مەمەت توختى ئاتاۋۇللانىڭ خىتاي سىياسەتلىرى ھەققىدىكى ئىلمىي كىتابى نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2020.10.20
Memet-Tohti-Atawulla.jpg خىتاي سىياسىتى مۇتەخەسسىسى مەمەت توختى ئاتاۋۇللانىڭ تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق نەشرىيات ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان سەچكىن نەشرىياتى تەرىپىدىن تۈرك تىلىدا نەشر قىلىن «خىتاي بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ۋە يەرشارى رىقابەت ئىستراتېگىيەلىرى» ناملىق كىتابى. 2020-يىلى ئۆكتەبىر.
Social Media

يېقىندا خىتاي سىياسىتى مۇتەخەسسىسى مەمەت توختى ئاتاۋۇللانىڭ «خىتاي بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ۋە يەرشارى رىقابەت ئىستراتېگىيەلىرى» ناملىق كىتابى تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق نەشرىيات ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان سەچكىن نەشرىياتى تەرىپىدىن تۈرك تىلىدا نەشر قىلىندى. كىتاب تۆت بۆلۈمدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمدە شى جىنپىڭدىن بۇرۇنقى خىتاي دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىلگەن، ئىككىنچى بۆلۈمدە شى جىنپىڭ بىلەن بىللە ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى خىتاي دەۋرىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار كونكرېت ئانالىز قىلىنغان. ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى بۆلۈمدە يېڭى دەۋرگە كىرگەن خىتاينىڭ بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ۋە يەرشارى رىقابەت ئىستراتېگىيەسى سىستېمىلىق مۇھاكىمە قىلىنغان.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى مۇتەخەسسىس مەمەت توختى ئاتاۋۇللا ۋە ئىنئۆنۈ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور فىكرەت بىردىشلى ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق.

كىتابتا خىتاينىڭ بىخەتەرلىك چۈشەنچىسى ئەتراپىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، كىتابنىڭ ئاپتورى مەمەت توختى ئاتاۋۇللا يېڭى دەۋرگە كىرگەن خىتاينىڭ بىخەتەرلىك چۈشەنچىسىدە ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ۋەزىيىتىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك چۈشەنچىسى ۋە ئىستراتېگىيەسىدە خىتاينىڭ ئىچكى مۇقىملىقنىڭ سالمىقى تاشقى مۇداپىئەدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. چۈنكى نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە خىتاينىڭ تاشقى جەھەتتىن ھۇجۇمغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن، لېكىن ئىچكى مۇقىملىقنىڭ كونترولدىن چىقىپ خىتاي ھاكىمىيىتىنى غۇلىتىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. خىتاينىڭ ئىچكى مۇقىملىققا سەرپ قىلغان خامچوتى تاشقى مۇداپىئە خامچوتىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولۇۋاتىدۇ. شەرقى تۈركىستاندىكى باستۇرۇش، ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى مەسىلىسىگە كەلسەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا بۇ قەدەر رادىكاللىق سىياسەتلەرنى قوللانغانلىقى ئاللىقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دۆلەت بىخەتەرلىكى تەھدىتى دەپ بېكىتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا خىتاي بۇ تەھدىتنى كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن ھەرقانداق رادىكال ۋاسىتىلىرى قوللىنىشتىن باش تارتمايدۇ».

كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە تۈركىيە ۋە غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ئەنئەنىۋى ئىتتىپاق كۈنسېرى ئاجىزلىشىۋاتقان، خىتايغا بولغان ئىقتىسادىي بېقىنىش ۋە سىياسىي يېقىنلىشىش كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكىدەك مەزگىلدە تۈركىيەدە خىتاي ھەققىدە ئىلمىي ۋە ئوبيېكتىپ تەتقىقاتلارنىڭ كۈچىيىشى تۈركىيەنىڭ خىتايغا قارشى توغرا سىياسىي ئىستراتېگىيە ئىشلەپ چىقىرىشىغا پايدىلىق ئىكەن. پروفېسسور دوكتور فىكرەت بىردىشلى ئەپەندىم تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشتە ئېھتىياجلىق سىياسىي ئىستراتېگىيە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە خىتايغا قارشى ئېغىش بار. بۇ ئېغىش تۈركىيەنىڭ ئەنئەنىۋى تاشقى سىياسىتىدە يېڭى ئىتتىپاقداشلار ئىزدەش مەقسىتىنى مەنبە قىلغان. ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقدىشى غەرب دۇنياسى ئىدى. يېقىننىڭ ياقى غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزىگە يېڭى بىر يول سىزىشقا كىرىشتى. يېڭى ئىتتىپاقداش ئىزدەش مەقسىتىدە خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشتى، پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ بىر بىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشىشى نورمال ئەھۋال. بىراق تۈركىيەنىڭ شەرقى تۈركىستان بىلەن بولغان تارىخى مۇناسىۋىتى ۋە ۋە ئۇ تۇپراقلاردا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەر تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىنى تەسلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تۈركىيە خىتايغا قارشى تاشقى سىياسەت شەكىللەندۈرۈشتە ئېھتىياجى بولغان نەزەرىيەۋى قۇرۇلمىدا يىتەرسىز».

خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنىڭ كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئورگانلىرىغا بولغان بېسىمىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر ئۇلغايماقتا. كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى بىلەن ئوبيېكتىپ ئىلمىي تەتقىقاتنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خىتاي ھەققىدىكى ماتېرىيال مەنبەسىنىڭ غەرب مەنبەلىرىگىلا تايىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنىمۇ ئەسكەرتمەكتە. بۇ ھەقتە پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان مەمەت توختى ئەپەندىم مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ خىتاي ھەققىدىكى تونۇشىنى تېخىچە شەكىللىنىش باسقۇچىدا دېيىشكە بولىدۇ. خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنلىشىشى ۋە خىتاينىڭ خەلقئارادىكى نوپۇزىنىڭ ئېشىشىغا ئېگىشىپ تۈركىيە ئىلىم ساھەسىدە خىتايغا قارىتا قىزىقىش پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇ جەھەتتىن تەتقىقات ئىلىپ بارىدىغانلارنىڭ سانى كۈندىن كۈنگە ئېشىۋاتىدۇ. بىراق تەتقىقات نەتىجىلىرى يۈزەكىلىكتىن ۋە خاتالىقتىن خالى ئەمەس. تۈركىيە ئىلىم ساھەسىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى تۆنىشى ئاساسەن غەرب مەنبەلىرىنى ئاساس قىلىپ كەلگەن. تۈركىيەدە مەخسۇس خىتاينى تەتقىقات قىلىدىغان خىتاينىڭ مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى ۋە تىلىنى بىلىدىغان تەتقىقاتچىلار قوشۇنى يوق دېيەرلىك. خىتاي ھەققىدىكى يۈزەكى ماتېرىياللارنىڭ كۆپىنچىسى غەرب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىقاتى ۋە ئەسەرلىرىدىن كەلگەن. يېقىنقى ۋاقىتلاردا تۈركىيەدە خىتايغا بېرىپ ئانچە مۇنچە خىتاي تىلى ئۆگىنىپ كېلىدىغان ياكى خىتاينىڭ تەشۋىقات تىپىدىكى ماتېرىياللىرىنى مەنبە قىلىپ ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. خىتاينى چۈشىنىش ئۈچۈن خىتاينىڭ تارىخىنى، تىلىنى بىلىش، بىرىنچى قول مەنبەلەردىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىش ۋە سىياسىي تەشۋىقات بىلەن ماھىيەتنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇش كېرەك. يېتەرلىك خىزمەت ئىشلەنمىگەنلىكى ۋە تۈركىيەنىڭ ئىلمىي ئىقتىدارى بۇ جەھەتتە يىتەرسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئىلمىي ۋە سىياسىي جەھەتتە خىتايغا بولغان تونۇش يۈزەكىلىكتىن ۋە خاتالىقتىن خالىي بولالماي كېلىۋاتىدۇ. تۈركىيەدە خىتاينى ھەقىقىي بىرىنچى قول مەنبەدىن چۈشەندۈرىدىغان، تەتقىقات قىلىدىغان، تۈرك خەلقىنى، سىياسىي ۋە ئىلمىي ساھەسىنى بۇ جەھەتتە توغرا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدىغان ئەسەرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ».

زىيارىتىمىز داۋامىدا پروفېسسور فىكرەت بىردىشلى ئەپەندىم مەمەت توختى ئاتاۋۇللانىڭ «خىتاي بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ۋە يەرشارىۋىي رىقابەت ئىستراتېگىيەلىرى» ناملىق كىتابى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي خىزمەتلەر تۈركىيەدە ئىنتايىن چەكلىك. خىتاينى ياخشى تونۇمايمىز. تۈركىيەدىكى خىتاي ھەققىدىكى چۈشەنچە غەرب تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان مەنبەلەرگە تايىنىدۇ. مەزكۇر كىتاب خىتاي تىلى ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ يېزىلغان بولۇپ، خىتاينى تېشىدىن ئەمەس، ئىچىدىن تونۇشىمىزغا ۋە تۈزىتىشىمىزگە ئىمكانىيەت ھازىرلاپ بېرىدۇ. مەن بۇ كىتابتا خىتاي تېخىمۇ توغرا يورۇتۇلغان، تېخىمۇ كونكرېت ئانالىز قىلىنغان دەپ ئويلايمەن. مەزكۇر كىتابنى دىققەت تارتىدىغان ۋە ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان كىتاب دەپ قارايمەن».

مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ ئېنىقسىزلىقىنى تۈركىيەنىڭ خىتاينى ياخشى تونۇماسلىقى ۋە خىتاي ۋەكىللىك قىلىۋاتقان مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ سىياسىي مەقسىتىنى ئىدراك قىلىشتا چەبدەس بولالماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.