ياپونىيەدە «شەرق-غەرب ئۇيغۇرلىرى ۋە ياۋرو-ئاسىيا» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015.11.02
sherq-gherb-uyghurliri-we-yawro-asiya-305.jpg «شەرق-غەرب ئۇيغۇرلىرى ۋە ياۋرو-ئاسىيا» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تارىخ تەتقىقات كىتابىنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Qutluq

ياپونىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن، مەشھۇر قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور تاكائو مورىياسۇنىڭ «شەرق-غەرب ئۇيغۇرلىرى ۋە ياۋرو-ئاسىيا» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تارىخ تەتقىقات كىتابى يېقىندا نەشر قىلىندى.

تاكائو مورىياسۇ ياپونىيە كىنكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نوپۇزلۇق پروفېسسورلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى تارىخىغا ئائىت كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «ئۇيغۇرلارنىڭ مانىي دىنىي تارىخى»، «يىپەك يولى ۋە تاڭ ئىمپېرىيەسى»، «ئوتتۇرا ئاسىيادىن بايقالغان قەدىمىي بۇيۇملار»، «سوغىدىلاردىن ئۇيغۇرلارغىچە» ۋە «قەدىمكى ئۇيغۇر ھۆججەتلىرى» ناملىق كىتابلىرى بار.

«شەرق-غەرب ئۇيغۇرلىرى ۋە ياۋرو-ئاسىيا» ناملىق تارىخ تەتقىقات كىتابى ياپونىيە ناگويا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان بولۇپ، كىتاب جەمئىي 4 باب،842 بەتتىن تەركىب تاپقان.

مەزكۇر كىتابنىڭ بىرىنچى بابىدا شەرق-غەرب ئۇيغۇرلىرى، تاڭ سۇلالىسى ۋە تۇرپان ھەققىدە توختالغان. ئىككىنچى بابتا غەرب ئۇيغۇرلىرى توغرىسىدا بەزى بىر تەپسىلاتلار بېرىلگەن. ئۈچىنچى بابتا يىپەك يولى تارىخىي ئۈستىدە مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلگەن. تۆتىنچى بابتا بولسا قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئېتىقاد قىلغان مانىي، بۇددا دىنلىرى ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچىلەر بېرىلگەن.

كىتابقا يەنە قوشۇمچە قىلىنغان ھالدا ھازىر گېرمانىيەنىڭ بېرلىن دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان تۇرپان بىزەكلىككە دائىر تام سۈرەتلەر ۋە قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بەزى قول يازمىلارنىڭ رەڭلىك سۈرەتلىرى بېرىلگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەلىك مۇستەقىل ئۇيغۇر ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى يامادا مەزكۇر كىتاب ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:«مېنىڭچە، بۇ كىتاب ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەڭ مۇكەممەل، مەزمۇن دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولغان، ئەتراپلىق ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقات كىتابى ھېسابلىنىدۇ.»

پروفېسسور تاكائو مورىياسۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا «بۇ كىتابتا دېيىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھازىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى بولۇپ،ئۇلار تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمكى شەرق ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسىنى، غەربىي ئۇيغۇر پادىشاھلىقىنى، گەنسۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان ئىدى. مەن ئەسىرىمدە 7-ئەسىرىدىن 14-ئەسىرگىچە بولغان قەدىمكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدىم» دەيدۇ.

خىتاي تارىخىي مەنبەلىرىدە ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئۇيغۇر نامىنىڭ ھەرخىل خەت شەكلى بىلەن خاتىرىلەنگەنلىكىنى، ھازىرقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نامىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم خىتاي تارىخىدا يېزىلغان ئۇيغۇر نامىدىن پەرقلىق ئىپادىلەنگەنلىكىنى ئاپتور ئەسىرىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ.

تارىخ تەتقىقاتچىسى تاكائو كىتابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇلىيە ئىگىزلىكىدە ياشىغان چارۋىچى، ئاتلىق مىللەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، شەرق ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتلەردە تولىمۇ گۈللەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇللاردىن چىراي شەكىل جەھەتتە پەرقلىق ئىكەنلىكىنى يەنى ئۇلارنىڭ چاچلىرى سېرىق، كۆزلىرى كۆپ-كۆك، گەۋدىلىك كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتور ئۇيغۇرلارنىڭ سېرىق چاچ، كۆك كۆز كېلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئۇلارنىڭ كاۋكازلار بىلەن قان جەھەتتە ئارىلىشىپ كېتىشىدىن بولسا كېرەك دەپ قارايدۇ.

تاكائو ئەسىرىدە شەرق ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى تارمار قىلىنغاندىن كېيىن، موڭغۇلىيە ئىگىزلىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭرىتېغىغا كۆچۈش ئارقىلىق تارىم ئويمانلىقىغا ماكانلاشقانلىقىنى ۋە كېيىنكى دەۋرلەردە گەنسۇ ئۇيغۇر خانىدانلىقىنى قۇرغانلىقىنى، بۇ خانىدانلىقىنىڭ 10-ئەسىردە شىشالار تەرىپىدىن ئەسكىرىي ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئەسەردە ئاپتور «ئۇيغۇرلار موڭغۇلىيە ئىگىزلىكىدىن تەڭرىتېغىغا كۆچۈپ، تارىم ئويمانلىقىغا كەلگەندە ئۇلار شەھەرلىشىپ بولغان ۋە دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى باشلىغان ئىدى» دەيدۇ.

ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى تاكائو:«ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى دېھقانچىلىق شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بولسا ئەسلى چارۋىچى، ئاتلىق مىللەت ئىدى. ئۇلار تەبىئەتكە چوقۇناتتى يەنى شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى» دەيدۇ.

ئەسەردە شەرق ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسىنىڭ مانىي دىنىنى دۆلەت دىنىي قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى، بۇ دىنغا بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ 11-ئەسىرنىڭ بېشىغىچە ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنىي تارىخى ھەققىدە توختالغان ئاپتور ئەسەردە «ئۇيغۇرلار موڭغۇل ئىستېلاچىلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەندە بۇددا دىنىدا ۋە ھەتتا بەزىلىرى خرىستىئان دىنىنىڭ ئوخشىمىغان مەزھەپلىردە ئىدى» دەيدۇ.

ئاپتور تۇرپاننىڭ تارىخى ھەققىدە توختىلىپ«15-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۇرپاندا بۇددا دىنىي تەلتۆكۈس يوق قىلىنىپ، پۈتكۈل تۇرپان خەلقى ئىسلام دىنىغا كىرىپ بولغان ئىدى» دەيدۇ.

پروفېسسور تارىخچى تاكائو ئەسىرىدە بەزى تارىخچىلارنىڭ «ئۇيغۇرلار 11-ئەسىردە پۈتۈنلەي ئىسلاملىشىپ بولدى» دېگەن قارىشىغا ئۆزىنىڭ قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:«11-ئەسىردە قاراخان خانىدانلىقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى. بىراق كۇچا ئۇيغۇرلىرى بولسا ئىسلام دىنىغا 11-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا كىرگەن ئىدى» دەيدۇ.

ئۇ، ئاپتور ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرق ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. ئۇ، قاراخانىيلار دەۋرىدە ئۆتكەن مەخمۇت قەشقەرى ۋە ئۇنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانىي» ناملىق ئەسىرى ھەققىدىمۇ كىتابىدا قىسقىچە توختىلىدۇ.

ئاخىرىدا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى يامادا ياپونىيەنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:«ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنىي دەۋرىگە ئائىت تەتقىقات ياپونىيەدە خېلى ئۇزۇندىن بىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب نېمىس ئۇيغۇرشۇناسلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى دۇنياۋى تەتقىقاتلىرى ياپونىيەگە بەلكىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك دەپ قارايمەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.