ئەخمەد قۇربان: دىيارىمىزدىمۇ ئەيدىز ئانىلارنىڭ بالىلىق بولۇشىغا مۇمكىنچىلىك بار

0:00 / 0:00

ھازىرقى مېدىتسىنا سەۋىيىسىدە بولغۇسى ئانا ئەيدىز يۇقۇمدارى بولغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر ھامىلىدار مەزگىلىدە مۇۋاپىق دورا ئىچىپ داۋالانغاندا بالىنىڭ يۇقۇملانماي نورمال تۇغۇلۇشىغا 99% كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، ئەگەر داۋالاش ئېلىپ بارمىغان تەقدىردىمۇ بالىنىڭ يۇقۇملىنىشى 25% ئەتراپىدا بولىدۇ.

ھەتتا يېقىندا ئامېرىكىدىكى مىسسىسىپىلىق بىر قىز بوۋاقنىڭ ئەيدىز تۇغۇلۇپ ئىككى ياشقا كىرمەي داۋالىنىپ پۈتۈنلەي ساقايغانلىقى، كىشىلەرنىڭ ئەيدىز ساراسىمىنى يەنىمۇ يېنىكلەتتى، ئەمما مەلۇمكى، يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە ھامىلىدار ئاياللار ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان ھامان ھامىلىسىنىڭ قانچىلىك بولغانلىقىدىن قەتئىينەزەر مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسىگە مەھكۇم بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇنداقتا، ھازىر بۇنىڭدا ئۆزگىرىش بارمۇ-يوق ؟ بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تەشۋىقات-تەربىيە ۋە داۋالاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەل ئىچى تەشكىلاتى يارپ زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزدىن مەسلىھەت بېرىش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەخمەد قۇرباننى زىيارەت قىلدى.

كىشىگە نىسبەتەن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش دىئاگنوزى قويۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەزرائىلنىڭ ئۆلۈم خېتىنى تاپشۇرۇۋالغىنىغا باراۋەر دەپ تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن، ئۇنداقتا بۇ كىشى ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان بىر ئايال بولسىچۇ ؟ ئۇنىڭدىكى قورقۇنچ ۋە ساراسىمىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تېخىمۇ تەس.

لېكىن، ئىنسانلار نەچچە ئون يىللىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئېلىپ بارغان جەڭدە، ئىنسانلارغا بولۇپمۇ ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا قايتىدىن ھاياتلىق ئۈمىدى ئېلىپ ئېلىپ كەلگەن ئەڭ چوڭ نەتىجىنىڭ بىرى «ئەيدىز ئانىلاردىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانمىغان نورمال بالىلارنىڭ تۇغۇلۇشى تامامەن مۇمكىن» بولۇۋاتقانلىقىدۇر. يەنى ئەيدىز ئانىلاردىن بالىغا يۇقۇش يولىنى ۋىرۇسقا قارشى دورا، ئىممونېت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان داۋالاش، تۇغۇش جەريانىدا زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانا سۈتى بىلەن ئىمىتىشىنى چەكلەش ئارقىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشىنى تىزگىنلەش ئارقىلىق يىلدا ئەيدىز ئانىلاردىن مىڭلارچە بوۋاق ساق-سالامەت دۇنياغا كەلمەكتە.
ئىلگىرى ۋاشىنگتوندىكى ئېنوۋا دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلۈمى دوختۇرى دوكتور ئاھدۇت (Dr. Ahhdoth) ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ «ئانىنىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارى ئىكەنلىكى بالىنى ئۆلتۈرۈشكە سەۋەب بولالمايدۇ، ۋىرۇسقا قارشى دورىلار ئارقىلىق بالىنىڭ ساق تۇغۇلۇشىغا 99% كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، يۇقتۇرۇۋېلىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولغاندىمۇ بۇ تېخى تۇغۇلمىغان بالىنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا سەۋەب بولالمايدۇ، ئەيدىز بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئانىنىڭ تۇغۇش ھوقۇقىنى بالىنىڭ تۇغۇلۇش ھوقۇقىنى ئاساسسىز ھالدا تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى ئارقىلىق تارتىۋېلىش قاتىللىق خالاس» دەپ كەسكىن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

4-مارت ئامېرىكىنىڭ مىسسىسىپى شتاتىدىكى ئىككى يېرىم ياشلىق بىر قىزنىڭ ئەسلى تۇغۇلغاندىلا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولسىمۇ، تۇغۇلۇپ 30 سائەتتىن كېيىن دورا بىلەن داۋالاش ئارقىلىق يېقىندا پۈتۈنلەي ساقايتىلغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئەيدىزدىن داۋالاپ ساقايتىلغان ئىنسان بالىسى بولۇپ قالغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەيدىزدىن ئىبارەت ئەزرائىل ئۈستىدىن يېڭىش ئىشەنچىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدىكى ئەڭ يېقىنقى مەلۇماتلاردا يەنى ئاسىيا كىندىكى تورىدا 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلان قىلىنغان مەلۇماتتا «شىنجاڭدا 35398 نەپەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمار بار بولۇپ، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ 91% ئى ئۈرۈمچىدىن باشقا يەنە، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان، ئىلى ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، تۇرپان ۋىلايەتلىرىدە ياشايدۇ» دەپ كۆرسىتىلدى. ئەيدىز نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 14 ۋىلايەت ۋە ئوبلاست، 94 ناھىيە، شەھەر رايونلىرىغىچە تارالدى. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ 60 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. تېخىمۇ رەھىمسىز رېئاللىق شۇكى، بۇ ساننىڭ 90% ئىدىن كۆپرەكىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ.

«ئويلىسام ئويلىرىمغا يېتىشەلمەيمەن، ئەيدىزدىن خەۋىرى يوقلارمۇ ئەيدىزنى ئىزدەپ يۈرۈۋاتقان، ئەيدىزنىڭ قانداق يۇقىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانلارمۇ ئەيدىزگە پۇتلىشىپ يۈرۈۋاتقان، شەھەرلىكلەرمۇ-يېزىلىقلارمۇ، بايلارمۇ-نامراتلارمۇ، ئون نەچچە ياشلىقلاردىن تارتىپ ئاتمىشتىن ئاشقانلارمۇ، ئوقۇغۇچىلارمۇ، خىزمەتچىلەرمۇ، تىجارەتچىلەرمۇ، دېھقانلارمۇ، ھامىلە-بوۋاقلارمۇ، قىزلارمۇ-ئانىلارمۇ، يىگىتلەرمۇ-دادىلارمۇ، توي قىلغان-توي قىلمىغانلارمۇ ئەيدىزدىن قۇتۇلالمايۋاتقان، زەنجىرسىمان يۇقىدىغان ئەيدىزدىن ئەخلاقلىقلارمۇ، گۇناھسىزلارمۇ، يولدىن چىقمىغانلارمۇ ئويلىمىغان يەردىن يۇقۇملىنىپ قېلىۋاتقان...»

بۇ بايانلار 20 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىغا قارشى كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان، زەھەرلىك چېكىملىك تاشلاتقۇزۇش پسىخىك مۇتەخەسسىسى ئەھمەد قۇرباننىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئەيدىز ۋەزىيىتىنى ئۇزۇن يىل كۆزىتىپ يەكۈنلىگەندىن كېيىنكى بايانلىرى. ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى، يۇقۇش يوللىرىنىڭ مۇرەككەپلىشىۋاتقانلىقىغا ئەگىشىپ، ئەيدىزنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەر توپى ئارىسىدا تارقىلىشى، ئانىلاردىن بالىلارغا يۇقۇشى بىلەن ئەيدىز بالىلارنىڭ كۆپىيىشىمۇ ئاچچىق بىر رېئاللىق.

بىز مەخسۇس مۇشۇ تېمىدا ئەخمەد قۇرباننى زىيارەت قىلدۇق. ئەخمەد قۇرباننىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارىغاندا، گەرچە 2007-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ھامىلىدار ئانىلارنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش يەنى ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يولىنى ئۈزۈش داۋالاش ئۇسۇللىرى قوللىنىشقا باشلىغان بولسىمۇ، يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋپى بار ئاياللار ياكى بولغۇسى ئانىلارنىڭ ئەيدىز تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشنى خالىماسلىقى، ئەگەر يۇقۇملانغان بولسا ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ ئاشكارىلىماسلىقتەك پاسسىپ ئەھۋاللاردىن باشقا يەنە، ئەيدىزگە قارشى شەكىللەنگەن ۋەھىمە پسىخىكىسى بولۇشنىڭ ھەممىسى ئەيدىزنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاشقا پايدىسىز بولۇپ، بۇ يەنە ئەيدىزنىڭ ئانىلاردىن بالىلارغا يۇقۇش خەۋپىنى كۈچەيتىپ بارماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەھىيە تارماقلىرى ھەمدە ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە 80% كىشى ئەيدىز ھەققىدە پاراڭلىشىشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدۇ، ئەرلەرگە قارىغاندا قىز، ئاياللارنىڭ ئەيدىزنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە يۈزلىنىشى تېخىمۇ قىيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاياللار ھوقۇق-مەنپەئەت بۆلۈمى باشلىقى سانىيە مامۇت شىنجاڭ ساغلاملىق تورىغا مۇنداق دەپ يازغان «تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، نۇرغۇنلىغان ئەيدىز بولغان ئانىلار مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن، ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقىدىن، ئەيدىزگە بولغان تونۇشىنىڭ ئىنتايىن يېتەرسىزلىكىدىن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى پاسسىپ ھالدا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىدۇ، يەنە كەمسىتىشكە ئۇچراشتىن قورقۇپ يۇقۇم ئەھۋالىنى يوشۇرىدۇ‏-دە بىۋاسىتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئايلىنىدۇ.»

بۇنىڭغا يەنە قوشۇمچە قىلىدىغىنىمىز، ئەيدىز ئانىلار، ھامىلىدار ئاياللار ئەگەر ئۆزىدىكى ئەيدىز ۋەھىمىسىنى يېڭىپ، ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ داۋالاش قوبۇل قىلمىغاندا، نارەسىدە بالىنىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىتىدۇ خالاس.

ئەخمەد قۇرباننىڭ قارىشىچە، ئەيدىزنى يۇقتۇرۇۋېلىش ۋە يۇقتۇرۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتى، نۇرغۇن ئەللەر ۋە خەلقلەر ئۈچۈن ئاممىۋى ساۋات خاراكتېرىدە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئادەتتىكى تازىلىق ئادىتى، تۇرمۇش نىزامىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىغا ئىنتايىن يېقىن ياشاۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ قانداق تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەي تۇرۇپ يۇقتۇرۇۋالىدۇ، بۇ ھالەت خۇددى ئەيدىز ساۋاتى يوق ئەيدىز ئانىدىن تۇغۇلۇش ئالدىدىكى نارەسىدە بوۋاقتەك شۇنچە بەختسىز، شۇنچە ئېچىنىشلىق. ھازىرقى شارائىتتا ئەيدىز ئانىلاردىن ساق بالىلارنىڭ دۇنياغا كېلىشى تامامەن مۇمكىن، ھازىر بۇنىڭغا دىيارىمىزدىمۇ شارائىت بار، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەيدىزنى، ئەيدىز ۋەزىيىتىنى تونۇش بىرىنچى قەدەم، ئەيدىزنى دىيارىمىزدا ئەڭ تېز ۋە ئەڭ كۆپ يۇقتۇرۇۋالغان بىز ئۇيغۇرلار مۇشۇ بىرىنچى قەدەمنىمۇ تېخى تولۇق ئالالمىدۇق....