«دۇنيا تىلى-تۈركچە» ناملىق خەلقئارالىق يىغىنىدا ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە 11 ماقالە ئوقۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.11.06
dunya-tili-turkche-9-nowetlik-2017-yighin.jpg 9-نۆۋەتلىك «دۇنيا تىلى-تۈركچە» ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 3-نويابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي رايونىغا جايلاشقان مالاتيا ۋىلايىتىدىكى ئىنۆنۈ ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان 9-نۆۋەتلىك «دۇنيا تىلى-تۈركچە» ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان 11 پارچە ئىلمىي دوكلات ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، گېرمانىيە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، ياپونىيە، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن بولۇپ 100 دەك تەتقىقاتچى قاتناشتى.

2-نويابىردىن 4-نويابىرغىچە داۋاملاشقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئەللەردىكى تۈركولوگلار ماقالە ئوقۇدى. ئىستانبۇل بىلگى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور مۇرات ئورخۇن ئەپەندىمۇ مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، يىغىن توغرىسىدا بىر قىسىم تۈركولوگلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دوكتور مۇرات ئورخۇن ئەپەندى بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا نۇرغۇن دۆلەتتىن كەلگەن تۈركولوگلارنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور مۇرات ئورخۇن ئەپەندى يىغىندا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى بويىچە ئوقۇپ ئۆتۈلگەن ئىلمىي دوكلاتلارنىڭ كۆپلۈكىنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆپلۈكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ، مەزكۇر يىغىندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرى توغرىسىدا ئىلمىي دوكلات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تۈركولوگىيە تەتقىقاتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. تۈركىيەدە باشقا تۈركىي تىللار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر تىلىمۇ ئۆگىتىلمەكتە. دوكتور مۇرات ئورخۇن ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرشۇناسلار بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بايان قىلدى.

بىز مەزكۇر يىغىنىغا قاتناشقان تۈركمەنىستانلىق تۈركولوگ بەردى سارىيېف ئەپەندى بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ، جۈملىدىن تۈركمەنلەرنىڭمۇ ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرىدىن ئىز ئىزدەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە مۇنداق دېدى:

«تۈرك دۇنياسىنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت ۋە تارىخ ئىزلىرىنى ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىن ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن تاپالايمىز. چۈنكى ئۇ يەردە بىزنىڭ يىلتىزىمىز مەۋجۇت. مەسىلەن، ‹قۇتاتغۇ بىلىك› دېگەن ۋاقتىمىزدا بۇ ئۇيغۇرلاردىن باشلانغان ۋە بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن مۇھىم بىر ئەسەر، ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مىراسى. يىغىندا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كۆپ ساندىكى تۈركولوگلار ماقالە ئوقۇدى. پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر ھازىرقى زامان تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىشى كېرەك، شۇڭا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدىكى ئورنى ئىنتايىن يۇقىرى.»

خەلقئارالىق «دۇنيا تىلى-تۈركچە» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى تۈركىيە باش مىنىستىرلىق ئىدارىسى قارمىقىدىكى تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى، تۈركىي مىللەتلەر ھەمكارلىق ئىدارىسى، مالاتيا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئىنۆنۈ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 4 ئورگان ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ھەر يىلى ئوخشىمايدىغان دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلەپ كەلمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.