ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئىجرائىيە ياردەمچى دىرېكتورى برېندا سىمىس خانىم سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى (2)

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020.07.10
mejburiy-emgek-yalghan-chach-lager.jpg ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ چاچلىرى ۋە ياكى لاگېردىكىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئىشلەپ چىقىرىلغان يالغان چاچ. 2020-يىلى 1-ئىيۇل، نيۇ-يورك.
AP

ئامېرىكا تارماقلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىن ئېكسپورت قىلىنغان بارلىق مەھسۇلاتلارغا نىشانلىق تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى-1 ئىيۇل نيۇ-يورك پورتىدا لوپ ناھىيەسى «مېيشىن چاچ مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتى» ئىشلەپچىقارغان جەمئىي 13 توننا، 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ئادەم چېچى قوشۇلغان مەھسۇلاتلارنى قولغا چۈشۈردى. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئىجرائىيە ياردەمچى دىرېكتورى برېندا سىمىس خانىم مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ چاچلار ئۈستىدىن لابۇراتورىىيەلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە مەزكۇر مەخسۇس زىيارەت خاتىرىسىنىڭ داۋامى دىققتىڭلاردا بولسۇن. 

سوئال: برېندا سىمىس خانىم، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى قولغا چۈشۈرگەن بۇ چاچلارنىڭ ئاساسەن مېيشىن ماركىلىق چاچ بۇيۇملىرى ئىكەنلىكى ۋە بۇ چاچلار ئۈستىدىن د ن ئا تەكشۈرۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتىڭىز. 

كېيىنكى قەدەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىمپورت قىلىنغان چاچتىن باشقا يەنە قايسى خىل مەھسۇلاتلار نىشانلىنىدۇ؟

جاۋاب: بىلگىنىڭىزدەك، بىز ئىلگىرى 2019-يىلى سېنتەبىردە شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتقا مۇناسىۋەتلىك ئايرىم-ئايرىم 3 تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى چىقارغانىدۇق. بۇ بۇيرۇقلارنىڭ تۇنجىسى 2019-يىلى سېنتەبىردە، كىيىم-كېچەكلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بايقىشىمىزغا قارىغاندا، ئادەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش سانائەت مەھسۇلاتلىرى، يېن تەننەرخى تۆۋەن كىيىم-كېچەك ۋە ئېلېكترونلۇق بۇيۇملار كۈپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بەزى يېمەك-ئىچمەك، قىسمەن دېھقانچىلىق ۋە شىنجاڭغا بىۋاسىتە باغلىنىشى بولمىغان كان مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار كۆپرەك ئۇچرايدۇ. 

مۇشۇ ساھەلەردە داۋاملىق قۇللۇق ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئۇچرىتىمىز. شۇڭا شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك بۇ ساھەلەرنى ئىزچىل كۆزىتىمىز. خىتاينىڭ بۇ رايونىدىن ئېكسپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەتەر پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نۇقتىلىق تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز. 

سوئال: تەتقىقاتچىلاردىن دوكتور ئادرىئان زېنز شىنجاڭدىن كەلگەن بارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەنلىكىنى، شۇڭا ئامېرىكانىڭ شىنجاڭدىن ھەر قانداق نەرسىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: بىزنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئورۇنلىرىمىز بىزدىن مۇنداق ئىككى ئىشتا تولىمۇ كونكرېت بولۇشىمىزنى شەرت قىلىدۇ. بۇنىڭ بىرى قۇللۇق ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن ھەر قانداق مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىشى، ياكى ئىمپورت قىلىنىش ئېھتىماللىقى بولغان بۇ خىلدىكى مەھسۇلاتلار ئۈستىدىن تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى چىقىرىش ئۈچۈن ئۇ مەھسۇلاتلار پورتقا كەلگەن ھامان بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش. بىزنىڭ قانۇن ئورگانلىرىمىز بىزدىن بۇ يۈكلەر ھەققىدە تەمىنلىگەن ماتېرىياللىرىمىزنىڭ ئېنىق بولۇشىنى، سەۋەبلەرنىڭ پۈتۈنلەي قايىل قىلارلىق بولمىسىمۇ، تۇتۇپ قېلىش ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. 

سوئال: ئۇنداقتا ئۇيغۇر دىيارىدا قۇللۇق ئەمگىكىدە ئىشلەنگەن ئېكسپورت بۇيۇملىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش تارماقلىرىنىڭ قايسى خىلدىكى پاكىت ياكى ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتى بولىدۇ ؟

جاۋاب: ئادەتتە، مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغىنىمىزدا، ئەڭ توغرا ئۇچۇرغا ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش خادىملىرى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىغا قارىتا بىۋاسىتە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن كەلگەن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، مەجبۇرىي ئەمگەك شەرتىگە چۈشىدىغان ۋەزىيەتكە قاتناشقان شەخسلەرنىڭ گۇۋاھلىقىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمما خىتايدىكى بۇ ئەھۋالغا كەلگەندە خادىملىرىمىز بىۋاسىتە ئۇيغۇر رايوندىكى زاۋۇت-كارخانىلارنى بىۋاسىتە تەكشۈرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىز كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار بۇ ھەقتە توپلىغان گۇۋاھلىقلارغا تايىنىمىز ھەمدە بىز يەنە تەكشۈرۈش ئاخباراتى ھەمدە شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەت بەلگىلەش ياكى ۋەكىللىك قىلىش نوپۇزىغا ئىگە كىشىلەر ئاشكارىلىۋەتكەن ئۇچۇرلىرىغىمۇ تايىنىمىز. 

بۇ يەردە سىمىس خانىم بىر مۇھىم نۇقتىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشنى توغرا تاپقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بىر نەرسىنى تەكىتلىشىم زۆرۈركى، بىز ئامېرىكا سودا جەمئىيەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىشىنى خالايمىز. بىز يەنە، ئامېرىكاغا مال يوللايدىغان ھەممەيلەننىڭ ئۆز مەجبۇرىينى تولۇق جارى قىلىشىنى خالايمىز. بىز ئۇلارنىڭ بۇ مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ يېتىشنى ۋە جىددىي مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىمىزنىڭ دىققىتى ئامېرىكاغا يۈك توشۇپ كېلىدىغان شىركەتلەرنىڭمۇ ئۆزلىرى ئامېرىكاغا ئېلىپ كېلىۋاتقان يۈكلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن مۇستەسنا ئىكەنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىغا مەركەزلەشكەن.

بىزنىڭ خىزمىتىمىز يەنە، بۇ شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلار بىۋاسىتە بولمىغان تەقدىردىمۇ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۈچىنچى، تۆتىنچى نۇقتىلىرىدا بولسىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلۈشكە بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت شەرتلىرىمىزنى تولۇق چۈشىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش.

ئىككىنچى تەكىتلەيدىغىنىم، ئەگەردە شەخس، تەشكىلات ياكى ئورگانلاردا ئامېرىكا تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىدىغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار بولسا، بۇلارنى بىزگە يوللىشىنى خۇشاللىق بىلەن قارىشى ئالىمىز. بۇ ئۇچۇرلارنى بىزگە بىۋاسىتە يەتكۈزسىمۇ ياكى تور بېتىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر يەتكۈزۈش قاناللىرى ئارقىلىق يەتكۈزسىمۇ بولىدۇ. بۇ مەسىلىگە تاقابىل تۇرۇش ھەممەيلەننىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى».

مۇخبىر: سىمىس خانىم سىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا تەشەككۈر بىلدۈرىمەن. 

سىمىس خانىم: مەنمۇ سىز ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ بۇ مەسىلىدە كۆپلىگەن خەۋەرلەرنى دەلىللەپ چىقىۋاتقىنىڭلارنى بىلىمىز. بۇ بىز نۇقتىلىق دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىنىڭ بىرى شۇنداقلا ئۇزۇندىن بۇيان سىلەرنىڭ بىزنى بۇ مەسىلىدە مۇھىم پاكىتلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقانلىقىڭلارغا ئالاھىدە تەشەككۈر بىلدۈرىمەن. 

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى17-ئىيۇن، پۈتۈن پورتلارغا «خوتەن خاۋلىن چاچ بۇيۇملىرى شىركىتى» ئىشلەپ چىقارغان ئىمپورت مەھسۇلاتلارنى تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەنىدى. 1-ئىيۇل كۈنى خوتەن لوپتىكى «مېيشىن چاچ بۇيۇملىرى شىركىتى» دە ئىشلەنگەن 13 توننا كېلىدىغان ئادەم چېچىنى نيۇ-يورك پورتىدا قولغا چۈشۈرۈپ مۇسادىرە قىلدى. 

مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى سەۋەبلىك تۇتۇپ قېلىنغان «مېيشىن» چاچ بۇيۇملىرى ئۈستىدىن، ئامېرىكا تارماقلىرىنىڭ د ن ئا نى ئۆز ئىچىگە ئالغان لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.