زىيا سەمەدى ۋە مۇرات ھەمرايېف ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرۇشقا ھەسسە قوشقان ئىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.01.19
ziya-semedi.jpg زىيا سەمەدى ئەپەندى
RFA/Oyghan

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆپ قىسمى جايلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە، بولۇپمۇ ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستانلاردا 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىلا زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى راۋاجلانغان بولسىمۇ، ئەمما 1938-1950-يىللىرى ئارىسىدا چېكىنگەن.

1955-1963-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن زىيا سەمەدى، مەسىمجان زۇلپىقاروف، خېلىل ھەمرايېف ۋە باشقا يۈزلىگەن ئەدىبلەر، داڭلىق سەنئەتكارلار سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىش مەنزىرىسى شەكىللەندى. شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ئۇيغۇرلانىڭ باي كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىغا ئىگە خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ زامانىۋى ئەدەبىياتى باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىگە ئوخشاش 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا شەكىللەندى.

20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئىككى يۆنىلىش بويىچە مەيدانغا كەلگەن ۋە راۋاجلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىدە بولسا يەنە بىرى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئىدى.

20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، قۇتلۇق ھاجى شەۋقى، مەمەت ئېلى تەۋپىق ۋە باشقا ئونلىغان نامايەندىلەر مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن بولسا، 1944-يىللاردىن كېيىن، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، نىمشېھىت، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زۇنۇن قادىرى ئەنۋەر ناسىر ۋە باشقا ئونلىغان نامايەندىلەرنى مىسال قىلىش مۇمكىن.

سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 1930-يىللاردا گۈللىگەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى 1937-1938-يىللىرى ستالىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1940-يىللاردىكى ئۇرۇش تۈپەيلىدىن خارابىلىققا ئۇچرىدى. ئەمما، 1950-1960-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ چىققان زىيا سەمەدى باشلىق يۈزلىگەن ئەدىب-شائىرلار، سەنئەتكارلار سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىدە گۈللىنىش مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

قازاقىستاندىكى تونۇلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسى رابىك ئىسمايىلوفنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ ۋاقىتلارغىچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى باشقا خەلقلەرگە ئانچە تونۇش ئەمەس بولۇپ، ئەنە شۇ يېڭىدىن كەلگەن زىيا سەمەدى باشلىق ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ تۆھپىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى باشقا خەلقلەرگە تونۇش بولۇشقا باشلىدى. زىيا سەمەدىنىڭ «مايىمخان»، « يىللار سىرى» رومانلىرى ۋە باشقا ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن رۇس، قازاق، ئۆزبېك ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىندى. ئەنە شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى باشقا خەلقلەرگە تونۇشتۇرۇشتا ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى مۇرات ھەمرايېف مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.