ياپونىيەدە «تاتارلارنىڭ قىسمەتلىرى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015.01.12
tatarlarning-qismetliri.jpg ياپونىيەدە نەشىر قىلىنغان «تاتارلارنىڭ قىسمەتلىرى» ناملىق كىتاب
RFA/Haji Qutluq Qadiri


ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن ھوككايدو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تاكېئو كۇريۇزاۋانىڭ «تاتارلارنىڭ قىسمەتلىرى» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغان.

ياپونىيەدە تاتار تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقات بىر قەدەر ئومۇملاشقان بولۇپ،بۇ ھەقتە نەشر قىلىنغان كىتابلار زور سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.

ياپونىيەلىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر كىتاب ھازىرغىچە ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان تاتار تارىخىغا ئائىت تەتقىقات كىتابلىرى ئىچىدە ھەجىمى بىر قەدەر زور بولغان، تەتقىقات كىتابلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

كىتاب جەمئى يەتتە باب،437 - بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتابتا ئاساسلىقى تاتارلارنىڭ تارىخى ۋە ئۇلارنىڭ تارىختا تارتقان ئازاپ - ئوقۇبەتلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالغان.

كىتابدا تاتار مىللىتىنىڭ تارىختا موڭغۇللار، رۇسلار ۋە شۇنداقلا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى سوۋېتلەر دەۋرىدە تارتقان تۈرلۈك قىسمەتلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

پروفېسسور تاكېئو مەزكۇر كىتابىنى رۇس تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىپ قالدۇرۇلغان تۈرلۈك ھۆججەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسەن يېزىپ تاماملىغان بولۇپ، ئەسەردە ستالىن زامانىدا قىرىم تاتارلىرىنىڭ «نېمىس قوشۇنلىرى بىلەن ھەمكارلاشتى» دېگەن بەتنام بىلەن كوللېكتىپ ھالدا ئوققا تۇتۇلۇشى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەرگە سۈرگۈن قىلىنغانلىقى ھەققىدىمۇ بەزى بىر بايانلار بېرىلگەن.

ئەسەردە يەنە تاتارلارنىڭ موڭغۇل، رۇس مەدەنىيەتىگە قوشقان تۆھپىلىرى بايان قىلىنغان ۋە شۇنداقلا تاتارلارنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتىگىمۇ يۇقىرى باھالار بېرىلگەن.

ئاپتور كىتابتا رۇسىيە تەۋەسىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەردىن بىرى بولغان تاتارلارنىڭ ئىسلامىي ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى ھەققىدىمۇ كۆپرەك توختالغان.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، تاتارلار رۇسىيە تەۋەسىدە ستالىن دەۋرىدە ئەڭ كۆپ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان ئۇكرائىنالىقلاردىن كېيىنكى ئىككىنچى مىللەت ھېسابلىنىدىكەن.

كىتابتا گەرچە رۇسىيە تۇپراقلىرىدىكى تاتارلارنىڭ قىسمەتلىرى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى تاتارلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا تارتقان ئازاپ - ئوقۇبەتلىرى تىلغا ئېلىنمىغان.

بىز مەزكۇر كىتاب نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئالدى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ھازىر ياپونىيەدە ياشاۋاتقان تاتارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى پائالىيەتلىرى ھەققىدە، ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى مۇختارجان ئابدۇراخمان تاتار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.