ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر تەۋسىيەنامە ھەققىدە يىغىن چاقىردى (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.07.03
mejburiy-emgek-yalghan-chach-lager.jpg ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ چاچلىرى ۋە ياكى لاگېردىكىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئىشلەپ چىقىرىلغان يالغان چاچ. 2020-يىلى 1-ئىيۇل، نيۇ-يورك.
AP

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلانغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە تونۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا دائىر ئىككىنچى قانۇن لايىھەسى «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا قارىتىلىشقا باشلىدى. يېقىندا ئەنە شۇ ئۈمىدلەر ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىققان، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مۇھىم قەدەم 1-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ ئىمزا قويغان «شىنجاڭدىكى سودا تەمىنات زەنجىرى ھەققىدە تەۋسىيە» ناملىق ھۆججەتنىڭ ئېلان قىلىنىشىدا ئەكس ئەتتى. مەزكۇر تەۋسىيەنامىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا مۇھاپىزەت ئىدارىسى نېيو جېرسېي شتاتىدا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى چاچ مەھسۇلاتلىرىنى «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش بىلەن چېتىشلىق» دېگەن گۇماندا مۇسادىرە قىلىش ۋەقەسى بىلەن تەڭلا دېگۈدەك ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو شۇ كۈنى رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇش ھەمدە زور كۆلەملىك تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ قۇربانى بولۇش ھادىسىسىنى قىرغىنچىلىق دەپ قارامدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىكى خەلقلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى قوغداشتا ئەڭ كەسكىن تەدبىر ئېلىۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭدىن قەتئىي ئېغىشمايمىز» دېگەن ئىدى.

مەزكۇر تەۋسىيەنامىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردە «شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا چېتىشلىق شىركەتلەرنىڭ ھەرقانداق توۋارلىرىنى ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشتىن چەكلەش ھەمدە ئامېرىكا شىركەتلىرىنى بۇ خىل شىركەتلەر بىلەن سودا ئالاقىسىدا بولماسلىققا دەۋەت قىلىش لازىم» دەپ كۆرسىتىلىدۇ. 2-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر تەۋسىيەنامىنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىردى.

ئالدى بىلەن ‍ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئېنېرگىيە ۋە مۇھىت ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى كېيس كراچ ئەپەندى سۆز ئالدى. كراچ ئەپەندى سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ھەرقانداق شىركەتنىڭ ئۆزىگە خاس شىركەت مەسئۇلىيىتى بولغىنىغا ئوخشاش ئۇنىڭ يەنە باش تارتىپ بولمايدىغان ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنىڭمۇ بارلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ پىكرىچە، كىشىلىك ھوقۇق ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ھەمدە ھەرقايسى ساھە بىردەك «زۇلۇم» دەپ بېكىتكەن سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان خىتاي بىلەن سودا قىلىشتا بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈش لازىم ئىكەن. بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ خەلقىئالەمگە بەرگەن ۋەدىسىگە قاراپ تۇرۇپلا خىلاپلىق قىلىپ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشىنى باستۇرۇۋەتكەن، ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر دىيارىدا غايەت زور ساقچىلار دۆلىتى ۋە لاگېر تورى بەرپا قىلىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرنى مەھبۇسقا ئايلاندۇرغان، ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىشنى ئاشكارا داۋام قىلدۇرۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سودا ئالاقىسىدا بولۇش ھەرقاچان بىلىپ-بىلمەي ئاشۇ خىل زۇلۇملارغا شېرىك بولۇپ قېلىشقا ئاپىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

ياردەمچى مىنىستىر كراچنىڭ پىكرىچە، ئەينى ۋاقىتتىكى «گۇلاگ» شەكلىنى ئالغان بۇ لاگېرلاردا ئىنسانلارغا مەلۇملۇق بولغان روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلارنىڭ ھەممىسى مەۋجۇت بولماقتىكەن. يېقىندا ئۇ جايلاردا كەڭ داۋام قىلىۋاتقان قىز-چوكانلارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش قىلمىشى تاشقى دۇنياغا بۇ جايلارنىڭ خاراكتېرىنى تېخىمۇ ئېنىق نامايان قىلىپ بېرىدىغان ھادىسە ئىكەن. لاگېرلاردا مانا مۇشۇنداق ۋەھشىيلىكلەرنى داۋام قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە لاگېر مەھبۇسلىرىنى ئوخشىمىغان جايلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان بولۇپ، مانا مۇشۇ ئىنسانلارنىڭ ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكا بازىرىغا ئېلىپ كىرىش ھەمدە ئىستېمال قىلىشتا شەخسلەر، شىركەتلەر ۋە باشقا سودا مۇئەسسەلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى يادىدىن چىقارماسلىقى لازىم ئىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىشلىرى بويىچە ياردەمچى مىنىستىرى روبېرت دېسترو ئەپەندىمۇ بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا مەخسۇس سۆز قىلدى. . دېسترو ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتاي بىلەن سودا ئالاقىسىدا بولغاندا ئالدى بىلەن دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم نۇقتا ئاشۇ سودا پائالىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرغۇچى سودا شىركەتلىرىنىڭ تەمىنات زەنجىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ مال مەنبەسى ئىكەن. چۈنكى ھازىر خىتاي شىركەتلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ھەقسىز ياكى ئىنتايىن تۆۋەن باھادىكى جىسمانىي ئەمگەككە سېلىش بەكمۇ ئومۇملاشقان بىر ھادىسىگە ئايلىنىپ قالغان. يەنە كېلىپ غايەت زور ساندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى نۆۋەتتىكى توقۇمىچىلىق ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرى ساھەسىنى «تەييار ئەمگەك كۈچى» بىلەن تەمىن ئېتىشكە باشلىغان. ھازىرقىدەك ئۇيغۇرلار دىيارىدا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە شۇنچە كۆپ ماددىي ئىسپاتلار مەلۇم بولۇۋاتقان شارائىتتا يەنە ئاشۇ خىل «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» بىلەن مېڭىۋاتقان زاۋۇتلار ۋە فابرىكىلارنى سودا شېرىكى دەپ بىلىش مەيلى ئەخلاق نۇقتىسىدىن مەيلى قانۇن نۇقتىسىدىن قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان قىلمىش ئىكەن. شۇڭا ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى شىركەتلەر ۋە شەخسلەر بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكتىن كەلگەن مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغاندا بۇ ئەمەلىيەتتە ئاشۇ قىلمىشقا ھەمدەمدە بولغانلىققا باراۋەر ئىكەن.

مىنىستىرلارنىڭ بايانلىرىدىن كېيىن ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيەسى ھەققىدە سوئاللار سورىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.