ئەسەرلىرىنى بىر ھەپتە كۆرگەزمىدە قويۇپتۇ.»

ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر رەسساملىرى بىلەن ئالاقىنىڭ ساقلىنىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، بۇلتۇر نويابىر ئېيىدا ئۆمەر مەڭسۈروف دېگەن رەسسامنىڭ 70 يىللىق تەۋەللۇتى بولدى. شۇنىڭغا بىزنىڭ رەسساملار تاشكەنتكە بېرىپ، ئۇنىڭ كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇق. ئۇنىڭ ‹قەدىمىي تۇراننىڭ شانلىق ئۆتمۈشى› ناملىق شەخسىي كۆرگەزمىسى ئېچىلغان ئىدى. قىرغىزىستان بىلەن بۇرۇن ئالاقىمىز بار ئىدى. كېيىنكى ۋاقىتتا ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەت ئانچە ياخشى بولماي قالدى. مەسىلەن، ئىككى يىل بۇرۇن سابىت باباجانوف ئالمۇتادا قاستېيېف مۇزېيىدا ئۆزىنىڭ شەخسىي كۆرگەزمىسىنى ئاچتى. ئۇلار بۇ ياققا كېلىۋاتىدۇ. بىز بولساق بارالمايۋاتىمىز.»

ھاكىمجان گۇلىيېف باشقا مەملىكەتلەردىكى ئۇيغۇر رەسساملىرى بىلەن ئۆز ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ھەمدە ئارىدىكى مەدەنىي ئالاقىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن بارلىق ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ قازاقىستاندا ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلادىنىڭ تەربىيىلىنىپ چىقىۋاتقانلىقىنى، شۇلاردىن چوڭ ئۈمىدلەر كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.