لوندوندىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە
2024.11.20
بۇ يىل 11-ئاي كىرىشى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 91 يىللىقى بىلەن 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 80 يىللىقىنى تۈرلۈك ئۇسۇللاردا خاتىرىلەشكە باشلىدى. مانا مۇشۇ قاتاردا ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى مەخسۇس ئويۇن تەييارلاپ، 20-ئەسىردە قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگلىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تەخمىنەن 600 ئەتراپىدا بولۇپ، 350 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر پايتەخت لوندوندا ياشايدىكەن. لوندوندىكى ئۇيغۇرلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشى، مىللىي كىملىكىنى ساقلىشى، شۇنداقلا مىللىي روھ بىلەن يېتىلىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتىكەن.
لوندوندىكى ئۇيغۇر جامائىتى 2019-يىلى ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، سەنئەت ئۆمەكلىرى تەشكىللەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە مەدەنىيەت-سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. لوندوندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، پەرزەنتلەرنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش ئېھتىياجى ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاش تەقەززاسى ھېس قىلىنغان بولۇپ، شۇ مەقسەتتە ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسلىرىمۇ ئېچىلغان. نۆۋەتتە لوندوندىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى ۋە كۇرسلىرى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە يالغۇز ئانا تىل ئۆگىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، جۇغراپىيەسى، ئەدەبىياتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىمۇ ئۆگەتمەكتە.
بۇ يىل 16-نويابىر كۈنى لوندوندىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت دەل شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى مەخسۇس ئويۇن تەييارلاپ، 20-ئەسىردە قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلىگەن.
ئالىمجان ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان خاتىرىلەش پائالىيىتى «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى» نى ئوقۇش بىلەن باشلانغان.
ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىلزات كېرىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەت توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «11-ئاينىڭ 16-جۈنى ‹جۇمھۇرىيەت كۈنى›نى خاتىرىلىدۇق. لوندوندىكى ئۇيغۇرلار ۋە بىر قىسىم يەرلىك ئەنگلىيەلىكلەر قاتناشقان بۇ پائالىيەتنى ئۇيغۇر مىللىي روھىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزدۇق، يەنى بۇ پائالىيەت ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۆتكۈزۈلدى».
دىلناز كېرىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پائالىيەتكە قاتناشقان بالىلار ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان مەشھۇر تارىخىي شەخسلەر ۋە ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا مەخسۇس ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان. ئۇ، بۇ توغرىلىق مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئۇيغۇر پەرزەنتلەر ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ تارىخى توغرىسىدا ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ تەييارلىق قىلدى، شۇنداقلا بۇ ئىزدىنىشلىرىنى يىغىن ئەھلىگە سۆزلەپ بەردى. ئوغۇل-قىزلىرىمىز ‹كۈرەش ئۆلمەيدۇ› دېگەن شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، بىزنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقى ۋە داۋاملىشىدىغانلىقىنى، مىللىي كۈرىشىمىزگە ئىگە چىقىشىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى».
لوندوندىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەنگلىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ ئانا تىلىنى راۋان سۆزلىشى ھەممەيلەننى سۆيۈندۈرگەن. بىر يېرىم سائەت داۋاملاشقان نومۇر كۆرسىتىش داۋامىدا، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئانا تىل ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى ئۇيغۇر ۋە ئىنگلىز تىلىدا تەييارلاپ ئاڭلاتقان. دىلناز كېرىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيىتىمىزنى ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆتكۈزگەچكە، ئۈنۈمى ياخشى بولدى دەپ ئويلايمەن. پەرزەنتلىرىمىزگە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا پارلاق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىش ئارقىلىق، ئۇلاردا مىللىي ئىپتىخارلىق روھىنى ئويغاتتۇق، دەپ ئويلايمەن».
دىلناز كېرىم خانىم بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مىللىي روھىنى ئويغىتىدىغان، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى خاتىرىلىتىدىغان پائالىيەتلەرنى پات-پات ئۆتكۈزۈش مۇھىم دەپ قارايمەن. چۈنكى بالىلىرىمىزنىڭ بالىلىقى چوڭلاردەك ۋەتەندە ئۆتمىدى. ئۇلار ۋەتەننىڭ پۇرىقىنى پۇراپ چوڭ بولمىدى. شۇڭا بۇنداق پائالىيەتلەرنى پات-پات ئۆتكۈزۈش مۇھىم دەپ قارايمەن».
ئالىمجان ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەت توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «پائالىيەتتە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇر روھىنى كۆرۈپ بەكلا تەسىرلەندىم. پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇللىرى بولسۇن، كىيىم-كېچەكلىرى بولسۇن، ئۇلار سىزغان ئۇيغۇرلار تېما قىلىنغان رەسىملەر بولسۇن، ھەممىسى بەك تەسىرلىك، بەك جانلىق».
لوندوندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتە چوڭ بولغان ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش، ئۇلاردا كىملىك تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش، شۇنداقلا ۋەتەن ھەققىدە يېتەرلىك بىلىم بېرىش، ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى ئۈچۈن ئەڭ تەخىرسىز ئىشلارنىڭ بىرى ئىكەن.









