بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر مۇقەددەم سوۋېت ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرى مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلەشكەن ئىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015-03-19
Share
mao-stalin-305.jpg ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ، ﻣﺎﯞﺯﯦﺪﯗﯕﻨﯩﯔ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Archive

ئۆتمۈشتىن مەلۇمكى، 1956-يىلنىڭ فېۋرال ئېيىدا موسكۋادا ئۆتكەن سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا مەملىكەت رەھبىرى نىكىتا خرۇشوف ستالىننىڭ شەخسكە چۇقۇنۇشى توغرىلىق مەشھۇر نۇتقى بىلەن سۆزگە چىققان ئىدى.

ئۇ شۇ ۋاقىتتا، مۇتەخەسسىس ۋېكتور رىلسكىينىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزىنى سەييارىنىڭ بىرىنچى كوممۇنىستى سۈپىتىدە ھېسابلاپ، ستالىننىڭ ئەپتى-بەشىرىنى ئېچىپ تاشلىغان ۋە ئەلدە يۈز بەرگەن بارلىق كېلىشمەسلىكلەرنى ستالىنغا ئارتقان ئىدى. خرۇشوفنىڭ بۇ سۆزى خىتاي رەھبەرلىكىدە قاتتىق نارازىلىق تۇغدۇرۇپ، بۇ نارازىلىق بارا-بارا تېخىمۇ كەسكىنلىشىشكە باشلىدى. 1965-يىلى 1-مارتتىن 5-مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا موسكۋادا كوممۇنىستىك ۋە ئىشچىلار پارتىيەلىرى ۋەكىللىرىنىڭ مەسلىھەتلىك ئۇچرىشىشى بولغاندا خىتاي ۋەكىللىرى ئۇنىڭغا قاتنىشىشتىن باش تارتتى. بۇ، ئەلۋەتتە، سوۋېت رەھبەرلىرى نەزىرىدىن چەتتە قالمىدى.

يېقىندا «سېنتىر ئاسىيا» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان ئالېكساندىر ئېلىسېيېفنىڭ «خرۇشوف خىتاينى قانداق قىلىپ يوقىتىپ قويغان. سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تارىخىدىن» ناملىق ماقالىسىدە شۇ ۋاقىتتىكى موسكۋادا ئۆتكەن ئۇچرىشىشقا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ كەلمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن تۆت ئاي ئىلگىرىلا خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ 47 يىللىقىنى خاتىرىلەش بايرىمىغا قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقىنى نىكىتا خرۇشوف ئەمەس، بەلكى ئۇنى تەختتىن چۈشۈرۈۋەتكەن لېئونىد برېژنېف باشقۇرۇۋاتاتتى. ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلەرنى ساغلاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە مۇزاكىرە يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھېچقانداق نەتىجە بەرمىدى. ئەكسىچە مۇناسىۋەت جىددىيلىشىپ، ئاقىۋەتتە ھەتتا بىر قاتار چېگرا قوراللىق توقۇنۇشلىرىغىمۇ ئېلىپ كەلدى. ئا. ئېلىسېيېفنىڭ ئېيتىشىچە، موسكۋادىكى يىغىن داغدۇغىلىق ئۆتكەن بولسىمۇ، خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتى ۋە سوتسىيالىزم لاگېرىدا چوڭقۇر پارچىلىنىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكى پۈتكۈل دۇنياغا ئاشكارا بولغان ئىدى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «سوۋېت تەشۋىقات-تەرغىبات خىزمىتى بولغان ۋەقەنى شۇنداق روھتا چۈشەندۈردىكى، خىتاي كومپارتىيىسى رەئىسى ماۋ زېدۇڭ موسكۋانىڭ ‹قېرىنداشلىق› تەشەببۇسىنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزىنى پاراسەتسىز تۇتتى. ئەمما، بۇ تەشەببۇسلارنىڭ سەمىمىي، چىن يۈرەكتىن كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن گۇمانلىنىشقا بولاتتى. بۇنى سوۋېت ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبىتى ۋاقتىدا شەكىللەنگەن مۇھىت گۇۋاھلاندۇرىدۇ. غوجايىنلارنىڭ بەزىلىرى مېھمانلارغا نىسبەتەن خېلى ئەدەبسىز پىكىرلەرنى ئېيتىشنى توغرا كۆرگەن بولۇپ، بۇنى مېھمانلار ھاقارەت دەپ ھېسابلىدى. مەسىلەن، سوۋېت دىپلوماتى ئالېكساندروف-ئاگېنتوفنىڭ ئەسلىشىچە، سوۋېت مۇداپىئە مىنىستىرى رودىئون مالىنوفسكىي خ خ ج دۆلەت كېڭىشى رەئىسى جۇ ئېنلەيغا مۇنداق دەپ بىلدۈرگەن: ‹مانا، بىز ئۆز ئىشىمىزنى قىلدۇق-كونا كالاچ خرۇشوفنى ئېلىپ تاشلىدۇق. ئەمدى سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنىڭ كونا كالىچى ماۋنى ھەيدەپ چىقىرىڭلار، مانا شۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ ئىشلىرىمىز ماڭىدۇ›. ھە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ئاندرېي كىرىلېنكو خ خ ج جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرىغا تۆۋەندىكىنى ئېيتتى: ‹سىز، يولداش كان شېڭ، سوۋېت خەلقىنىڭ ياخشى دوستى ئېدىڭىز، ھە، ھازىر يامان دوستى بولۇۋاتىسىز›. بۇ خىتاي ۋەكىللىرىنى چەكسىز غەزەپلەندۈردى ۋە ئۇلارنىڭ كرېمىلغا بولغان كۈچلۈك گۇمانلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ گۇمان بەزى سوۋېت پارتىيە-دۆلەت رەھبەرلىرىگە نىسبەتەن ئاساسلىق بولغان ئىدى. مەسىلەن، مەركىزىي كومىتېت مەسئۇلى يۇرىي ئاندروپوف ئۆز سەپداشلىرىنى ماۋنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى خېلىدىن بۇرۇن ۋە مەڭگۈگە ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن. بۇ ھەقتە خىتاي رەھبەرلىكى كۆپىنچە بىلمىدى، لېكىن ئۇ ئۇزۇن يىللار مابەينىدە بېيجىڭ بىلەن توقۇنۇشۇش سىياسىتىنى ئېلىپ بارغان خرۇشوفنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن.»

ماقالە ئاپتورى ئا. ئېلىسېيېف ئىككى سوتسىيالىستىك مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا چىققان توقۇنۇشنىڭ بىر نەچچە سەۋەبلىرىنىڭ بولغانلىقىنى ئېيتىپ، شۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاساسەن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي سەۋەبلەرنى كۆرسىتىدۇ. مۇتەخەسسىسنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ئۆز ئىقتىسادىنى كۆتىرىشتە سوۋېتلەرنىڭ كۈچلۈك ياردىمىگە تايانسىمۇ، بەرىبىر ستالىننىڭ بەزى چەكلىمىلىرىگە ئۇچراپ كەلدى. ھاكىمىيەتكە خرۇشوف كەلگەندە ئۇنىڭدىن خېلى نەرسىنى سىقىپ چىقىرىشقا ئىشەنگەن خىتاي سوۋېت رەھبىرىدىن ئاتوم بومبىسىنىڭ سىرىنى ئېچىپ بېرىشنى ۋە خىتاي سۇ ئاستى فلوتىنى قۇرۇپ بېرىشنى سورىغان ئىدى. لېكىن سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنىڭدىن باش تارتتى. ماقالە ئاپتورى بۇ يەردە سىياسىي ئامىلنىڭ كۈچلۈكرەك بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ماقالە ئاپتورى سوۋېت ۋە خىتاي رەھبەرلىرى ئارىسىدىكى شەخسىي مۇناسىۋەتلەر، بىر-بىرىنى «شەخسكە چوقۇنۇش» تا ئەيىبلەش، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدە بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى، ئا ق ش ۋە خىتاي ئارىسىدا قېلىپلاشقان ۋەزىيەت، ئۇلار ئارىسىدىكى سىياسىي ئويۇنلار ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئاپتور خرۇشوف تەختتىن كەتكەندىن كېيىن، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇمكىنچىلىكلەر پەيدا بولغان بولسىمۇ، ئامما بۇنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى، سوۋېت رەھبەرلىرى ئىچىدە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئالېكسېي كوسىگىن، مەركىزىي كومىتېت مەسئۇلى ئالېكساندىر شېلېپىن، دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى رەئىسى ۋلادىمىر سېمىچاستنىيلارنىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش تەرەپدارلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ سانىنىڭ ئاز بولغانلىقىدىن برېژنيېف دەۋرىدە سوغۇق مۇناسىۋەتلەرنىڭ ساقلىنىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس كونستانتىن سىرويېژكىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇزۇلۇشىغا ئاساسىي جەھەتتىن كوممۇنىستىك ۋە ئىشچىلار ھەرىكىتىدە لىدېرلىقنى تالىشىش سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى:
-مۇناسىۋەتلەر بۇرۇنىراق، يەنى 1957-يىللىرى كەسكىنلىشىشكە باشلىغان ئىدى. چۈنكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبىرى ماۋ زېدۇڭ ستالىننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن لىدېرلىقنى تالاشقىلى تۇردى. ئەسلىدە سوۋېت كومپارتىيەسى لىدېر ئىدى. مانا شۇنىڭ ئاساسىدا چوڭ جاڭجال چىقتى. ئۇلار بىر-بىرىگە قارىتا يامان سۆزلەرنى ئېيتىشقا، خەتلەرنى يېزىشقا باشلىدى. مەسىلەن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئوچۇق خېتىدە خىتاي سوۋېت كومپارتىيەسىنى كوممۇنىستىك لىنىيەدىن چەتنەپ كەتكەنلىكىدە ئەيىبلىگەن. ئۇنىڭغا سوۋېتلەرمۇ جاۋاب بەرگەن ئىدى. ئىككى ئارىدا چوڭ توقۇنۇش بولمىدى. مۇناسىۋەتلەر پەقەت سەكسىنىنچى يىللارنىڭ ئاياقلىرىدا نورماللىشىشقا باشلىدى. شەخسەن ئۆزۈم 1986-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا دەسلەپ كەلگەن خىتاي ئاياللار فېدېراتسىيىسى ۋەكىللىرى بىلەن ئىشلىگەن ئىدىم. سوۋېت تەرەپتىن ئۇلارنى ۋالېنتىنا تېرېشكوۋا باشلىق سوۋېت ئاياللىرى فېدېراتسىيىسى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىن بەزى ۋەكىللەر قارشى ئالغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت