ئالماتادا قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى تونۇشتۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016-06-15
Share
uyghurshunas-alimlar-emgek-tonushturush-murasimi-almata.jpg ئالماتادىكى يازغۇچىلار ئۆيىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ كېڭەيتىلگەن مەجلىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارنىڭ نەشر قىلغان ئەمگەكلىرى تونۇشتۇرۇلدى. 2016-يىلى 14-ئىيۇن، ئالماتا.
RFA/Oyghan

14-ئىيۇندا ئالماتادىكى يازغۇچىلار ئۆيىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ كېڭەيتىلگەن مەجلىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارنىڭ نەشر قىلغان ئەمگەكلىرى تونۇشتۇرۇلدى.

قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى ھەم «ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىمەك بىلەن ئۆتكەن مەزكۇر پائالىيەتتە رۇسىيە فېدېراتسىيىسى داغىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ماخاچكالادا يورۇق كۆرگەن «تۈرك دۇنياسىنىڭ خەۋىرى» ژۇرنىلى، ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى خادىملىرى تەييارلىغان «ئۇيغۇرشۇناسلىق: تارىخىي-فىلولوگىيەلىك تەتقىقاتلار» ماقالىلەر توپلىمى ۋە ئالىمە گۈلنارە ئائۇتوۋانىڭ «لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجادىي مىراسى» مونوگرافىيىسى مۇھاكىمە قىلىندى. ئۇنىڭغا ئالىملار ۋە يازغۇچىلار قاتناشتى.

مەجلىسنى ئاچقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئەخمەتجان ھاشىرى ئالدى بىلەن مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرىنى ۋە ئەمگەكلەرنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ئاندىن سۆزگە چىققان م. ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، ئەدەبىياتشۇناس دوكتور ئالىمجان ھەمرايېف، ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ رەھبىرى، تارىخچى دوكتور رىسالەت كەرىموۋا ۋە ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىمە گۈلنارە ئاۋۇتوۋا يۇقىرىدا ئاتالغان ئەمگەكلەرنىڭ مەزمۇنى ئۈستىدە توختالدى.

ئا. ھەمرايېف «تۈرك دۇنياسىنىڭ خەۋىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىلمىي ئالاقىلەرنىڭ راۋاجلىنىشىغا قوشۇلغان مۇناسىپ تۆھپە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ، رۇسىيەنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان بىرىنچى قېتىملىق ھۆرمىتى. مۇنداق مەدەنىي ۋەقە ئۇلاردا بولمىغان ئىكەن. بۇنىڭ بېشىدا تۇرغان ئالىم ئىمپېرىيەت خالىپايېۋا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ناھايىتى قايىل بولغان كىشى. ئۇ قۇمۇقلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئوخشاشلىقلارنى كۆرۈپ، بىزگە ئەڭ يېقىن خەلق ئۇيغۇرلار ئىكەن دېگەن خۇلاسىگە كېلىپ، ئۆزى تەشەببۇس قىلغان. بۇ ژۇرنالغا ئاساسىي جەھەتتىن بۈگۈنكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى ئالىملىرىنىڭ ئەمگەكلىرى كىردى.» ئا. ھەمرايېف مەزكۇر ئەمگەكلەرگە قويۇلغان تەلەپلەرنىڭ قاتتىق بولۇپ، مەخسۇس مۇھاكىمىدىن كېيىن ژۇرنالغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ر. كەرىموۋا بولسا، بۇ خەلقئارا ئىلمىي، ئەمەلىي ژۇرنالنىڭ يورۇققا چىقىشىدا بولۇپمۇ ئا. ھەمرايېفنىڭ چوڭ رول ئوينىغانلىقىنى، ئۇنىڭ تۈركىي دۇنياسى ئىلىم-پەنىدىكى ئالاقىلىرى ئارقىسىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى خادىملىرى ئەمگەكلىرىنىڭ رۇسىيەدە نەشر قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ خىلمۇ-خىللىق ۋە كۆپ پىلانلىق پائالىيىتى ھەققىدە توختالمايمەن. بىز مۇشۇ يىلنىڭ كۈز ئايلىرىدا بۇنىڭغا بېغىشلانغان چوڭ تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈشنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، مەركەز خادىملىرى ھەم قازاقىستاندا، ھەم يېقىن ۋە يىراق چەتئەللەردە ئۆزلىرىنىڭ كۆپلىگەن ئەمگەكلىرىنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.» ر. كەرىموۋا كېلەچەكتە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرىنى قازاقىستان جامائەتچىلىكىگە، شۇنداقلا چەتئەللەرگە تونۇشتۇرۇش ئىشلىرىغا كۆپرەك دىققەت بۆلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىلگىرى يورۇق كۆرگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت تەتقىقاتلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

گ. ئائۇتوۋا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن ئىلمىي ئەمگىكىنى نەشر قىلىشنىڭ مۇمكىن بولمىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىمەك ئارقىسىدا ئۇنىڭ يورۇق كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپ، بارلىق مېھمانلارغا ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

مەجلىسنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا سۆزگە چىققان يازغۇچىلار ئەكرەم ئەخمەتوف، شاۋكەت نەزەروف، راھىلەم مۇزەپپەروۋا، شۇنداقلا «ئىنايەت» بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋە ئىجرائىيە مۇدىرى ھاكىمجان ئارۇپوف ۋە ھەدىيەم ئەخمەتوۋا، ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى خادىملىرى دوكتور ئابلەھەت كامالوف، گۈلبەھرەم مولوتوۋا، خالمىنەم مەسىموۋا ۋە باشقىلار ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنى ئالدىدا تۇرغان مۇھىم مەسىلىلەر، نەشر قىلىنىۋاتقان ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ دەرىجىسى ۋە سۈپىتى، ئىلمىي مەركەزلەر ۋە جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، قازاقىستاننىڭ باشقىمۇ مەملىكەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىي ئالاقىلىرى، كېلەچەك پىلانلار ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دراماتورگ ئەكرەم ئەخمەتوف مەملىكەتلەر ئارا ئىلمىي ئالاقىلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى يىغىلىش ئاجايىپ مەزمۇنلۇق بولدى. مۇشۇنداق تونۇشتۇرۇشلار دائىم بولۇپ تۇرسا، ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى، يازغۇچىلارنىڭ يېزىۋاتقان ئەسەرلىرىنى خەلقىمىز تونۇيدىغان بولاتتى. داغىستان ۋە بىزنىڭ ئالىملار بىرلىكتە چىقارغان بۇ ژۇرنال ئۇيغۇر تېمىسىغا بېغىشلىنىپتۇ. بۇ بىز ئۈچۈن، پۈتكۈل داغىستان ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ۋەقە. مۇشۇنداق ئەسەرلىرىمىز چەتئەللەرگە تارقىلىۋەرسە، بىزنى كۆپچىلىك دۇنيا خەلقى تونۇغان بولاتتى.»

مەزكۇر ئىلمىي ئەمگەكلەرنى مۇھاكىمە قىلىش جەريانىدا بولۇپمۇ دوكتورلار ئا. كامالوف، ھ. ئارۇپوف، ئا. ھەمرائېف ۋە باشقىلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى، سەنئىتى، مىللىي كىملىكى ۋە باشقىمۇ مەسىلىلىرىگە دائىر ئەمگەكلەرنىڭ كۆپلەپ يېزىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنى تونۇشتۇرۇش يوللىرىنى ۋە قائىدىلىرىنى ياخشى بىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، ئومۇمەن مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى، يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئە. ھاشىرى مەزكۇر مەجلىستە ئالىملار ئەمگەكلىرىنىڭ يۇقىرى باھالانغانلىقىنى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ كېڭەيتىلگەن مەجلىستە ئېيتىلغان ئاساسىي مەسىلە ئالىملار بىلەن يازغۇچىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بۇرۇن قانداق ئىناق، ئىتتىپاق بولغان بولسا، ھازىرمۇ شۇنداق ئۆتۈۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي پىكىر بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنى قانداق ئۆتكۈزسەك بولىدۇ دېگەن پىكىرلەرمۇ ئوتتۇرىغا چۈشتى. بۈگۈنكى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىغا قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى باشقارمىسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، شائىر مارالتاي ئىبرايېف قاتناشتى. بۇ قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بولغان كۆزقاراشنىڭ سەمىمىي ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.»

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت