ئىستانبۇلدىكى خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2017-12-12
Share

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان «خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار يەرمەنكىسى» دە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان «ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى» ۋە «تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندى» نىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 9-10-دېكابىر كۈنى «خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار يەرمەنكىسى» ئىستانبۇلنىڭ يېڭىقاپى ياۋرو-ئاسىيا سەنئەت مەركىزى زالىدا ئېچىلدى. بۇ يەرمەنكىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ كۆرگەزمە ئېچىلدى. ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار كىتاب-ژۇرنال ۋە تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىلدى.

بۇ يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىشى مۇراسىمىدا «ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى» نىڭ باش كاتىپى ئېلى قۇرت ئەپەندى سۆز قىلىپ، يەرمەنكىگە 63 دۆلەتتىن 300 مۇھىم ئاممىۋى تەشكىلاتلار قاتنىشىپ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيەتلىرى ۋە خىزمەت-
پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ كۆرگەزمە ئاچقانلىقىنى بىلدۈردى.

يەرمەنكىگە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، كۆرگەزمە ئاچتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى توغرىسىدا تەييارلانغان ئەرەبچە، ئىنگلىزچە ۋە تۈركچە دوكلاتنى تارقاتتى.

بۇ پائالىيەتكە تۈركىيەدىن تەنتەربىيە ۋە ياشلار مىنىستىرلىقى، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرلىقى، باش مىنىستىرلىققا قاراشلىق «ئافاد» يەنى ياردەملىشىش ئىدارىسى، قىزىلئاي جەمئىيىتى، دىيانەت ئىشلار باشقارمىسى، تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەرگە ياردەم بېرىش ئىدارىسى، يۇنۇس ئەمراھ ئىنستىتۇتى، مائارىپ ۋەخپى، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئەرەب-ئىسلام دۆلەتلىرىدىن يەنە كۆپلىگەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ئىدارە-ئورگانلارمۇ قاتنىشىپ كۆرگەزمە ئاچتى.

ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ يەرمەنكە جەريانىدا يەنە ئاراقان، كەشمىر ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.

يىغىندا، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان «ئاسارەتتىكى تۈرك ئىسلام يۇرتى - شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ تېمىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئېلى قۇرت ئەپەندى بۇ يەرمەنكىنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئىسلام دۇنياسىدا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش، تونۇشۇش، ئۆز-ئارا ماسلىشىش، ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش، ئىزچىل ھەمكارلىشىشنى نىشان قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قاتناشقۇچىلار يەرمەنكە جەريانىدا ئۆزلىرى ئاچقان كۆرگەزمە ئورۇنلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت-پائالىيەتلىرىنى، ئىش-پىلانلىرىنى تونۇشتۇرغان كىتاب-ژۇرنال، تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىشتىن سىرت يەنە ئۈن-سىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پروگراممىلىرىنى گېزىت-ژۇرنال ۋە تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرىغا تەقدىم قىلىش ئارقىلىق مەتبۇئاتلاردا ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ خەلقئارالىق يەرمەنكىگە ئونمىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئېلى قۇرت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلق ئاممىسىغا ئوچۇق بولغان بۇ يەرمەنكە پائالىيىتىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىدىغان ھەمكارلىشىشقا چوڭ بىر ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

بىز يەرمەنكىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ كۆرگەزمە ئاچقان «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، بۇ يەرمەنكىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل كىيىملەر، قول-ھۈنەر سەنئەتلىرى، چالغۇ ئەسۋابلار ۋە كىتاب-ژۇرناللارنى قويۇپ كۆرگەزمە ئاچقانلىقىنى، ئۈچ خىل تىلدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرغان مەخسۇس ژۇرنال نەشر قىلدۇرۇپ تارقاتقانلىقىنى، بۇ يەرمەنكىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم پۇرسەت بولغانلىقىنى، كۆپلىگەن ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن تونۇشۇپ مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلغان «تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى فېدېراتسىيەسى» نىڭ رەئىسى ئېلى يالچىن ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى.

«ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى» نىڭ رەسمىي تور سەھىپىسىدە بىلدۈرۈشىچە، بۇ بىرلىك 2005-يىلى ئىستانبۇلدا 40 دۆلەتتىكى ئىسلامىي ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قاتنىشىشى ۋە ئورتاق قارار چىقىرىشى بىلەن قۇرۇلغان خەلقئارالىق بىر تەشكىلات ئىكەن. ھازىر بۇ بىرلىكنىڭ 63 دۆلەتتىن 312 ئاممىۋى تەشكىلات ئەزاسى بار بولغان خەلقئارالىق تەشكىلاتقا ئايلانغان. بۇ بىرلىك ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە ئىكەن. «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» مۇ بۇ بىرلىككە ئەزا بولۇپ خىزمەت-پائالىيەتلەردە ئورتاق ھەمكارلىشىپ كەلمەكتىكەن.

«ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى» نى تونۇشتۇرغان ھۆججەتلىك فىلىمدا زۇلۇمغا ئۇچرىغان رايونلارنى تىلغا ئېلىنىپ، شەرقىي تۈركىستانمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىرىدىن بىرى، دەپ تونۇشتۇرۇلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت