زىيا سەمەدىنىڭ 100 يىللىقى پائالىيەتلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىدا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2014-05-26
Share
qazaqistan-uyghur-ziya-semidi-100-yilliq-1.jpg زىيا سەمەدىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرە كېچىسى
RFA/Oyghan


يېقىندا ئالماتا شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان سۇلتان قورغان ۋە زاريا ۋوستوكا مەھەللىرىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەردە ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە دراماتورگ زىيا سەمەدىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرە كېچىلىرى بولۇپ ئۆتتى.

مەزكۇر مەكتەپلەر مەمۇرىيىتى بۇ خاتىرە مۇراسىملىرىنى قازاقىستان ھۆكۈمىتى ۋە شەھەرلىك بىلىم بېرىش باشقارمىسىنىڭ رەسمىي رۇخسىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالماتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەھەللىلەردە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان كۆپ ساندىكى زىيالىيلار، يازغۇچىنىڭ يۇرتداشلىرى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى تەكلىپ قىلىندى. بۇ مۇراسىملەردە بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىملىرىنىڭ ئاكتىپ ئىشتراكچىلىقىدا ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن تەييارلانغان ئەدەبىي - مۇزىكىلىق پروگراممىلاردا زىيا سەمەدى ئەسەرلىرىدىن ئۈزۈندىلەر، سەھنە ئەسەرلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەسىم ياقۇپوف نامىدىكى شەھەرلىك 101 - مەكتەپ - گىمنازىيىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى راشىدەم ھەمرايېۋا مەكتەپتە ئۆتكەن پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ كېچىمىز "ئەدەبىي دوستلۇق - ئەبەدىي دوستلۇق" دەپ ئاتالدى. بىز بۇ يەردە زىيا سەمەدىنىڭ قازاق يازغۇچىلىرى بىلەن بولغان دوستلۇقىنى، بولۇپمۇ يازغۇچىنىڭ سەبىت مۇقانوف، غەبىت مۈسرېپوف بىلەن بولغان ئىجادىي دوستلۇقىنى ئالاھىدە كۆرسەتتۇق. شۇنداقلا بۇ كەچتە قازاق ۋە قېرىنداش مىللەت يازغۇچى - شائىرلىرىنىڭ زىيا سەمەدى ھەققىدىكى خاتىرىلىرىنى، كىتابخانغا كەڭ تونۇلغان "يىللار سىرى"، "مايىمخان"، "غېنى باتۇر" رومانلىرىدىن ئۈزۈندىلەرنى، "ئۆرۈك گۈللىگەن چاغدا" پوۋېستىدىن پارچىلارنى ئىپادىلىك ئوقۇشنى ئۈگەتتۇق، مۇئەللىملەر ۋە ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن تەييارلانغان "غېرىپ - سەنەم" درامىسىدىن ئۈزۈندىلەر كۆرسىتىلدى. كەچتە ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن كونسېرت پروگراممىسى كۆرسىتىلدى. كەچ ئاخىرىدا مېھمانلارغا سۆز بېرىلىپ، ئۇلار قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى زىيا سەمەدى توغرىسىدىكى خاتىرىلىرى بىلەن بۆلۈشتى. ھەقىقەتەنمۇ يازغۇچى ئىجادىنىڭ ياش ئەۋلاد ئۈچۈن تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى زور. كېچىلىك داۋامىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغۇچى ئىجادىيىتىگە بولغان قىزىقىشى تېخىمۇ ئاشتى، دەپ ھېسابلايمەن.»

ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم ئېلىۋاتقان مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلىرى ئەدەبىيات پەنىدە زىيا سەمەدىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى بىلەن تونۇشقاندىن تاشقىرى يەنە، مۇشۇ خىلدىكى ئەدەبىي كېچىلەرگە، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، يازغۇچى ھەققىدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە مەلۇمات ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولماقتا. مۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلاردا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى 150 - مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىمى گۈلنارا تايىروۋا مەزكۇر بىلىم دەرگاھىدا ئۆتكەن تەنتەنە ھەققىدە مۇنداق دېدى:

«مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى 150 - ئومۇمىي بىلىم بېرىدىغان مەكتەپتە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى ھەم تارىخ پەنلىرى مۇئەللىملىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىسمى مىڭلىغان قەلبلەر تۆرىدىن ئورۇن ئالغان، خەلقىمىزنىڭ يېتۈك پەرزەندى، دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابى، قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى زىيا سەمەدىنىڭ تۇغۇلغىنىغا 100 يىل تولۇشىغا باغلىق "ئەدىپ ئىسمى - ئەل قەلبىدە" ناملىق تەنتەنە ئۆتكۈزۈلدى. تەنتەنىگە زىيا سەمەدىنىڭ ئوغۇللىرى رىزا ۋە ياشىن سەمەدىلەر، "ئاسىيا بۈگۈن" گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى ئا. مەسىموف، شائىرلار ئى. جەلىلوف، س. ئىسكەندەروف ھەم يۇرت جان كۆيەرلىرى قاتناشتى.

تەنتەنە ئىككى باسقۇچتا ئۆتتى. 1 - باسقۇچى ئىلمىي - ئەمەلىي ئەنجۇمان بولۇپ، ئۇنىڭدا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەر خىل ماۋزۇلاردا ئىلمىي لايىھىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بىلىم ئىقتىدارىنىڭ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئەنجۇماندا 11 "ئا" - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى سادىروۋا مايسەمنىڭ "زىيا سەمەدى ئەسەرلىرىدە تارىخىي ماۋزۇلارنىڭ يورۇتۇلۇشى" ماۋزۇسىدىكى ئىلمىي لايىھىسى ئادىل قازىلار تەرىپىدىن يۇقىرى باھالىنىپ، 1 - ئورۇنغا مۇيەسسەر بولدى. تەنتەنىنىڭ

2 - باسقۇچى ئەدىپنىڭ ئىجادىيىتىگە بېغىشلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن سەھنىلەشتۈرۈلگەن "لاشمان" دراممىسى كۆرسىتىلدى. شۇنداقلا ئەدىپنىڭ "مايىمخان" ھەم "ئۆرۈك گۈللىگەن چاغدا" ئەسەرلىرىدىن ئۈزۈندىلەر ئوقۇلدى.

ئۆز خەلقىنىڭ قايغۇسىغا، شاتلىقىغا ئورتاق بولۇپ ياشىغان، ئەسەرلىرىدە خەلقىنىڭ كۈرەش تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرگەن زىيا سەمەدىنىڭ تۇغۇلغىنىغا 100 يىل تولۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تەنتەنە كەلگەن مېھمانلار ۋە ئوقۇغۇچىلاردا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى.»

بۇ يىلى ئەدىپ تەۋەللۇدىنى ئۆتكۈزۈشكە ئالماتا ۋە ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەر، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى، قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت مەركىزى ھەم ئۇنىڭ شەھەرلىك ۋە ۋىلايەتلىك شۆبىلىرى، سانائەتچىلەر، تىجارەتچىلەر ۋە يېزا ئېگىلىكى خادىملىرى بىرلەشمىسى، جاي - جايلاردىكى يۇرت - جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرى، ئالىملار، شائىر ۋە يازغۇچىلار ۋە باشقىمۇ ھەر خىل كەسىپ ئىگىلىرى ئىشتراك قىلدى. ئۇنىڭغا شۇنداقلا زىيا سەمەدىنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ قاتناشتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پېشقەدەم ژۇرنالىست رىزا سەمەدى مانا شۇ تەۋەللۇدنى ئۆتكۈزگەن بارلىق ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرىغا ئۆزىنىڭ چەكسىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.