ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى خەتەر ئاستىدا ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2014.03.25
qurghaqchiliq-exlet-uyghur-muhit.JPG قۇرغاقچىلىق ۋە ئەخلەت دۆۋىسى بىلەن ئورالغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يىراقتىن كۆرۈنۈشى. 2012-يىلى ياز.
RFA/Qutlan

4 مىليونغا يېقىن نوپۇسقا ئىگە، قاتناش قىستاڭچىلىق ئېغىر، ئاپتوموبىللار زىچ، ئەسلىدىلا ئىس-تۈتەكلىك ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە ئاسراش دائىرىلەر ئۇچراۋاتقان زور رىقابەتنىڭ بىرى.

ئۈرۈمچىنىڭ گۈزەل، پاكىزە مۇھىتىنى يارىتىش 20 مىڭغا يېقىن مۇھىت ئاسراپ ئىشچىلىرىغا يۈكلەنگەن. بۇ يىل ئۈرۈمچىدە قىش ئالاھىدە ئۇزۇن ھەم سوغۇق بولدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى قار-مۇزلارنى ۋاقتىدا تازىلىغاندىن باشقا، ھەر بىر چوڭ يول، ئۆتۈشمە كۆۋرۈك، ھەتتا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بويلىرىدىكى تومۇر رىشاتكىلارنى سوغۇق سۇدا تازىلاپ تۇرىدۇ. مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىنىڭ قەھرىتان سوغۇقلاردا، ھاياتى بىخەتەرلىكى خەۋپ ئاستىدا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى، ئۈرۈمچى مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىدىن ئىجتىمائىي رايونغا ئاممىنىڭ رايىنى ئېلىشقا چۈشكەن بىر ئۇيغۇر كادىرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بۇ كادىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ جەمئىيەتكە «مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى ئاسرالسۇن! ئۇلارنىڭ ئەمگىكى قەدىرلەنسۇن !» دەپ مۇراجىئەت قىلدى.

ئۈرۈمچى شەھەر ئاممىسىنىڭ پاكىزە مۇھىتتا بىر كۈنلۈك ئىش پائالىيىتىنى باشلىشى ئۈچۈن 20 مىڭچە قولىدا سۈپۈرگە تۇتقان «سەھەر پەرىشتىلىرى» قىش-ياز دېمەي، قار-يامغۇر دېمەي، ھەر كۈنى تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىنىڭ ھەر بىر كوچا كويلىرىنى، سۈپۈرۈپ تازىلاپ بولىدۇ. ئىلگىرى ھەتتا ئۇلار نىڭ ئىچىدە، تاڭ ئاتماستا ئىش ئۈستىلىرىدە تۇيۇقسىز پاجىئەلىك قاتناش ھادىسىلىرىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كېتىش، ئېغىر زەخىملىنىش ھادىسىلىرىنىڭ بولۇپ تۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بېرىلگەن ئىدى.

ئۈرۈمچى مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىدىن ئۈرۈمچى ئىجتىمائىي رايوندىكى ئاممىنىڭ رايىنى ئېلىشقا چۈشكەن بىر ئۇيغۇر كادىر، مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتلىرى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن تۆۋەن مائاشلىق مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىنىڭ ئىنتايىن جاپالىق شارائىتتا، خەتەر ئاستىدا خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۇ كادىر مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە خىزمەت تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئۈرۈمچىدە 2013-يىلى-8ئاي بىر ئاي ئىچىدىلا مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىنىڭ ئىش ئۈستىدە ئاپتوموبىل ئۇرۇۋېتىش ۋەقەسىدىن 14 قېتىم يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم بولغان، بۇ 14 قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە 7 ئىشچى قازا قىلغان، 13 ئىشچى ئېغىر يارىلانغان. بۇ ئىشچىلار ئاساسەن تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن يول بويىدا كوچا سۈپۈرۈۋاتقاندا ياكى يول ياقىسىدا دەم ئېلىپ ئولتۇرغانلىرىدا، ئۇيقۇسىز، مەست ياكى لاياقەتسىز شوپۇرلار تەرىپىدىن قازاغا ئۇچرىغان. گەرچە مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىنىڭ ئىش ۋاقتى ۋە ئىش مۇھىتى ۋە ۋەزىپىسى ئالاھىدە بولسىمۇ، ئۇلار ئالاھىدە ئىمتىيازلاردىن مەھرۇم ئىكەن.

يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نازارىتى بۇ يىللىق ئىش ئۈستىدە ئۆلۈپ كېتىش نەپىقە پۇلىنىڭ بىر قېتىمدا بېرىلىدىغان سوممىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئاساسىي نەپىقە پۇلى 539 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن، بۇ ئۆتكەن يىلدىكى سوممىدىن 50 مىڭ سوم كۆپ ئىكەن. ھالبۇكى كۆپ ساندىكى مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىنىڭ ھايات سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىلىرىمۇ تېخى تولۇق ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىش ئۈستىدە ئۆلۈم ھادىسىلىرىگە يولۇققان تەقدىردە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى دائىرىلەرنىڭ ئازغىنە ھال سوراش سوممىسىغا ئېرىشكەندىن باشقا ھېچقانداق كاپالەتكە ئىگە بولالماي كەلمەكتە ئىكەن.

مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى «تاش يول پەرىشتىلىرى»، «سەھەر پەرىشتىلىرى» دېگەندەك ناملار بىلەن تەرىپلەنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئەمگىكى-قان تەرىگە لايىق جاۋابقا، ئېتىراپ ھەم ئاسراشقا نائىىل بولالماي كېلىۋاتقان، ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار بولغان بۇ مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى باشقىلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى ئۈچۈن جاپا چەكمەكتە، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ھاياتى ئەندىشە ئىچىدە. ھەر سەھەر كىشىلەر تېخى چىراغ ياقماستا، مانا بۇ 20 مىڭچە سەھەرچى پەرىشتە ئۆز ھاياتى بەدىلىگە ئۈرۈمچى شەھەر ئاممىسىنىڭ پاكىزە مۇھىتتا ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ كەلمەكتە. بىر قانچە يۈزلىگەن مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم مۇڭداشقان بۇ ئۇيغۇر كادىر، قۇربىنىڭ يېتىشىچە مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىنىڭ ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن تەڭ، رادىئومىز ئارقىلىق جەمئىيەتكە «تاش يول پەرىشتىلىرى ئاسرالسۇن، ئۇلارنىڭ ئەمگىكى قەدىرلەنسۇن!» دەپ مۇراجىئەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.