مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ: «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداۋاتىمىز ۋە قوغدايمىز»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.04.21
چاۋۇشئوغلۇ: «خىتاي بەزى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلدى، ئەمما تۈركىيە بۇنىڭغا ئىجابىي جاۋاب قايتۇرمىدى» تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 13-يانۋار.
REUTERS

ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيە پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەندىن كېيىن تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇشى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ 20-ئاپرېل كۈنى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى «خابەر تۈرك» تە تارقىتىلغان پروگراممىدا مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قوغدايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«خابەر تۈرك» تېلېۋىزىيەسى پروگرامما رىياسەتچىسىنىڭ «ئۆكتىچى پارتىيەلەر ھۆكۈمەتنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىك بىلەن ئەيىبلەۋاتىدۇ؟ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە نېمىلەرنى قىلىۋاتىسىلەر؟» دېگەن سوئالىغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى:

«تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئەلۋەتتە سەزگۈر ۋە بۇ ھەقتە زىممىسىگە چۈشكەننى قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا بۇندىن كېيىنمۇ قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ ھەقتە ئىككى جەھەتتىن خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بىز ھەر دائىم خىتاي بىلەن بولغان ھەر دەرىجىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز. بۇ مەسىلىگە بولغان سەزگۈرلۈكىمىزنى ۋە خىتايدىن كۈتكەنلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئەنقەرەگە كەلگەن ۋاقىتتىكى ئۇچرىشىشىمىزدىمۇ بۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. مەن بۇنى ئۆزۈمنىڭ تۋېتتىرىم ئارقىلىقمۇ ئېلان قىلدىم».

مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىسىنى ئىنسانلىق مەسىلىسى دەپ قارايمىز. ئىككىنچىسى، ئۇيغۇر تۈركلىرى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز. ئۇلار بىلەن دىنىي، مەدەنىيەت، ئېتنىك ۋە تارىخىي جەھەتتىن رىشتىمىز بار. بۇ مۇناسىۋىتىمىزنى خىتايمۇ، باشقىلارمۇ ئىنكار قىلالمايدۇ. ئەمما بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بەزى غەرب ئەللىرىگە ئوخشاش خىتاي دۈشمەنلىكىگە ئايلاندۇرماقچى ئەمەسمىز. بىز خىتاينىڭ ‹بىر خىتاي سىياسىتىنى قوللايمىز› دېسەكمۇ بەزىلەر بىزنى قاتتىق تەنقىد قىلىۋاتىدۇ. بىز خىتايغا داۋاملىق ھالدا شۇنى دەۋاتىمىز: بىز دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىمىز، خىتاي دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىمىز. سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلاردا تېررورلۇق ھەرىكەتلەر يا بار، يا يوق، بىز تېررورنىڭ دەردىنى كۆپ تارتتۇق. لېكىن بىگۇناھ ئۇيغۇر خەلقىگە تېررورچى مۇئامىلىسى قىلىش توغرا ئەمەس دەۋاتىمىز. بۇ سىياسىتىڭلار خاتا دەۋاتىمىز. ئەگەر دەمەشق ئىراق ئىسلام دۆلىتى تېررور تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان بىرى مەيلى خىتاي، مەيلى تۈرك كىم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇ تېررورچىدۇر دەۋاتىمىز. بىر تۈرك تېررورلۇق تەشكىلاتقا ئەزا بولدى دەپ، ھېچكىم تۈرك مىللىتىنى تېررورچى دېيىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس. پ ك ك بار دەپ كۈرتلەرنىڭ ھەممىسىنى تېررورچى دېيەلمەيمىز».

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ 20-ئاپرېل كۈنى «خابەر تۈرك» تە تارقىتىلغان پروگراممىدا تۈركىيەنىڭ خەلقئارا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا سورۇنلاردا بەزى دۆلەتلەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئورتاق باياناتلار ۋە قارارلار چىقىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىگە خوڭكوڭ، تەيۋەن مەسىلىلىرىنىمۇ يېزىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز بۇ خىل ئورتاق باياناتلارغا قول قويماي، ئايرىم بايانات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىزنىڭ قېرىندىشىمىز ئىكەنكىلىكىنى، بۇ مەسىلىنىڭ ئىنسانلىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، خىتاي دۆلىتىدىن كۈتكەنلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز. ئەمما بەزىلەر بىزدىن 39 دۆلەت قول قويغان قارارغا نېمىشقا قول قويمىدىڭلار؟ دەپ سوراۋاتىدۇ. بۇ 39 دۆلەتكە قارشى 44 دۆلەت خىتاينى قوللاپ باياناتقا قول قويدى. لېكىن بىز ئۇنىغا قول قويمىغان بىلەن ب د ت دا ئۆز ئالدىمىزغا بايانات ئېلان قىلدۇق، ھېچكىم بىزگە قارشى چىقالمىدى. چۈنكى بىز سىياسىي نەرسىلەرنى ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز».

مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ، تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ھەيئەت ئەۋەتىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى، لېكىن خىتايدىن تېخى جاۋاب كەلمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«پرېزىدېنتىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كورونا ۋىرۇسى پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا بىر ھەيئەت يوللىشىمىزنى تەلەپ قىلغانىدى، بىز بۇنىڭغا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنياغا يامراشقا باشلىدى. ۋاڭ يى كەلگەندە يەنە بىز ئۇنىڭغا ھەيئەت ئەۋەتەيلى، لېكىن خالىغان يەرلەرنى زىيارەت قىلسۇن، خالىغان كىشىلەر بىلەن كۆرۈشەيلى دېدۇق، لېكىن تېخىگىچە خىتايدىن جاۋاب كەلمىدى».

مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ ئىگە چىقىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنىمۇ بىلىمىز. لېكىن بۇ ئىنسانلىق مەسىلىسى، بۇنى خىتاي دۈشمەنلىكىگە ئايلاندۇرۇشمۇ توغرا ئەمەس. خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ بېسىمى مۇھىم. بىز خىتايغا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبېك قاتارلىقلارنىڭ خىتايلار بىلەن ئوخشاش ھەق ۋە ھوقۇققا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى دەۋاتىمىز. بەزى ئۆكتىچىلەر خىتاينىڭ بەزى تەلەپلىرىنى ئورۇنلىغانلىقىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، بۇلارمۇ توغرا ئەمەس. بىز خىتاي تەلەپ قىلدى دەپ ئۆز پۇقرالىرىمىزنى بەرمىدۇق، بەرمەيمىز، بۇنداق بىر سىياسىتىمىزمۇ يوق. بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداۋاتىمىز، بۇندىن كېيىنمۇ قوغداشقا داۋام قىلىمىز».

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇنىڭ تۇنجى قېتىم تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيەلىرىدىن «خابەر تۈرك» قانىلىدا بۇنداق ئەتراپلىق، ئېنىق بەرگەن باياناتىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

2017-يىلىدىن بۈگۈنىگە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىككى قېتىم، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى 2 قېتىم، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى 5 قېتىم بايانات بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.