BBC مەردان غاپپارنىڭ رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020.08.18
merdan-ghappar.jpg مەردان غاپپار ئۆزىنى تۇتۇۋالغانلىقىنى تارقاتقان سىن كۆرۈنۈشىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان. 2020-يىلى يانۋار، ئاقسۇ.
Abdulhekim Ghappar teminligen

6-ئاۋغۇست BBC مۇخبىرلىرى 31 ياشلىق مەردان غاپپارنىڭ كۇچادىكى بىر كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنى تەكشۈرۈش ئورنىدىن يوللىغان سىن كۆرۈنۈشى بىلەن ئۇنىڭ بىر قىسىم قىسقا ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىپ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئىدى. بۇ سىن كۆرۈنۈشىدە مەردان غاپپارنىڭ قولىغا كويزا سېلىنىپ كارۋاتقا چېتىپ قويۇلغانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. مەردان غاپپارنىڭ يەنە قىسقا ئۇچۇرلىرىدىكى ئۇنىڭ 18 كۈن كۇچادىكى بىر ساقچىخانىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ياتقانلىقى، بۇ يەردە بېشىغا خالتا كىيدۈرۈلگەن 50 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بىر بىرىگە چېتىپ قويۇلغانلىقى، بىر ئادەمنىڭ ئەتىگەندىن كەچكىچە دات-پەريات كۆتۈرۈپ ۋارقىرىغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقى قاتارلىق ئېچىنىشلىق مەنزىرىلەر تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ سىن كۆرۈنۈشى ۋە ئۇچۇرلارنى مەردان غاپپار بۇ يىل 2-ئايدا ئۆزى تارتىپ ئائىلىسىدىكىلەرگە يوللاپ بەرگەن. ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى گوللاندىيەدىكى تاغىسى ئابدۇلھەكىم غاپپارغا ئەۋەتكەن. ئابدۇلھاكىم غاپپار بولسا ئاخبارات ساھەسىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن BBC مۇخبىرلىرىغا يوللاپ بەرگەن. BBC مۇخبىرلىرى بۇ سىن كۆرۈنۈشىگە قوشۇپ مەردان غاپپارنىڭ قىسقا ئۇچۇرلىرىنى ئانالىز شەكلىدە ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھاكىمىيىتىدىن بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى سوراپ يازما شەكىلدە ئەۋەتكەن. ئەمما خىتاي تەرەپتىن ھازىرغا قەدەر جاۋاپ ئالالمىغان.

18-ئاۋغۇست BBC «خىتاي شىنجاڭلىق مودېلنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى ‹ئۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرىنى ئۇردى› دەپ ئاقلىدى» ناملىق بىر خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە ئاخىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ يازما شەكىلدە بىر بايانات ئېلان قىلغانلىقى، باياناتتىكى مەزمۇنلاردىن مەردان غاپپارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى خادىملار ۋە ساقچىلار بىلەن جىدەللەشكەنلىكى ئۈچۈن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلگەنلىكى بايان قىلىنغان.

مەزكۇر خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى ئېلان قىلغان بۇ باياناتتا BBC مۇخبىرلىرى سورىغان كۆپلىگەن سوئاللار جاۋاپسىز قالغان. مەسىلەن، مەردان غاپپارنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ قانداق جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى، قەيەرگە يۆتكەلمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن ھەمدە ئۇنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورنىدىن چىقارغان سىن كۆرۈنۈشى توغرىسىدىمۇ توختالمىغان. پەقەت مەردان غاپپارنىڭ «جىدەل تېرىغانلىقى» ئۈچۈن قانۇن بويىچە مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى تەسۋىرلەنگەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى ئېلان قىلغان بۇ باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «مەردان غاپپار ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىگە ماسلاشمىدى، رەت قىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرىنىڭ ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىشىگە قارشى چىقتى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرىنى ھاقارەتلىدى ۋە ئۇلارنى ئۇردى.»

خىتاي بۇ باياناتىدا يەنە مۇنداق دېگەن: «تاپشۇرۇپ بېرىش ۋە رەسمىيەت بېجىرىش جەريانىدا مەردان غاپپار ئۆز ئۆزىنى يارىلايدىغان ۋە ساقچىلارغا قارشى ھەددىدىن ئارتۇق ھەرىكەتلەردە بولدى، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگانلىرى مۇناسىۋەتلىك تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللاندى، ئۇنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرغاندىن كېيىن تەدبىرلىرىنى بىكار قىلدى.»

باياناتتا يەنە «مەردان غاپپارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش جەريانىدىكى قىلمىشلىرى جىنايەت سادىر قىلىش گۇمانىنى قوزغىغانلىقى ئۈچۈن جامائەت خەۋەپسىزلىك ئورگانلىرى ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە چارە قوللاندى، بۇ دېلو تەكشۈرۈلۈش باسقۇچىدا تۇرماقتا،» دېيىلگەن.

ئەلۋەتتىكى، مەزكۇر خەۋەردە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ۋە مەردان غاپپارنىڭ تاغىسى ئابدۇلھاكىم غاپپارنىڭ خىتاينىڭ بۇ باياناتلىرىدىن قانائەت ھېس قىلمىغانلىقى، ئۇنىڭدا تىلغا ئېلىنغانلارغا ئىشەنمىگەنلىكى ۋە خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ قىيناۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى قىلمىشلىرىغا قارىتا تۈرلۈك قاراشلارغا، ئىنكاسلارغا ئورۇن بېرىلگەن.

ئەمما ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئۈچۈن دىققەتنى بەكرەك تارتىدىغىنى مەردان غاپپارنىڭ ئېغىر تەن جازاسىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى بولغان. خىتاينىڭ مەزكۇر باياناتىدىكى «مەردان غاپپار ئۆز ئۆزىنى يارىلايدىغان ۋە ساقچىلارغا قارشى ھەددىدىن ئارتۇق ھەرىكەتلەردە بولدى، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگانلىرى مۇناسىۋەتلىك تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللاندى، ئۇنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرغاندىن كېيىن تەدبىرلىرىنى بىكار قىلدى» دېگەن جۈملە چوڭ بىر پاجىئەدىن بىشارەت بېرىدىكەن.

ئۈرۈمچىدىكى مەزگىلىدە ئادۋۇكاتلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ھازىر نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قارشىلىقلار سەۋەبلىك نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتتە مەردان غاپپارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېغىر جىسمانىي زەربىگە ئۇچراپلا قالماي، روھىي جەھەتتىن نابۇت قىلىۋېتىلىش ئېھتىماللىقى زور ئەندىشە قوزغايدىكەن.

ئىلگىرى غۇلجادا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر گېرمانىيەنىڭ ستۇتگارت شەھرىدە ياشاۋاتقان ئابدۇشۈكۈر ھاجىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، مەردان غاپپار مەسىلىسىنىڭ مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى پاجىئەلىك تەقدىرىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان بىر مىسال ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندىمۇ بۇ خۇسۇستا قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

BBC نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە مودېل بولۇپ ياشاۋاتقان مەردان غاپپار بۇ يىل 1-ئايدا كۇچا ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن ۋە ساقچىخانىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قامالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.