كېرىيە ھېيتگاھ جامەسىنىڭ شىمالىي ئىشىكىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.04.24
meschit-cheqish-keriye.jpg ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى لاگېرلارنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەتئەلدىكى خىتاي كۆزەتكۈچى شاۋېن جاڭ ئۆز ماقالىسىدە قويغان كېرىيە ھېيتگاھ جامەسىنىڭ سۈرىتى. 2019-يىلى 2‏-ئاپرېل.
Social Media

كېرىيە ناھىيەسىدىكى ھېيتگاھ جامەسى ئۇيغۇر رايونىدىكى تارىخىي ئەڭ ئۇزۇن، كۆلىمى چوڭ ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىق قىممىتى زور بولغان مەسچىتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، چەتئەل تاراتقۇلىرىدا 800 يىللىق مەزكۇر جامەنىڭ يېقىندا غايىب بولغانلىقى، ئۇنىڭ چېقىۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. بۇ خەۋەرنى ئەڭ بۇرۇن كانادادىكى خىتاي پائالىيەتچى شان جاڭ ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن يېڭى بايقالغان ئۇچۇرلاردا، جامەنىڭ ئاساسى زالىنىڭ ساق ئىكەنلىكى، پەقەت ئۇنىڭ 1990‏-يىللىرىدا قايتا سېلىنغان شىمالىي ئىشىكىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

شاۋېن جاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى لاگېرلارنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەتئەلدىكى خىتاي كۆزەتكۈچى بولۇپ، ئۇ 2‏-ئاپرېل كۈنى گۇگىل يەر شارى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى تەكشۈرۈپ، كېرىيەدىكى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ غايىب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن شاۋېن جاڭ 23‏-ئاپرېل كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا مەزكۇر جامە ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كېرىيە ھېيتگاھ جامەسىنىڭ پۈتۈنلەي چېقىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇر توغرا ئەمەسكەن. ئۇ، كېرىيە ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئاساسى ئىبادەت زالى چېقىلمىغانلىقى، لېكىن ئۇنىڭ شىمالىي ئىشىكىنىڭ 2018‏-يىلى 5‏-ئايدىن بۇرۇن چېقىۋېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

شاۋېن جاڭ يېقىندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «مەن بىر خىتاي ساياھەتچىنىڭ بۇ ناھىيەگە ساياھەتكە بېرىپ ئۇ مەسچىتنى تاپالمىغانلىق ئۇچۇرىنى كۆردۈم. مەن بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ، سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى ئاختۇرۇپ، ھەقىقەتەن بۇ قۇرۇلۇشنىڭ غايىب بولغانلىقىنى بايقىدىم. قارىسام، ھەقىقەتەن بۇ قۇرۇلۇش ئورنىدا يوق تۇرىدۇ. مەن باشقا تور بېتىدە بۇ كىشىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشنى تاپالمىغانلىقىنى يازغانلىقىنى كۆردۈم. بۇ قۇرۇلۇش بار ۋاقتىدا سۈرەت 2017‏-يىلى 11‏-ئاينىڭ 2‏-كۈنى تارتىلغان. بۇ قۇرۇلۇش غايىب بولغان ۋاقتىدىكى سۈرەت 2018‏-يىلى 5‏-ئايدا تارتىلغان. يەنى 2017‏-يىلى 11‏-ئايدا بۇ قۇرۇلۇش ئورنىدا بار ئىدى. ئۇنىڭ غايىب بولغانلىقى ئېنىق، ئەمما ئۇنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلمىدىم.»

بىز مەزكۇر ئۇچۇرنى ئېنىقلاش جەريانىدا كېرىيە ناھىيەسىگە تېلېفون قىلىپ، بۇ جامەنىڭ غايىب بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن ئىدۇق. ئالاقىدار تارماقلار سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كېرىيە ھېيتگاھ جامەسىنىڭ بىر قانچە يۈز مېتىر نېرىسىدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى ھازىرقى ئورۇندا جامەنىڭ يوقلىغىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يەردە پۈتۈن جامەنى ياكى ئۇنىڭ ئىشىكىنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقىغا ئېنىقلىما بەرمىگەن ئىدى.

بۇ نۆۋەتچى خادىم مۇنداق دېگەن: «ياخشىمۇسىز، شۇنداق، بۇ جېجياڭ مېھمان سارىيى. سىز بايام بىر قېتىم تېلېفون قىلغانغۇ، دەيمەن. بايام مەن باشقىلاردىن سۈرۈشتۈردۈم، بۇ مەسچىت بىزنىڭ بۇ يەرگە خېلى يېقىنكەن. بىرقانچە يۈز مېتىر كېلىدۇ، دەيدۇ. ئۇ چېقىۋېتىلدىغۇ، دەيمەن. مېنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىمگە بىر قانچە ئاي بولدى. بىر قانچە ئايدىن بېرى يوقتى. مەن كەلگەندە يوق ئىكەن.»

كېرىيەدىكى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ پەقەت ئىشىكىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى ئەڭ بۇرۇن ئەنگلىيەدىكى «بېللىڭكەت» ناملىق بىر تورنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەزكۇر تور سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى ئانالىز قىلىپ، جامەنىڭ ئاساسى ئىبادەت زالىنىڭ چېقىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر دەسلەپكى كۈنلەردە خەلقئارا ئاخباراتنىڭ بەك دىققىتىنى قوزغىمىغان بولسىمۇ، ئەمما 15-ئاپرېل كۈنى فىرانسىيە پايتەختى پارىژدىكى بۈۋى مەريەم چېركاۋى (Notre Dame) نىڭ كۆيۈپ كېتىشى بىلەن بۇ خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. چۈنكى، مەزكۇر جامە غەرب بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ گۈزەللىكى مۇجەسسەملەشكەن بۈۋى مەريەم چېركاۋى بىلەن ئوخشاش دەۋردە سېلىنغان ئىدى. ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق ژۇرنالىست ۋە دىنىي زات مۇھەممەت يۈسۈپ قارىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر جامە سەئىدىيە دۆلىتى زامانىدا بىر قېتىم كېڭەيتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا سۇلتان ئابدۇللا خان قاتناشقان ئىكەن.

مۇھەممەت يۈسۈپ غارىم يەنە بۇ جامەنىڭ شىمالىي ئىشىكى يېقىنقى يىللاردا ياسالغانلىقىنى، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئىشىكنى «بەك ئېگىز بولۇپ كېتىپتۇ» دەپ ئۇنىڭ ئۈستىنى ئالدۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. كانادادىكى شاۋېن جاڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدە دائىرىلەرنىڭ كېرىيە ناھىيە بازىرىدىكى شەھەر رەستىلىرىنى چېقىپ تاشلاپ، پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىلگەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن. ئۇ ھېيتگاھ جامەسىنىڭ شىمالىي ئىشىكىنىڭ غايىب بولۇشى خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى مۇقىملىق سىياسىتىگە ئالاقىدار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

شاۋېن جاڭ مۇنداق دەيدۇ: «كېرىيە ناھىيەسىنىڭ خەرىتىسىدىن قارىغاندا، كېرىيەنىڭ كونا شەھەر رەستىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چېقىۋېتىلگەن. بۇ بەلكىم كونا شەھەر رەستىلىرىنى قايتا ئۆزگەرتىپ قۇرۇش پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن. كونا شەھەر رەستىلىرىنى ئۆزگەرتىش پىلانى بەلكىم ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىشنى چىقىش قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئالدىنقى كۈنى ‹ۋول-سترېت ژۇرنىلى گېزىتى› ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇنىڭ خاراكتېرىمۇ ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇ مۇقىملىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى. چۈنكى كونا شەھەرلەرنى باشقۇرۇش زامانىۋى شەھەرلەرنى باشقۇرۇشقا قارىغاندا مۈشكۈل بولىدۇ.»

تارىخىي ماتېرىياللاردا كېرىيە ھېيتگاھ جامەسىنىڭ 13‏-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا سېلىنغانلىقى قەيت قىلىنسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ رەسمىي ھۆكۈمەت مەلۇماتلىرىدا ۋە تاراتقۇ-ئۇچۇرلىرىدا ئۇنىڭ تارىخىي ھەققىدە زىددىيەتلىك مەلۇماتلار بېرىلگەن. خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ تورىدىكى ئۇچۇردا، مەزكۇر جامەنىڭ 1200‏-يىللىرىدا سېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەمما چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى قىلغان «شىنجاڭدىكى تارىخىي بىنالارنىڭ خەرىتىسى» ناملىق كىتابتا ئۇنىڭ 1665‏-يىلى سېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

تارىخىي ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، كېرىيە ھېيتگاھ جامەسى 800 يىللىق تارىخىدا 7 قېتىم كېڭەيتىلىپ قۇرۇلغان ئىكەن. تارىخىي ماتېرىياللاردا مەزكۇر جامەنىڭ 1216‏-يىلى قارا قىتانلار تەرىپىدىن بىر قېتىم ۋەيران قىلىنغانلىقى، موڭغۇللار، مانجۇلار ۋە خىتايلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان كېيىنكى دەۋرلەردە كۆپ قېتىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ھېيت-ئايەملەردە 16 مىڭ ئادەم ھېيت نامىزى ئوقۇيالايدىغان مەزكۇر جامە 1999‏-يىلى «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى» دەپ بېكىتىلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.