قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى مىللىي كىملىكنى ساقلاش ئۈچۈن تىرىشماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019.06.03
ana-yer-quchiqida.jpg

قازاقىستان مەملىكەتلىك مەركىزىي مۇزېيى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا يەر قۇچىقىدا» ناملىق فېستىۋالدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 1-ئىيۇن، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

ana-yer-quchiqida-1.jpg

قازاقىستان مەملىكەتلىك مەركىزىي مۇزېيى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا يەر قۇچىقىدا» ناملىق فېستىۋالدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 1-ئىيۇن، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

ana-yer-quchiqida-2.jpg

قازاقىستان مەملىكەتلىك مەركىزىي مۇزېيى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا يەر قۇچىقىدا» ناملىق فېستىۋالدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 1-ئىيۇن، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

ana-yer-quchiqida-3.jpg

قازاقىستان مەملىكەتلىك مەركىزىي مۇزېيى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا يەر قۇچىقىدا» ناملىق فېستىۋالدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 1-ئىيۇن، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

ana-yer-quchiqida-4.jpg

قازاقىستان مەملىكەتلىك مەركىزىي مۇزېيى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا يەر قۇچىقىدا» ناملىق فېستىۋالدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 1-ئىيۇن، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

ana-yer-quchiqida-5.jpg

قازاقىستان مەملىكەتلىك مەركىزىي مۇزېيى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا يەر قۇچىقىدا» ناملىق فېستىۋالدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 1-ئىيۇن، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

مەلۇمكى، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن بۇيان ياش ئەۋلادلارنى مىللىي روھتا تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە.

قازاقىستاندىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ھەر خىل مەزمۇندىكى فېستىۋاللارنى، سەنئەت كۆرەكلىرىنى ۋە ئانا تىلدا سۆزلەش مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىگە ئايلانغان. مەزكۇر پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە ئۇيغۇر جەمئىيەت بىرلەشمىلىرى، ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەر، مەدەنىيەت، سەنئەت ئۆمەكلىرى يېقىندىن قوللىماقتا. كېيىنكى ۋاقىتلاردا «مەنىۋى يېڭىلىنىش» ۋە «ئۇلۇغ دالانىڭ يەتتە قىرى» مەملىكەتلىك پروگراممىلىرى دائىرىسىدە ئۆتكەن كۆپلىگەن پائالىيەتلەردە ياشلارنى ئەنە شۇ مىللىي روھتا تەربىيەلەش نىشان قىلىنغان.

1-ئىيۇندا ئالمۇتا شەھىرىدىكى قازاقىستان مەملىكەتلىك مەركىزىي مۇزېيى بىناسىدا «ئانا يەر قۇچىقىدا» تېمىسىدا ياش ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا جۇمھۇرىيەتلىك 1-فېستىۋال-كۆرگەزمىسى بولۇپ ئۆتتى. «1-ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن تەشكىللەنگەن بۇ پائالىيەت تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچىسى ۋە رەسسامى مارس ھېيتئاخۇنوفنىڭ 80-يىللىق خاتىرىسىگە بېغىشلاندى. مۇراسىم قازاقىستان مەملىكەتلىك مەركىزىي مۇزېيى، «ئالامەت» فىلىم ئىشلەش مەركىزى ۋە «شەبنەم» ئۇيغۇر خانىم-قىزلار كۇلۇبى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.

فېستىۋالنى كىرىشمە سۆز بىلەن باشلىغان قازاقىستان مەملىكەتلىك مەركىزىي مۇزېيى مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى بېيبىتقالى قاقابايېف ۋە «دۇنيا ئارت» كۆرگەزمە گالېرېيەسىنىڭ مۇدىرى ھاكىمجان گۇلىيېف ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قازاقىستان مەدەنىيىتىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە فېستىۋال قاتناشقۇچىلىرىنى «بالىلار بايرىمى» بىلەن قىزغىن تەبرىكلىدى. ھاكىمجان گۇلىيېف قازاقىستان تەسۋىرىي سەنئىتىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىغا مۇناسىپ تۆھپىلىرىنى قوشۇپ كېلىۋاتقان ئابدۇكېرىم ئەيسا، رۇسلان يۈسۈپوف، ھاشىم قۇربانوف، مۇھەببەت ھېيتئاخۇنوۋا قاتارلىق رەسساملارنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇپ، بۇ فېستىۋالدا ياش رەسساملارنىڭ ئۆز ھۈنەرلىرىنى نامايىش قىلىشقا بارلىق شارائىتلارنىڭ يارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

فېستىۋال ياش ئۆسمۈرلەر تەرىپىدىن تەييارلانغان كونسېرتلىق پروگرامما بىلەن باشلاندى. ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرى، ناخشىلىرى، لەپەرلىرى كۆپچىلىكنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان شائىر ئېلاخۇن جېلىلوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەنىۋىي يېڭىلىنىش پروگراممىسى قەدىمدىن كېلىۋاتقان ھۈنىرىمىزنى، سەنئىتىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى قايتىدىن تىكلەشكە تۈرتكە بولدى، كۈچ-غەيرەت ۋە ئىلھام بېرىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى مۇراسىمدا ھەممىسى خوش كۈلكىسى بىلەن ئۆز ھۈنەرلىرىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. كېلەچەكتە مۇشۇنداق ئىتتىپاقلىقتا ياش ئەۋلادنى تەربىيەلەشكە ئۈلۈشىمىزنى قوشساق، مەقسىتىمىزگە يېتىمىز.»

فېستىۋالنىڭ ئىككىنچى قىسمى يازغۇچى ۋە رەسسام مارس ھېيتئاخۇنوفنى خاتىرىلەش بىلەن باشلىنىپ، سۆزگە چىققانلار ئۇنىڭ ئىجادىيەت تالانتى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مارس ھېيتئاخۇنوف 1944-يىلدىن تارتىپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۇ ھەر خىل ماۋزۇلاردىكى بىر قانچىلىغان ھېكايىلەرنىڭ ئاپتورى. ئۇنىڭ سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى دەۋرىدىكى ئارقا سەپكە بېغىشلانغان «ئەلۋىدا، ياز» ناملىق رومانى كىتابخانلار ئارىسىدا يۇقىرى باھالارغا ئىگە بولغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «مىراس» ئانىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەختىرىم ئەخمەتوۋا خانىم مۇنداق دېدى: «بۈگۈن كۆڭلىمىز قارا، تۇمان بولسىمۇ، دۇنيا يۈزى بويىچە پەرزەندلىرىمىزنىڭ بايرىمى. بىز قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى بولسۇن، مەدەنىيىتىمىز بولسۇن ناخشا-ئۇسسۇللىرىمىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى بىلگەن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىمىزنىڭ ھۈنىرىنى كۆرۈپ، خۇشال بولۇۋاتىمىز. بالىلىرىمىز ئۆرپ-ئادەت، رەسىم-قائىدىلىرىمىزنى ئۇنتۇماي، تارىخىي ۋەتىنىمىزگە بېرىشىغا ئامەت تىلەيمەن. شۇ تارىخىي ۋەتىنىمىزدە دادىسىز، ئانىسىز قالغان پەرزەندلىرىمىزگە سەبىر، خاتىرجەملىك تىلەيمەن. پۈتۈن دۇنيا بالىلاربايرىمى قۇتلۇق بولسۇن. ئانا ۋەتىنىمىزدىمۇ بالىلىرىمىزنىڭ ھامان بىر كۈنى ئەركىز ئازادە بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشىنى ئاللاھدىن ئۈمىد قىلىمىز.»

فېستىۋالدا رەسىم سىزىپ ھەم ھېكايە يېزىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر پەخرىي يارلىق ۋە باھالىق سوۋغاتلار بىلەن تەقدىرلەندى. ئۇنىڭدا ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىجادىيىتىدىن ئەسەرلەر كۆرگەزمە قىلىندى. مۇراسىمدا سۆزگە چىققانلار مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشقا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان «ئالامەت» فىلىم ئىشلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى قەلبىنۇر روزىيېۋاغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.