مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بار يەنە 3 ياپون شىركىتى خىتاي بىلەن بولغان تىجارىتىنى توختاتقان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.06.01
mejburiy-emgek-xitaygha-yotkesh.jpg تەيگۇاڭ(Tai Guang) زاۋۇتىدىكى ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر «ئانار ئۇرۇقى» كەچلىك مەكتىپىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا. 2019-يىلى ئىيۇن. (ASPI نىڭ دوكلاتىدىن ئېلىنغان)
aspi.org.au

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى توغرىسىدىكى دوكلاتتا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان 14 چوڭ ياپونىيە شىركىتىدىن يەنە ئۈچى خىتاي بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە خىتاي بىلەن تىجارىتىنى توختاتقان شىركەتلەرنىڭ سانى ئالتىگە يەتكەن.

ياپونىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن «ياپونىيە ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ 21-ماي كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيەدە ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىغان پاختىلارنى ئىشلىتىدىغان شىركەتلەردىن ئۈچ شىركەت ھازىرقى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىن پاختا سېتىۋېلىشنى توختىتىشنى قارار قىلغان. بۇلارئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ قارالغان مىزۇنو، ۋورد ۋە كوخ قاتارلىق ئۈچ شىركەتتىن ئىبارەت ئىكەن.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باش كاتىپى ئەخمەتجان لىتىپ ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بۇ توغرىلىق مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ياپونىيە ئىقتىساد گېزىتىدە يېزىلىشىچە بۇلار كىيىم-كېچەك ۋە تەنتەربىيە بۇيۇملىرى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەتلەردىن پاي-چېكىنى بازارغا سالغان 50 چوڭ شىركەت ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىۋاتقان پاختىنى ئىشلىتىۋاتقان 14 شىركەتنى بايقىغان، بۇ 14 شىركەتنىڭ ئىچىدىن ئۈچى خىتايدىن پاختا ئېلىشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ ئۈچ شىركەتتىن بىرى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان».

ئۆتكەن يىلى ئۈچىنچى ئايدا ئاۋسترالىيەدىكى ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ قارىلىۋاتقان 14 ياپون شىركىتىگە ئورۇن بېرىلگەندىن كېيىن، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ خوجايىنلىرىغا ئىككى قېتىم خەت يازغان ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنلىرى چاقىرغان. ئەخمەتجان لىتىپ ئەپەندى خەت يازغان ئىككى چوڭ شىركەتتىن خەت كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «يەنە بىرى ياپونىيەدىكى ئېلېكترونىكا ساھەسىدىكى چوڭ شىركەتلەردىن جاپان دىسپلاي ناملىق شىركەت 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئالاقە يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ قارىلىۋاتقان 2 خىتاي شىركىتى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇپ قېلىشىمىزنى بىزگە خەۋەر قىلدى».

ئەخمەتجان لىتىپ ئەپەندى ھازىرغىچە ياپونىيەنىڭ 6 شىركىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇلارنى قوشقان چاغدا 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ھازىرغىچە بولغان بىر يېرىم ئاي ئىچىدە ياپونىيەنىڭ ئېلېكترونىكا، يېمەك-ئىچمەك، پاختا مەھسۇلاتلىرى، ساھەسىدىن بولۇپ، جەمئىي 6 شىركەت مۇشۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى بىلەن چېتىشلىقى بار خىتاي شىركەتلىرى، ياكى ۋەتەندىن بىۋاسىتە كىرگۈزىدىغان. مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشنى بۇ جەھەتتىكى سودىسىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولدى، بۇ ناھايىتى ياخشى بىر باشلىنىشتۇر».

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى ئامېرىكا باشتا غەرب ئەللىرىنىڭ تەسىرى بىلەن 5-ئاينىڭ 30-كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر لايىھە سۇنۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن خىتايدىكى شىركەتلەر بىلەن بولغان تىجارەت ئالاقىسىنى ئۈزۈشى ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى سادۇللا ئۇيغۇر ئەپەندى ئەگەر ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىدىن بۇ ھەقتە ياپونىيەگە بېسىم كەلسە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمال بارلىقىنى بايان قىلدى.

كاگومە ناملىق يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە بەك تونۇلغان بىر شىركەت 4-ئاينىڭ 14-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى، بۇ يەردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى، شۇ ۋەجدىن خىتايدىن پەمىدۇر ئىمپورت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. خىتاي بىلەن بولغان سودا-ئالاقىسىنى تامامەن ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىككىنچى چوڭ شىركەت بولسا ياپونىيەدىكى كيوكەرا ناملىق چوڭ بىر شىركەت بولۇپ، بۇ ياپونىيەدە ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان بىر شىركەت ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.