تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر يازغۇچىسى خەلقئارا مۇراسىم بىلەن خاتىرىلەندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-12-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەنقەرەدىكى «20 - ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىسى زىيا سەمەدى» ماۋزۇلۇق يىغىن
ئەنقەرەدىكى «20 - ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىسى زىيا سەمەدى» ماۋزۇلۇق يىغىن
RFA/Erkin Tarim


ئۇيغۇر دۆلەت ئەربابى، يازغۇچى زىيا سەمەدىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە «20 - ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىسى زىيا سەمەدى» ماۋزۇلۇق يىغىن بىلەن خاتىرىلەندى.

تۈركىي مىللەتلەر كۈلتۈر ۋە سەنئەت تەشكىلاتى بىلەن ياۋرۇئاسيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىرلىكتە ھەر يىلى تۈركىي مىللەتلەر يازغۇچىلىرىدىن بىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەپ كەلمەكتە. بۇ يىل ئۇيغۇر يازغۇچىسى ۋە دۆلەت ئەربابى زىيا سەمەدىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 - يىللىقىنى خاتىرىلەش قارار قىلىنغان بولۇپ، بۇ مۇراسىم ئەنقەرەدە تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا تۈركىيە ساياھەت ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرى مۇئاۋىنى نىھات گۈل ئەپەندى، مەركىزى ئەنقەرەدىكى خەلقئارالىق چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان تۈركىي مىللەتلەر كۈلتۈر ۋە سەنئەت تەشكىلاتى باشلىقى كۈسەنوف ئەپەندى، ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى مۇدىرى ياقۇپ دەلىئۆمەروغلۇ، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرىسىتېتلىرىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار، تۈركىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك كادىرلىرى، ئەنقەرە ۋە قەيسەرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار، قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە شائىرلار، زىيا سەمەدىنىڭ ئوغلى رىزا سەمەدى ۋە قىزى بېلىقىز سەمەدىلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2دە ئەنقەرەدىكى تۈركسوينىڭ زالىدا زىيا سەمەدىنىڭ ئىش - ئىزلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر ۋە كىتابلىرى قويۇلغان رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. كۆرگەزمىدىن كېيىن زىيا سەمەدىنى خاتىرىلەش يىغىنى باشلاندى. يىغىندا قازاقىستاننىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى، تۈركسوي تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى، تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ رەھبەرلىرى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىنمۇ بۇ يىغىنغا تەكلىپ بويىچە قاتنىشىپ، زىيا سەمەدى بىلەن بولغان ئەسلىمىلىرىنى ئاڭلاتتى.
تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر يازغۇچىسى خەلقئارا مۇراسىم بىلەن خاتىرىلەندى
يىغىنىدا، قازاق شائىر، قازاقىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەزاسى دەۋلەتبەك بايتۇرسۇنئوغلى، ئۇيغۇر شائىر ئەخمەتجان ھاشىرى، قازاقىستان مۇرات ئاۋېزوف ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندى، زىيا سەمەدىنىڭ ئوغلى رىزا سەمەدى بىلەن قىزى بېلىقىز سەمەدى ۋە دوكتور رابىك ئىسمائىلوف قاتارلىق كىشىلەر زىيا سەمەدىنىڭ ئىش - ئىزلىرى، ئەدەبىي ئەسەرلىرى، دۆلەت ئەربابلىقى، كىشىلىكى ۋە تۈركىستان ئەدەبىياتىدىكى ئورنى توغرىسىدا مەلۇماتلار بەردى.

بۇ پائالىيەتلەر توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قازاقىستاندىن كەلگەن يازغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت