ياپونىيەدە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر توكيودىكى ئۇيغۇرلار قەبرىسىنى يوقلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق
2015-11-25
Share
yaponiyede-uyghur-qebrisi.JPG ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىلىرى پروفېسسورلىرى بىلەن ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىرلىكتە ئۇيغۇرلار قەبرىسىنى يوقلىدى. 2015-يىلى نويابىر، توكيو.
RFA/Qutluq

يېقىندا ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىلىرى پروفېسسورلىرى بىلەن ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىرلىكتە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيەگە كېلىپ ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن كۆپ تۆھپىلەرنى قوشقان، كېيىنكى مەزگىللەردە ۋەتىنىگە قايتالماي ياپونىيەدە تۇرۇپ قالغان ۋە توكيودا ۋاپات بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇر زاتلارنىڭ مەقبەرىسىنى يوقلىدى.

توكيو تاما قەبرىستانلىقىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىسى ئاساسلىقى تۈركىيە، رۇسىيە، ئۇيغۇر ئېلىدىن ياپونىيەگە كېلىپ يەرلىشىپ قالغان تۈرك، تاتار، ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ كىشىلەر ئاساسەن 1937-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ياپونىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ خەلقئارا كوممۇنىزم ئىتتىپاقىغا قارشى«بېرلىن، رىم، توكيو ئوق مەركىزى كېلىشىمى» ھازىرلانغاندىن كېيىن ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە تەشەببۇسى بىلەن ياپونىيەگە كەلگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇلار تۈرك، تاتار، ئۇيغۇر تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان مەشھۇر سىياسىي ۋە دىنىي زاتلاردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن مەشھۇرى تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىدىكى رۇسىيەدە تۇغۇلغان، ئىلگىرى تۈركىيەدە كۆپ قېتىم مۇستافا ئاتاتۈرك بىلەن ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈركىستان داۋاسى مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتتە بولغان ئىسلام دىنىي ئالىمى ئابدۇرېشىت ئىبراھىم، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قوماندانى گېنېرال مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى مۇسۇل ھاجى مۇھىتى، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئوردو تىل تەرجىمانى قەشقەرلىك توختىبەگزادە ۋە ئۇنىڭ قىزى ھاۋا ئاردا شۇنداقلا يېقىندا بۇ قەبرىستانلىقتا بايقالغان تۇرپانلىق ھامىت باھادۇرنىڭ قىزى سوفىيەنىڭ قەبرىسى بار ئىكەن.

قەبرە يوقلاش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور سېئىجى بۇ قەبرىستانلىق ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:«ياپونىيەنىڭ بۇددا دىنىي ئۇسلۇبىدىكى بۇ مازارلىقىدا ئىسلام دىنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرىسىنىڭ ئورۇن ئېلىشى مېنى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى. ياپونىيەدە ۋاپات بولغان ئۇيغۇرلارنى ئۆز قوينىغا ئالغان ياپون تۇپرىقى ئەلۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كەڭرى سەھنە ھازىرلايدۇ دەپ قارايمەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىدىكى ئارزۇلىرى چوقۇم بىر كۈنى ئەمەلگە ئاشىدۇ دەپ ئويلايمەن. »

پائالىيەت داۋامىدا ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىدىن دوكتور غالىپ مىجىت ئەجدادلار قەبرىسىنى يوقلاشنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشتىكى رولى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ياپونىيەدە ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان بۇددا دىنىي راھىبى كوباياشى بۇ پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ: «ياپونىيەدە ۋاپات بولغان ئۇيغۇر، تۈركلەرنىڭ قەبرىسىنى ئىسلام دىنىي قائىدە يوسۇنلىرى بىلەن يوقلاش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن. مەن گەرچە بۇددا دىنىدا بولساممۇ ۋاپات بولغان بۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن» دېدى.

2008-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلار قەبرىسىنى يوقلاش پائالىيىتىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىۋاتقان ساتو ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «بۇ قەبرىلەر شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن ياپونىيەنى ئۆز-ئارا باغلاپ تۇرغان شانلىق تارىخنىڭ ئۆچمەس بەلگىسى» دېدى.

پائالىيەت ئاخىرىدا ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىدىن دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت