چەتئەل تارىخشۇناسلىرىنىڭ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخى ھەققىدىكى بايانلىرى (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.07.13
istiqlal-zhurnili.jpg 1933-يىلى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغاندىن كېيىن قەشقەردىكى «ئىستىقلال جەمئىيىتى» نەشر قىلىشقا باشلىغان «ئىستىقلال» قوش ھەپتىلىك ژۇرنىلى.
RFA/Eziz

«سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى ھەل قىلغۇچ ئورۇندا بولدى!»

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، بولۇپمۇ 1920-يىللاردىن كېيىن دۇنيا مىقياسىدا ئوتتۇرىغا چىققان بىر قاتار سىياسىي ئۆزگىرىشلەر خىتاي مىلىتارىستلىرىدىن شېڭ شىسەي بېسىپ ياتقان ئۇيغۇرلار دىيارىغا ھەر خىل ئىدىيەلەرنى ئېلىپ كىرگەنلىكى مەلۇم.

بۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى، ئوسمان ئىمپېرىيەسى ۋە خىتاي دېموكراتچىلارغا خاس ئىدىيەلەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىشقا باشلىغان. بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزگە قاتناشقان تارىخشۇناسلاردىن دېيۋىد بروفىي ۋە ئوندرېي كلېمىس بۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

جۇغراپىيىلىك جايلىشىشتىكى يېقىنلىق تۈپەيلىدىن 1920-يىللاردىكى ئۇيغۇرلار دىيارىغا بەكرەك تونۇشلۇق بولغان رايونلارنىڭ بىرى رۇسىيەگە قاراشلىق جايلار بولغانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزگە ئىشتىراك قىلغان چېخ جۇمھۇرىيەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئوندرېي كلېمىس بۇ تارىخىي باسقۇچتا ئاشۇ رايونلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە دائىر كۆپلىگەن ھادىسىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئەمما، ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى باشقا ۋەقەلەرگە بىۋاسىتە ھەمدە ۋاسىتىلىك يوسۇندا تەسىرى بولغان بۇ ئەھۋاللار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەنبەلەرنىڭ ئانچە كۆپ تەتقىق قىلىنمىغانلىقىنى، شۇنداق بولسىمۇ بۇ مەزگىلدە جۇمھۇرىيەتچىلىك بىلەن بىللە يەنە، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ كوممۇنىزم ئاساسىدىكى ئىدىيىۋى نەزەرىيەلىرىنىڭ تارقالغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەنە شۇ تەرىقىدە يېڭىدىن ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان بولشېۋىكلەر 1924-يىلىدىن باشلاپ خىتاي بىلەن دىپلوماتىك ئالاقە ئورناتقان ھەمدە تېزدىن ئۇيغۇرلار دىيارىغا سىڭىپ كىرىشنى باشلىۋەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئون يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تېزلا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تەسىر جەھەتتە ئەڭ زور جەلپكارلىققا ئىگە بولغان چەتئەل كۈچلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ بولغان.»

شۇ ۋاقىتلاردىكى تارىخىي مۇھىتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلاردىن بىرى، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن غۇلامىدىن پاختا ئەينى زاماندىكى سوۋېت تەسىرىنىڭ قەشقەردىكى شولىسىنى تەسۋىرلەپ بەردى.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا سىڭىپ كىرىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا، ئاۋسترالىيە سېدنىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور دېيۋىد بروفىي «بۇنىڭدا ئاۋۋال ئىقتىسادىي مەنپەئەت باش نىشان قىلىنغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زېمىن كېڭەيتىش نىيىتى بولغانلىقى ھەققىدە بېشارەتلەر مەۋجۇت ئەمەس» دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار دىيارىدا سوۋېت تەسىرى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان بىر پەيتتە، يەنى 1931-يىلى قۇمۇل تاغلىرىدىن باشلانغان خوجا نىياز ھاجى قوزغىلىڭى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى دەۋر بۆلگۈچ تارىخىي باسقۇچنىڭ پەردىسىنى ئاچتى. خەلقئارا ۋەزىيەتنى ھەمدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى رېئاللىقنى ياخشى تونۇپ يەتكەن بىر قىسىم ئۇيغۇر سەرخىللىرى، جۈملىدىن سابىت داموللا، مۇھەممەتئىمىن بۇغرا قاتارلىقلار ئەنە شۇ خىل تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ‹ئالدى بىلەن مىللىي دۆلەتنى بەرپا قىلىش لازىم› دېگەن چۈشەنچە ئاساسىدا 1933-يىلى 12-نويابىر كۈنى قەشقەردە ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى› نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.»

بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىدىكى بىر يېڭى بۆسۈش» دەپ ئاتاۋاتقان بۇ باسقۇچتىكى قوزغىلاڭنىڭ سوۋېتلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى ھەمدە بۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئەينى ۋاقىتتا زور پىكىر ئىختىلابى پەيدا قىلغانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە پىكىر قىلغان دوكتور دېيۋىد بروفىي مۇنداق دەيدۇ: «مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا ‹نىجاتكار› دۆلەت سۈپىتىدە قارىلىپ كېلىۋاتقان تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە شۇ ۋاقىتتىكى خوجا نىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەربىي ۋە دىپلوماتىك ياردەم سوراپ مەكتۇپ يوللىغانلىقى ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەردە خېلى زور ئۈمىد پەيدا قىلغان.» ئەمما دېيۋىدنىڭ قارىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ كەتكەن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىغۇدەك چولىسى بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەنگلىيە، خىتاي قاتارلىق ئەللەر بىلەن ئۆز‏-ئارا تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشى ئارقىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلارمۇ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قوزغىلاڭلارغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشتىن ئاجىز كەلگەن.

ئەنە شۇ خىل پەۋقۇلئاددە تارىخىي شارائىتتا يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن خىتاي مىلىتارىستى شېڭ شىسەي، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ خىل ھەل قىلغۇچ ئورۇندىكى نوپۇزىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، تېزلا ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي «پادىشاھلىق» ئىغا ئايلاندۇرۇۋالدى. بۇ بولسا شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قاتار تارىخىي ۋەقەلەرگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.