رابىيە قادىر خانىم يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا سالام يوللىدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.01.01
rabiye-aliy-kengesh-sozde.jpg ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2011-يىلى ماي، ۋاشىنگتون.
RFA

2013-يىلى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر يىل بولدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر خەلقى تىنچلىق، ئەركىنلىك ۋە تەرەققىيات ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا خەلقى بىلەن بىرگە زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا ئۆز مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەشكە مەجبۇر بولدى.

پۈتۈن دۇنيا تىنچلىق، ھەمكارلىق ۋە تەرەققىياتقا بولغان ئومۇمىي كەيپىيات ئىچىدە كونا بىر يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالغان پەيتلەردە، ئۇيغۇر ئېلىدا ئارقا-ئارقىدىن قانلىق ۋەقەلەر يۈز بەردى. سىياسىي جەھەتتىكى چەتلەشتۈرۈلۈش، دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى بېسىم ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى مەجبۇرىي ئېرىتىلىش رايوندىكى ئاساسلىق يەرلىك ئاھالە بولغان ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن ئۆز مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە كەسكىن ئويلىنىشقا مەجبۇرلىدى. 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن سىياسىي ۋەزىيىتى بارغانسېرى جىددىيلىشىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى تىبەت بىلەن بىرگە خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى «ساقايماس يارىسى» نى ئاشكارا قىلدى.

2014-يىلى كىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر خەلقىگە يېڭى يىللىق سالام يوللىدى.

رابىيە خانىم ئالدى بىلەن ئۆز نامى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ نامىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى. پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى تىنچ-ئىتتىپاقلىققا، قېرىنداشلارچە ئۆملۈككە ۋە مىللىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە چاقىردى. ئۇلارغا خاتىرجەملىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلىدى.

رابىيە خانىم يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشلار ۋە رايوندىكى كۈندىن-كۈنگە جىددىيلىشىۋاتقان ۋەزىيەت ھەققىدە جىددىي يىغىن چاقىرغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يېڭى يىل ھارپىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن جىددىي تېلېفون يىغىنى ۋە مەزكۇر يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئاخىرىدا، رابىيە خانىم ئۆزىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ 2014-يىلىغا بولغان تىلەكلىرى ۋە ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.