«ئەسىر مىللەتلەر ھەپتىلىكى مەجلىسى» دە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-07-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ئەسىر مىللەتلەر ھەپتىلىكى مەجلىسى» دە ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلماقتا. 2019-يىلى 15-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.
«ئەسىر مىللەتلەر ھەپتىلىكى مەجلىسى» دە ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلماقتا. 2019-يىلى 15-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.
RFA/Eziz

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كوممۇنىزمنىڭ تۈرلۈك زىيانكەشلىكلىرى تېخىچە مەۋجۇت بولماقتا. بۇ جەھەتتىكى ئەڭ يېقىنقى ئەھۋاللار توغرىسىدا ئامېرىكىدىكى سىياسەت بەلگىلىگۈچى زاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرىغا شاھىتلارنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلىتىش سورۇنى تەييارلاپ بېرىش مەقسىتىدە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» 15-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئەسىر مىللەتلەر ھەپتىلىكى مەجلىسى» پائالىيىتى تەشكىللىدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئاساسلىقى خىتاي، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى رايونلىرىدىكى كوممۇنىزم تۈزۈملىرىنىڭ شۇ جايلاردىكى ھەرقايسى خەلقلەرگە قانداق زىيانكەشلىكلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي ئەھۋالى ھەمدە كەلگۈسى تەرەققىياتى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىنغان ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى تېد كرۇز كۈتۈلمىگەن خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى سەۋەبىدىن يىغىنغا كېلەلمىدى ھەمدە يىغىنغا ۋىدىيولوق تەبرىكىنى يوللىدى. ئۇ ئۆز تەبرىكىدە يىغىننىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە خىتاينىڭ نۆۋەتتە كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىنى نامايىش قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تۈرلۈك زۇلۇملىرىغا ئۇچراۋاتقانلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مارىئون سىمىس سۆز ئېلىپ، كوممۇنىزمنىڭ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان ئىنسانىيەتكە بالايى-ئاپەتتىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۇ خاراكتېرىنىڭ نۆۋەتتە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ، مىليونلارچە ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماشتەك زور پاجىئەگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك بۇ خىل مۇشتۇمزورلۇق ئۇسۇلىنىڭ ئاللىقاچان دېموكراتىيەگە ئۆتۈپ بولغان خوڭكوڭ رايونىغا كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

يىغىننىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئاخىرلاشقاندا بىز مارىئون سىمىس بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەشتۇق. ئۇ بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى نېمە ئۈچۈن يىغىننىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدىكى ئاساسلىق تېما قىلىپ تاللىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«روشەنكى شەرقىي تۈركىستاندا ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ دەپ ئاتايدىغان بۇ جايدا ئاھالىلەر ئەسىرگە ئايلاندۇرۇلۇپ، خۇسۇسىي ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ جايدا ئېتنىك قىرغىنچىلىقنىڭ باشلانغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىشارە قىلىدىغان بەزى پاكىتلارنىمۇ كۆرۈۋاتىمىز. ئەپسۇسكى بىزنىڭ ئۇ جايغا بېرىپ زادى نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىش شارائىتىمىز بولمايۋاتىدۇ. ھازىر كۆپ قىسىم تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەتلەر ئورتاق قوبۇل قىلغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا قامالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جايدا ئۇيغۇرلارنى ‹تەربىيەلەۋاتقانلىقى›نى تەكىتلەۋاتىدۇ. ئەمما بىزگە يېتىپ كېلىۋاتقان ئۇچۇرلار بۇ جايدىكى ئەسىرگە ئايلاندۇرۇلغان بۇ خەلقنىڭ مەجبۇرلاش ئاستىدا ئۆز ئارزۇسىغا خىلاپ بولغان ئىش-ھەرىكەتلەردە بولۇۋاتقانلىقىنى دەلىللىمەكتە. شۇڭا مۇشۇ ھەپتىدىكى ‹ئەسىر مىللەتلەر ھەپتىلىكى مەجلىسى› گە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ قاتناشتۇرۇش قارار قىلىندى. يەنە كېلىپ ئۇيغۇر خەلقى ۋە شەرقىي تۈركىستان رايونى تېررىتورىيە جەھەتتە خىتايغا تەۋە ئەمەس. شۇڭا بىز مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خىتاينى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىشنى توختىتىشقا چاقىرىش، شۇنىڭدەك ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئىدارە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك ئارزۇلىرىغا قانداق شەكىلدە ھۆرمەت قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر سورۇن ھازىرلاشنى ئويلاشتۇق.»

يىغىننىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ يېقىندا «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئامېرىكا ئۈچۈن دۈشمەن ئەمەس» تېمىسىدىكى ماقالىدىن سۆز باشلاپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن بەكلا ھەيرانلىق ھېس قىلغانلىقىنى، ماقالىدە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچ مىليون ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىۋەتكەنلىكى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلىنمىغانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتا ناتسىستلار گېرمانىيەسى مىليونلىغان يەھۇدىينى قىرىپ تاشلاش ئالدىدا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ناتسىستلارنى دۈشمەن ئەمەس، دەپ قارىغانلىقىنى، ئاخىرىدا رېئاللىقنىڭ تولىمۇ ئېچىنىشلىق پاجىئەلەر بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ: «شەرقىي تۈركىستاندا ساقچى دۆلىتى رەسمىي بەرپا بولغان، 2014-يىلى باشلانغان تۇتقۇن ھازىر تۆت يۈز پىرسەنتتىن ئارتۇق ئاشقان ئەھۋالدىمۇ دۇنيا ئاشۇنداق بىخۇدلارچە پىكىر قىلسا قانداق ئاقىۋەت يۈز بېرىشى مۇمكىن؟» دەپ كۆرسەتتى.

بۇ باسقۇچتا «خىتايغا ياردەم» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بوب فۇ ئايرىم سۆز قىلدى. ئۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان دىنىي ئېتىقاد ساھەسىنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۈچۈن زور تەھدىت، دەپ قاراپ «سوتسىيالىزم بىلەن ماسلاشتۇرۇش» نامىدا يوقىتىش كويىغا چۈشكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە خىتاي خرىستىئانلىرىنىڭ، شۇنداقلا بۇددىستلىرىنىڭ دىنىي زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ سەۋەبتىن مىليونلاپ لاگېرغا قامىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباس ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تولىمۇ خەتەرلىك بىر باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيانىڭ بۇ ھەقتە تېزدىن تەدبىر ئېلىشىنىڭ بەكمۇ تەخىرسىز بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىننىڭ ئاخىرىدىكى سوئال-جاۋاب بۆلىكىدە يىغىن قاتناشقۇچىلىرى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە كۆپلەپ سوئاللارنى سورىدى.

يىغىنغا ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى ۋە كونسۇلخانا خادىملىرى، شۇنىڭدەك ھەر ساھە كىشىلىرىدىن بولۇپ يۈزدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت