ياپونىيە خوسو ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.11.23
exmetjan-osman-sheir.jpg ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ئۇيغۇرچە ۋە ياپونچە شېئىرلار توپلىمىنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Qutluq

مۇقەددەس خانىم ياپونىيە خوسو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. ئۇ بىر ياپونلۇق شائىر بىلەن ياپونچىغا تەرجىمە قىلغان ئەخمەتجان ئوسمان شېئىرلار توپلىمىنىڭ 2‏-قىسمى يېقىندا نەشر قىلىنغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياپونىيە ئۇنىۋېرسىتېتى 15‏-نويابىر توكيودا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرغان ئىدى.

مۇخبىر: مۇقەددەس خانىم، مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە بىزگە مەلۇمەت بەرسىڭىز؟

مۇقەددەس: بۇ يىغىنغا پونىيەدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىدىن 250 تىن 400 گىچە ئادەم كەلدى. ئالدىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكىگە 100 دىن ئارتۇق ئادەم كەلدى. بەك ياخشى بولدى.

مۇخبىر: بۇ يىغىن مەخسۇس ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتى ھەققىدىكى يىلىنمۇ ياكى ئومۇمىي ئۇيغۇر شېئىرىيىتى، مەدەنىيىتى ھەققىدىكى يىغىنمۇ؟

مۇقەددەس: بۇ يىغىن ئەخمەتجان ئوسماننىڭ 2 شېئىرلار توپلىمى بۇ يىل نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، ياپونىيەدە ئۇيغۇر شېئىرىيىتى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا چوڭ قىزىقىش بولدى. ھازىرغا قەدەر ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناسلار ۋەتەندىكى مەلۇم چەكلىمە ئىچىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيالىيلارنىلا چاقىرىپ، ئۇلارنى سۆزلەتكەن. لېكىن بۇ شېئىرلار توپلىمى چىققاندىن كېيىن ياپونىيە جەمئىيىتى چەتئەللەردىمۇ مۇساپىر بولۇپ سۈرگۈندە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى باركەنغۇ، ئۇلارغىمۇ سۆزلەش پۇرسىتى بېرىش كېرەك، دەپ، چەتئەلدە ياشاۋاتقان 4 زىيالىيمىزنى تەكلىپ قىلدى.

ئۇلارنىڭ بىرى، مەمتىمىن ھەزرەت ئەپەندى. ئۇ كىشى بىزنىڭ تۇنجى ئۇيغۇر سىنارىستىمىز بولىدۇ. يەنە بىرسى، قۇربان ۋەلى ئاكا. ئۇ ئۇيغۇر ئارخېئولوگىيەسى توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى. 3‏-سى ئەنىۋەر توختى ئەپەندى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتوم سىناقلىرى ۋە ئۇنىڭ زىيانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. 4‏-سى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى، ئۇ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئەركىنلىك توغرىسىدا سۆزلىدى.

مۇخبىر: بۇ دۆرەم ئۇنىڭ شېئىرلار توپلىمىنىڭ 2-قىسمى چىقىپ بولدىما؟

مۇقەددەس: شۇنداق، 1-قېتىم «ئاھ ئۇيغۇر تۇپرىقى» چىققان. بۇ دۆرەم «ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجان ئوسمان شېئىرلار توپلىمى» دەپ 2‏-كىتاب چىقتى. 2‏-توپلامغا 43 پارچە شېئىر كىرگۈزۈلدى. چوڭ قاتتىق تاشلىق كىتاب، 150 بەتلىك.

بۇ شېئىرلارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇرچە، بەزىلىرى ئەرەبچە يېزىلغان شېئىرلار، ئەمما ھەممىسىنى ئۇيغۇرچە ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن. ئۇنى مەن كاۋائى ئەپەندى بىلەن بىرگە ياپونچىغا تەرجىمە قىلغان.

مۇخبىر: سىز بۇ شېئىرنى ياپونچىغا تەرجىمە قىلغاندا قەيەرلەردە ئەڭ قىينىلىسىز، قايسى نۇقتىلار ئەڭ تەس ياپونچىغا تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن بىر ئۇيغۇر شېئىرىنى؟

مۇقەددەس: ئەڭ قىينالغان بىر نۇقتا، ئەخمەتجان ئاكامنىڭ شېئىرلىرىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشەندىممۇ-چۈشەنمىدىم دېگەن مۇشۇ نەرسە. مەسىلەن، سۈرگۈنگاھ، دېگەن سۆز چىققاندا مەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى تازا توغرا بىلەلمىدىم. لېكىن شۇ ۋاقىتتا دەرھال سورۇدۇم ئۇنىڭ قانداق مەنىسى بار، دەپ. مانا مۇشۇنداق سۆزلەردە قىينالدىم.

مۇخبىر: شېئىرنى سۆزمۇ ‏-سۆز تەرجىمە قىلىش قىيىن بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن شېئىرنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى روھىنى قانداق قىلىپ ياپونچىدا ئىپادىلەش قىيىن بولسا كېرەك؟

مۇقەددەس: ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرلىرىدىكى روھ ھەم ئۇيغۇرچە ھەم خەلقئارادىكى ئىنسانلىققا ئورتاق بىر روھ بولغاچقا بەك قوبۇل قىلىندى، دەپ ئويلانمەن. ئۇيغۇرغىلا خاس بىر نەرسە بولغان بولسا، بەلكىم بىز بۇنى ياپونلار چۈشىنەمدۇ، چۈشەنمەمدۇ، بۇنى ئازراق ئۆزگەرتىش كېرەكمۇ -قانداق، دېگەن نەرسىلەرگە دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن ئىدى.

مۇخبىر: ياپون خەلقىنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە قىزىقىپ قېلىشىدا ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرلىرىدىكى ئۇ خىل خاسلىقنىڭ رولى بار، دەپ قارامسىز؟

مۇقەددەس: مەن ئۇ خاسلىقنىڭ رولى بار، دەپ ئويلايمەن. بىرسى، ئۇيغۇرلارغا خاس ئەدەبىي ئالاھىدىلىك، زېمىنى كەڭرى، ئۇزاق تارىخىي بار، ھەر خىل ئەدەبىي جەۋھەرلەرنى قوبۇل قىلىپ ياشىغان، ئۆزىمىزنىڭ تىلى، ئۆزى تىك تۇرغان مۇشۇنداق بىر مىللەتنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئۈستىگە يەنە، ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ئىنسانىيەتكە خاس يۈرىكى، قانداق ئادەم ئوقىسا بىلەلەيدىغان ئەركىنلىك روھىي، مانا بۇ ئىككى نەرسە بىرلەشكەچكە ياپون ئوقۇرمانلىرىنىڭ سۆيۈشىگە ئېرىشتى، دەپ قارايمەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.