غەرب دۇنياسىدا ئۇيغۇر رېژىسسورلۇق قىلغان تۇنجى كىنو ياخشى ئىنكاس ياراتتى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.03.27
abduraxman-ozturk-rezhissor.jpg ياش ئۇيغۇر رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۇيغۇر ئۆزتۈرك.
Social Media

تۈركىيە كىنو ئوبزورچىلىقى تورىدا مەزكۇر كىنو ھەققىدە يېزىلغان ئوبزوردا، كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈشكە چوقۇم يېنىدا ياغلىق ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىشىدىن، غەرب دۇنياسىدا تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر تەرىپىدىن چەتئەلدە ئىشلەنگەن مەزكۇر كىنونىڭ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى جەزملەش تەس ئەمەس، قېنى ئۇنداقتا «ئاق كىت» نى كۆرگەن تاماشىبىنلار بۇ كىنوغا قانداق باھالار بېرىدۇ، مەزكۇر كىنونى ئىشلەپ تارقىتىشقا 3 يىلدىن ئارتۇق ئەجىر قىلغان، رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۇيغۇر ئۆزتۈرك، كىنونىڭ رەسمىي قويۇلۇشقا باشلىشى بىلەن كۈتكەن مەقسەتلىرىگە يەتتىمۇ؟

تۈركىيەدە، تۈرك خەلقىنىڭ ھاياتى ھەققىدە، تۈرك تىلىدا، ئەمما بىر ئۇيغۇر رېژىسسور تەرىپىدىن ئىشلەنگەن كىنو «ئاق كىت»، 24-مارت ئاخىرى كىنوخانىلارغا كىردى، مەزكۇر كىنو تېخى قويۇلماي تۇرۇپلا، تۈركىيە شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قىزىقىش قوزغىغان ئىدى ۋە فىلىمنى ئۇنى كۆرۈشكە تەقەززا ئىدى. تۈرك مەتبۇئاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەزكۇر كىنو تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن، بەلگىلىك ياخشى تەسىر پەيدا قىلغانلىقى مەلۇم. «بەياز بالىنا»‏ - «ئاق كىت» موبى دىكنىڭ جەلپ قىلارلىق ھېكايىسىگە مەھلىيا بولغان 2 ئۆسمۈرنىڭ، بولۇپمۇ ھەر ئىككىسى باشقا-باشقا دۇنيا ھېسابلىنىدىغان، بىراق شۇنداقتىمۇ ئىككىسىنى بىر-بىرىگە باغلىغان كاتتا بىر دوستلۇقنىڭ ھېكايىسىنى جانلاندۇرۇپ بېرىدۇ.

بۇ كىنو نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى چوڭ ‏-كىچىك 35 شەھەر كىنوخانىسىدا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، يەنە 2، 3 ھەپتە قويۇلىدىكەن. ئالدى بىلەن بۇ كىنو ئابدۇراخمان ئۇيغۇر ئۆزتۈركتەك بىر ياش ئۇيغۇر رېژىسسور تەرىپىدىن ئىشلەنگەن كىنو بولغىنى ئۈچۆن، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ۋە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلار قىزغىنلىق بىلەن كۆرگەن. ئىستانبۇلدا بۇ كىنونى ئىككى نۆۋەت تاماشا قىلغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قىز، كىنونىڭ سېنارىيىسى، ۋەقەلىكى، سۈرەتكە ئېلىنىش، كىرىشتۈرۈش ۋە مۇزىكىلىرىنىڭمۇ ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيىدە ئىكەنلىكىنى، ئېستېتىك ۋە مەنىۋى زوق ئالغانلىقىنى، مۇھىمى بىر ئۇيغۇر رېژىسسور تەرىپىدىن ئىشلەنگەن كىنو بولغىنى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بۇ فىلىمنى ئىپتىخارلىق ئىچىدە تاماشا قىلغانلىقىنى ھاياجان ئىچىدە بايان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك ئۇچۇر ۋاسىتىسى بولغان تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى ئۇيغۇر ياش رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۇيغۇر ئۆزتۈرك تەرىپىدىن تۈركىيەدە ئىشلەنگەن «بەياز بالىنا»‏ - «ئاق كىت» ناملىق فىلىم بۈگۈن 24-مارتتىن ئېتىبارەن تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى كىنوخانىلاردا قويۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، خەۋەرنى تەييارلىغۇچى مەزكۇر رادىيونىڭ ئۇيغۇر بۆلۈم مۇخبىرى مىركامىل ئەپەندىنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ «ئاق كىت» ناملىق فىلىم بىر ئۇيغۇر رېژىسسور تەرىپىدىن غەربتە شۇنداقلا تۈركىيەدە ئىشلەنگەن ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى فىلىم دەپ باھا بەردى ۋە بۇ فىلىمنىڭ تۈركىيە كىنوچىلىق ساھەسىدىمۇ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، تۈركىيەنىڭ ئاتاقلىق كىنو ئوبزورچىلىق تور بىتى «www.beyazperde.com» بۇ فىلىمغا باھا بېرىپ: «شەرقىي تۈركىستانلىق ئابدۇراخمان ئۇيغۇر ئۆزتۈرك تەرىپىدىن تۈركىيەدە ئىشلەنگەن تۇنجى كىنو ئىكەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە كۆزدە تۇتۇشىمىز لازىم. تاماشىبىنلارنىڭ، فىلىمنىڭ ئاخىرىغا يېقىن، ئۇچرايدىغان تولىمۇ تەسىرلىك، پاجىئەلىك ۋەقەنى كۆرۈش ئۈچۈن كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈشكە چوقۇم يېنىدا ياغلىق ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز» دېگەنلىرىنى مىسالغا ئالدى.

ئىلگىرى رادىيومىز ئاڭلىتىشلىرىدا ئۇيغۇر ياش رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۇيغۇر ئۆزتۈرك ئەپەندىنى «بەياز بالىنا» ‏- «ئاق كىت» ناملىق فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان پەيتىدە ھەمدە فىلىم پۈتكەن باسقۇچلاردىمۇ زىيارەت قىلىپ خەۋەر بەرگەن ئىدۇق، بۈگۈن فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كىنوخانىلارغا كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن قايتا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇراخمان ئەپەندى، كىنونىڭ دەسلەپكى قويۇلغاندىلا تاماشىبىنلار ۋە كىنو ساھەسىدىكىلەر ئارىسىدا ياخشى تەسىر پەيدا قىلىۋاتقانلىقىدىن، ئۆزىنىڭ كىنوچىلىق ساھەسىگە قەدەم باسقاندىن كېيىنكى تۇنجى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆرۈۋاتقاندەك ھېسسىياتتا ئىكەنلىكىنى، ھازىرغىچە مەتبۇئاتلارغا چىققان ۋە ئاغزاكى بىۋاسىتە ئالغان باھالاردىن فىلىم ئىشلەشكە قاتناشقان بارلىق ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ ھاردۇقى چىققاندەك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇراخمان ئەپەندى سۆزىدە يەنە، كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «ئاق كىت» نىڭ نۆۋەتتە چەتئەللەردە تارقىتىلىشقىمۇ يول ئېچىلىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە ياپونىيەدە قويۇلۇش رەسمىيەتلىرىنىڭ پۈتكەنلىكىدەك خۇش خەۋەرنى بەردى.

بۇ ياش رېژىسسور يەنە، ئۆزىنىڭ تۇنجى كىنوسىنىڭ يورۇقلۇق كۆرگەنلىكىدىن خۇشاللىق تۇيۇۋاتقان مۇشۇ پەيتلەردە، باشقىلارنىڭمۇ ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بىر ئاكتىپ كۈچ، بىر ئىلھام بولسىكەن دېگەن ئۈمىدلەردە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىر چاغلاردا، مەنمۇ كىنوچىلىققا ئوتتەك ئىشتىياقى بار، ئەمما بۇ جەھەتتە تەربىيىلىنىشكە ئىمكانى يوق، ئۈرۈمچىدىكى ئادەتتىكى بىر «دەيچىلىك» قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان ھەۋەسكار ئىدىم. بۇ يولدا 10 يىلدىن ئارتۇق تىرىشتىم، شۇ تاپ تۇنجى فىلىمى يورۇق كۆرگەن رېژىسسور ئاتالدىم، ئەلۋەتتە بۇ بىر باشلانغۇچ مەن ئۈچۈن، ئەمما كۆڭلىمىزگە پۈككەن ئىكەنمىز، تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك، ھامان ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز، ھەممە ئادەم قىلالايدۇ، جۈملىدىن كىنو ساھەسىگە قىزىققان ياشلىرىمىز بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشقا تەييارمەن» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.