ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرى ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىنىڭ بوينىغا مېدال ئاستى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.06.15
uyghur-putbol-amerika-1.jpg شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە ئۇيغۇر پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 14-ئىيۇن، ئامېرىكا ۋىرجىنىيە شتاتى.
RFA
uyghur-putbol-amerika-1.jpg

شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە ئۇيغۇر پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 14-ئىيۇن، ئامېرىكا ۋىرجىنىيە شتاتى. RFA

uyghur-putbol-amerika-2.jpg

شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە ئۇيغۇر پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 14-ئىيۇن، ئامېرىكا ۋىرجىنىيە شتاتى. RFA

uyghur-putbol-amerika-3.jpg

شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە ئۇيغۇر پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 14-ئىيۇن، ئامېرىكا ۋىرجىنىيە شتاتى. RFA

uyghur-putbol-amerika-4.jpg

شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە ئۇيغۇر پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 14-ئىيۇن، ئامېرىكا ۋىرجىنىيە شتاتى. RFA

uyghur-putbol-amerika-5.jpg

شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە ئۇيغۇر پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 14-ئىيۇن، ئامېرىكا ۋىرجىنىيە شتاتى. RFA

شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە ئۇيغۇر پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى 6-ئاينىڭ 13- ۋە 14-كۈنلىرى ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدا ئۆتكۈزۈلدى.

يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ۋىرجىنىيە ئۇيغۇر بىرلىكى كوماندىسى تورونتو-كالىفورنىيە بىرلەشمە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يېڭىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.

پايتەخت ۋاشىنگتون ۋە ۋىرجىنىيە شتاتى ئەتراپىدا ياشايدىغان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر جامائىتى پەرزەنتلىرىنى ئېلىپ كېلىپ مۇسابىقە كۆردى ھەمدە مەيداندىكى توپچىلارغا مەدەت بەردى.

كۆك ۋە سېرىق مايكا كىيگەن ئىككى گۇرۇپپا توپچىلار ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قوللىرىنى يېتىلىگەن ھالدا مەيدانغا كىرىپ كەلگەندە، پۈتۈن ئەتراپ قىزغىن ئالقىش سادالىرىغا چۆمدى.

ئاخىرقى ھەق قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشكەن ۋىرجىنىيە ئۇيغۇر بىرلىكى كوماندىسى بىلەن تورونتو-كالىفورنىيە بىرلەشمە كوماندىسى 30 نەچچە سېلسىيە گرادۇس ئىسسىققا قارىماي كەسكىن ئېلىشتى. ئاخىرىدا ۋىرجىنىيە كوماندىسى 0 گە قارشى 2 توپ كىرگۈزۈپ چېمپىيون بولدى.

ئامېرىكا ۋە كانادانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تەشكىللىنىپ كەلگەن ياش ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرى دوستلۇق، بىرلىك ۋە مىللىي روھ ئىلىكىدە مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇردى. ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مىللىي مۇھىتى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقە بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەردە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلار قالدۇردى. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆز قولى بىلەن پۇتبولچى ئەزىمەتلەرنىڭ بوينىغا مېدال ئاستى.

مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا ۋىرجىنىيە ئۇيغۇر بىرلىكى كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى ئارافات دىلشات ئەڭ ياخشى پۇتبولچى بولۇپ باھالىنىپ، «ئالتۇن ئاياغ» ئاتىقىنى ئالدى.

مەزكۇر مۇسابىقىنى تەشكىللىگەن ۋىرجىنىيە ئۇيغۇر بىرلىكى كوماندىسىنىڭ ترىنېرى جۈرئەت زاھىر ئەپەندى مۇسابىقە ئاخىرىدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ۋىرجىنىيە ئۇيغۇر بىرلىكى، بوستون ياشلىرى، تورونتو ئۇيغۇر كوماندىسى، كالىفورنىيە ياشلىرى قاتارلىق 4 كوماندىنىڭ ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدا ياشىغۇچى ئۇيغۇر جامائىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پۇتبول ھەۋەسكارى، دوكتور جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىمۇ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ياش ئۆسمۈرلەر ۋە ئۇيغۇر بالىلىرىدا ئىشەنچ ۋە مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.