تۈركىيەدە «يىپەك يولىنىڭ مۇھافىزلىرى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.10.21
yipek-yoli-muhafizliri-turkiye-2016.jpg «يىپەك يولىنىڭ مۇھافىزلىرى» ناملىق ئەسەر
RFA/Erkin Tarim

تراكيا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، قاراخانىلار دۆلىتى تارىخى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئۆمەر سونەر ھۇنقان ئەپەندى يازغان «يىپەك يولىنىڭ مۇھافىزلىرى» يەنى «يىپەك يولىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى» ناملىق ئەسەر تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە نەشر قىلىندى. لوتوس نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان كىتاب 4 بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمدە قاراخانىلار دۆلىتى مەزگىلىدە قوللىنىلغان ئومۇمىي ئارمىيە ئاتالغۇلىرى بايان قىلىنغان. بۇ ئاتالغۇلارنىڭ كېيىنكى تارىخىي دەۋىر ئىچىدە ساقلىنىپ قالغانلىرى، ئۆزگەرگەنلىرى، بۇ ھەقتە دۇنيادا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار بايان قىلىنغان. ئىككىنچى بۆلۈمدە بولسا، خاقانىيە دۆلىتىنىڭ ئارمىيە قۇرۇلمىسى ئەتراپلىق بايان قىلىنغان. بۇنىڭدا نۇقتىلىق ھالدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ ئارمىيە قۇرۇلمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشقان. ئۈچىنچى بۆلۈمدە قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ ئارمىيە باشقۇرۇش تۈزۈمى، ئىشغاللار، ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملار ۋە ئۇرۇش تاكتىكلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەسەرنىڭ ئاخىرقى بۆلۈمىدە، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ دىۋانى لۇغاتىت تۈرك ناملىق ئەسىرىدە خاتىرىلەنگەن ئارمىيەگە دائىر ئاتالغۇلار يەر ئالغان.

تارىخچى ئۆمەر سونەر ھۇنقان ئەپەندى كىتاب توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «كىتاب لوتۇس نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. سىزگىمۇ مەلۇم قاراخانىلار دۆلىتى خىتايدىن ئوتتۇرا ئاسياغا، ئۇ يەردىن غەربكە قاراپ ئۇزۇنغا سوزولغان يىپەك يولىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ ئۈچۈن كىتابنىڭ ئىسمىنى «يىپەك يولىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى» دەپ قويدۇق. بۇ كىتابدا قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ ئارمىيە قۇرۇلمىسىنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇپ چىقتۇق.»

ئۆمەر سونەر ھۇنقان ئەپەندى ئۆزى يازغان بۇ كىتابنىڭ ئىلمىي قىممىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ كىتابنىڭ ئاساسىي مۇھىم تەرىپى شۇ، مەلۇم بولغىنىدەك، قاراخانىلار دۆلىتى بىر تەرەپتىن مۇسۇلمانلىقتىن بۇرۇنقى دۆلەت، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلام دۆلىتىدۇر. ئىسلام دىنىنى تۇنجى قوبۇل قىلغان تۈرك دۆلىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئارمىيە ئاتالغۇلىرى بىلەن ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئارمىيە ئاتالغۇلىرىنىڭ بىرلىكتە ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. مەن كىتابىمدا بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتىم. ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى مەنچە بۇ.»
«يىپەك يولىنىڭ مۇھافىزلىرى» ناملىق ئەسەر
بىز كىتاب توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سوھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، تراكيا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئۆمەر سونەر ھۇنقان ئەپەندىنىڭ «يىپەك يولىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى» ناملىق ئەسەرىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ، دۇنيادا قاراخانىلار دۆلىتى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى، بۇ كىتابنىڭ ھازىرغىچە يېزىلغان ئەڭ مۇكەمەل بىر ئەسەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۆمەر سونەر ھۇنقان 1971 - يىلى تۈركىيەنىڭ سىلىفكە ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، ئەرزۇرۇم ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، پامۇق قەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىر ئوقۇغان. دوكتوراسىنى خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى قەدىمقى تۈرك تارىخى كەسپىدە پۈتتۈرگەن ئۆمەر سونەر ھۇنقان ئەپەندى ئەرەب، فارس ۋە ئىنگىلىز تىلىنى ياخشى بىلىدىغان بولۇپ، قاراخانىلار دۆلىتى توغرىسىدا كۆپ ساندا ماقالە ۋە كىتابلىرى نەشر قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.