ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا شىددەت بىلەن يامرىشىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئىچ يۈزى (1)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.08.06
Uyghurlarda-eydiz-kisili-305.jpg ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ مۆلچەردىكى سانلىق مەلۇماتى.
RFA/Arslan

نۆۋەتتە ئاشكارا بولۇۋاتقان مەنبەلەر ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، ئىجتىمائىي تەسىرى ئەڭ زور، خەتىرى ئەڭ قورقۇنچلۇق بىر كېسەللىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى بىلەن پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 43555 كىشىگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 8398 بىمار ھاياتىدىن ئايرىلغان. ھازىرچە ھايات تۇرۇۋاتقان ئەيدىز بىمارلىرى 35157 كىشى ئىكەن.

يېقىندا ئامېرىكىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان سەھىيە ساھەسىدىكى بىر ئۇيغۇر كەسپىي خادىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى سەۋەبىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز بىمارلىرى ياكى يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ 80 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىكەن.

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا، ئۆزىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان كەسپىي خادىم ئىكەنلىكىنى، ئەيدىز كېسەللىكى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تارقىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا باشقا ھەرقانداق مەنبەگە قارىغاندا ئۆزىنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە سۆز قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەيدىز كېسەللىكى 1995-يىلى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدا بايقالغاندىن بۇيان تاكى 2008-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئاساسەن دېگۈدەك غۇلجا، ئۈرۈمچى قاتارلىق شىمالدىكى شەھەرلەردە تېز سۈرئەتتە يامرىغان. بۇ جايدىكى يۇقۇملانغۇچىلار ئاساسلىقى زەھەر چېكىدىغانلار بولۇپ، ئۇلار خېروئېن قاتارلىق زەھەر سۇيۇقلۇقىنى تومۇرىغا ئۇرۇشتا باشقىلار بىلەن ئورتاق شپىرىس (ئوكۇل يىڭنىسى) ئىشلىتىپ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرغان.

ئۇ ئىلى ئوبلاستىدا، بولۇپمۇ سابىق ئىلى ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى غۇلجا شەھىرى بىلەن ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان بىر قىسىم ناھىيەلەردە ئەيدىز بىمارلىرى ياكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 13 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى، ئۈرۈمچىدە 10 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەزكۇر كەسپىي خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش رايونى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىن جەنۇبىغا يۆتكەلگەن. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش يولى ئىلگىرى زەھەر سۇيۇقلۇقىنى ئورتاق شپىرىس بىلەن تومۇرغا ئۇرۇشتىن يامرىغان بولسا، نۆۋەتتە جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن يۇقۇشقا يۈزلەنگەن.

ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن ۋە خوتەن شەھەرلىرىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن پاھىشە ئاياللارنىڭ يامراپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ مەخسۇس كوچىلاردا «ھۆسن تۈزەش ئورنى»، «ساتىراشخانا»، «ھورداقخانا»، «پۇت يۇيۇش ۋە ئۇۋىلاش ئورنى» دېگەن ناملاردا جىنسىي مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر بۇ خىلدىكى «پاھىشىخانا» تىجارىتىگە «يېشىل چىراغ» يېقىپ بەرگەن بولۇپ، ھەتتا قوراللىق ساقچى ۋە بىرونىۋىك ماشىنىلار بىلەن ئۇلارنىڭ دۇكانلىرىنى قوغدايدىكەن. خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تۈرلۈك يوللار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن بۇ پاھىشە ئاياللارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مۇلازىمەت نىشانى ئۇيغۇرلار ئىكەن. ھەتتا بەزى خىتاي خوجايىنلار قارا ئەينەكلىك بولكىۋاي ماشىنىلارغا خىتاي پاھىشەلىرىنى قاچىلاپ، ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ئېتىز-ئېرىقلارغىچە بېرىپ ئەرزان باھادا «جىنسىي مۇلازىمەت» بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

مەزكۇر كەسپىي خادىم، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ جەنۇبقا يامرىشىدا دائىرىلەرنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «مۇقىملىق» نى باھانە قىلىپ، «تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك» كە زەربە بېرىشكە ۋاسىتە تاللىماي ھەرىكەت قوللىنىۋاتىدۇ، ھالبۇكى، ئەڭ خەتەرلىك كېسەللىك ۋە ئىجتىمائىي كرىزىس ھېسابلانغان ئەيدىز كېسەللىكىگە قەستەن كۆز يۇمۇۋاتىدۇ، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.