بىر قىسىم لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەر قومۇشكۆلدىكى رۇيى توقۇمۇچىلىق زاۋۇتىدا ئىشىلىتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.11.08
mejburi-emgek-lager.jpg خىتاينىڭ مەلۇم شىركىتىنىڭ زاۋۇتىدا لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 17-ئۆكتەبىر، خوتەن.
CCTV via AP Video

مۇخبىرىمىزنىڭ لاگېرلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ۋە يېڭىسار ناھىيەلىرىدە لاگېردىكى بىر قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ يېڭىشەھەردىكى ساۋخۇ، يەنى قومۇشكۆل دېگەن جايغا سېلىنغان رۇيى توقۇمىچىلىق فابىرىكىسىدا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ۋە تۇتقۇنلارنىڭ تەربىيەلىنىش ئەھۋالىغا قاراپ ھەپتىدە، ئايدا ياكى 3 ئايدا بىر قېتىم ئۆيىگە قايتىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

قەشقەر يېڭىشەھەردە سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى خادىملاردىن بىرى ئۆزى ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر كەنتتە لاگېرغا ئەكىتىلگەنلەردىن 14 كىشىنىڭ نۆۋەتتە رۇيى توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. 

ئۆتكەن يىلى خىتاي «خەلق تورى» دىكى بىر خەۋەردە رۇيى توقۇمۇچىلىق گۇرۇھىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە قەشقەر يېڭىشەھەردە زاۋۇت قۇرۇپ، قەشقەرنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ھەل قىلغانلىقى، ئاھالىلەرنىڭ بۇ زاۋۇتلاردىن مەمنۇن ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. ئەمما مەزكۇر خادىمنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ مەسئۇل كەنتتىن بۇ زاۋۇتقا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار كەچلىرى ئائىلىسىگە قايتىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغان بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئەھۋالىغا، يەنى ئاتالمىش «تەربىيەلىنىش» جەريانىدىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالىغان قاراپ، بەزىلىرى ھەپتىدە، بەزىلىرى ئايدا، بەزىلىرى ئۈچ ئايدا بىر ئۆيلىرىگە قايتىدىكەن.
ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا قەشقەر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەر نۆۋەتتە قەشقەردىكى زاۋۇتلاردا نورمال ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنىڭ 5 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىكەنلىكى، ئەمما لاگېردىن ئەكىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھەقسىز، ئاز بىر قىسىمىنىڭ بولسا تۆۋەن مائاشلىق ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. مەزكۇر خادىم بۇ ئىشچىلارنىڭ ئايدا 2 مىڭ يۈەن مائاش ئېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. 

«بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدا تونۇشتۇرۇلىشىچە، شەندوڭنىڭ رۇيى توقۇمىچىلىق گۇرۇھى خىتايدا توقۇمىچىلىقتا ئالدىنقى قاتاردىكى 5 شىركەتنىڭ بىر بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تارمىقى 2010 ‏-يىللىرى شىخەنزىدە ئىش باشلىغان. بۇ شىركەت 2014‏-يىلىغا كەلگەندە قەشقەردە زاۋۇت قۇرغان. خىتاي «خەلق تورى» نىڭ ئۆتكەن يىل 17‏-دېكابىردىكى بىر خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ «يېڭىشەھەر رۇيى توقۇمىچىلىق شىركىتى» نامىدىكى تارمىقى 2017‏-يىلى 3‏-ئايدا ئىش باشلىغان. قەشەقەر يېڭىساردىكى بىر كەنت سېكرىتارى ئۆز كەنتىدىن نۆۋەتتە 202 كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى، بۇلاردىن 13 كىشىنىڭ رۇيىدىكى توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ سېكرىتارمۇ زاۋۇتقا ئەكىتىلگەنلەرنىڭ ئەڭ بالدۇر بولغاندا ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆيگە قايتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. 

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، رۇيى توقۇمىچىلىق فابرىكىسى يېڭىشەھەرنىڭ باغچا يېزىسى تەۋەلىكىدىكى ساۋخۇ، يەنى قومۇشكۆل دېگەن سازلىققا سېلىنغان. ئەمما بۇ زاۋۇتنىڭ مەخسۇس لاگېر ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ۋە ياكى لاگېرغا ئالاقىسىز كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. 

«خەلق تورى» نىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە يېڭىشەھەردىكى رۇيى توقۇمىچىلىق شىركىتى قۇرۇلغان 2017‏-يىلدىن بۇيان 5000 چە كىشىنى ئىش بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ ئۇچۇر قومۇشكۆلدىكى رۇيى توقۇمىچىلىق زاۋۇتنىڭ مەخسۇس لاگېر ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىدەك ئېھتىماللىقىنى ئىشارەتلىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.