ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى كۈتۈۋالدى
2016.03.22
توكيو ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر خىزمەتچىلەر، ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۆتكۈزگەن نورۇز پائالىيىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى. 2016-يىلى 20-مارت.
20-مارت توكيودىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ 2016-يىللىق نورۇز بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.
توكيو ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر خىزمەتچىلەر، ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، 2016-يىللىق نورۇز بايرىمىنى قۇتلاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.
نورۇز بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى توكيودا ئىزچىل ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ پائالىيەتتە ئاساسلىقى سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇنلاش، ئۇيغۇر تائاملىرىغا ئېغىز تېگىش ۋە شۇنداقلا دىدارلىشىش مەقسەت قىلىنغان.
بۇ يىلقى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىگە ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا كۆپ كىشى قاتناشقان بولۇپ، سەنئەت نومۇرلىرى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىكى موللىقى بىلەن كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
توكيودىكى نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغان «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە توختالدى.
پەرزەنتلەر بىلەن بىرلىكتە ئائىلىۋى نورۇز بايرىمى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن گۈلىستان ئەزىزى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ تۈرلۈك شەكىللەردە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمىنىڭ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۆز كىملىكىنى بىلدۈرۈشتىكى مۇھىم دەرسلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە پەنلىرى تەتقىقاتچىسى مۇختەرجان ئابدۇراخمان چەتئەللەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نورۇزلۇق ھېس-تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
تەتقىقاتچى مۇختەرجان ئابدۇراخمان سۆزىدە يەنە، ئۆزىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ۋەتىنىدە، ئۆز خەلقى بىلەن بىرلىكتە نورۇز ئۆتكۈزۈشكە ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە، توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىگە يەنە، بىر قىسىم ئائىلىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ياپونىيەگە تۇغقان يوقلاشقا كەلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان. پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن تۆتكە قەدەر داۋام قىلغان.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.









