خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى يوقىتىش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بىلەن تويلىشىشىغا قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ (1)
2015.10.01
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى يوقىتىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشنى مەقسەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئانالىزلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆز تىلىنى يوقاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ، خىتاي ئۇيغۇر تويلىشىشىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە رولى چوڭ دەپ قارالغان. ئەمما يېقىنقى 10 نەچچە يىللىق ئەمەلىيەت بۇ كۆز قاراشنىڭ بىر تەرەپلىمە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. نەتىجە خىتاي ھۆكۈمىتى كۈتكەندەك ئۈنۈملۈك بولمىدى.
«شىنجاڭ روھى» تورىدا 28- سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان بىر ستاتىستىكىلىق تەتقىقات ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تىلىدا تەربىيىلەنگەن، ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىيەلمەيدىغان ياشلارنىڭ 50% ئى خىتاي ياكى باشقا مىللەت بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە ئوخشاش خىتاي تىلىدا سۆزلەيدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن تويلىشىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.
بۇ خىل كۆزقاراشتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تويلىشىش مەسىلىسى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ ھازىر كانادادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر يازغۇچىسى غۇلام ئوسمان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، تىلى ئۆزگەرگەن ئۇيغۇر ياشلىرى خىتايچە ۋە باشقا تىلدا سۆزلىگەن تەقدىردىمۇ، دىن ۋە مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قالالىسا بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يوقىلىشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايچە سۆزلەيدىغان، ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىغان بۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ 32% ئى ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى قويۇق ئۇيغۇرلار بىلەن توي قىلىشنى خالايدىكەن. ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىم ئۆزىنىڭمۇ خىتاي تىلىدا تەربىيىلەنگەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي گەرچە ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، بۇ سىياسەتنىڭ ئەكسىچە رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتايچە سۆزلەيدىغان، ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىغان بۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پەقەت 5.4 پىرسەنتىلا تويلىشىشتا مىللەت ئايرىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، غۇلام ئوسمان ئەپەندى ئۇلارنى «گاڭگىراپ قالغانلار» دەپ سۈرەتلىدى. ئۇ مۇخبىرىمىزنىڭ غەرب مىللەتلىرىنىڭ تويلىشىشتا مىللەت ئايرىماسلىقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تويلىشىشتا مىللەت ئايرىماسلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئوتتۇرىدىكى پەرق ھەققىدە توختالدى.
ماقالىدىكى ئەڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ستاتىستىكا بولسا، پەقەت خىتاي تىلىدىلا سۆزلەيدىغان بۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئاران 1.4 پىرسەنتىلا خىتاي بىلەن تويلىشىشنى خالايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى 25 ياشتىن توۋەن پەقەتلا ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلىشىپ باقمىغان زادىلا ئۇيغۇر دوستى يوق ئۇيغۇر ياشلىرى ئىكەن.
ئۇنداقتا پىرسەنت ناھايىتى كىچىك رەقەممۇ؟ ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن نېمىلەرنى كۆرۈۋېلىشى كېرەك؟
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبىتىمىزنىڭ باش قىسمىنى ئاڭلىغايسىلەر. داۋامى بار.