يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى: خىتايدىكى مۇھىتى ئەڭ بۇلغانغان شەھەر-قەشقەر

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.04.21
qeshqer-hawa-bulghunush.jpg بۇلغانغان شەھەر مۇھىتى. قەشقەر.
Social Media

يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى خىتايدىكى مۇھىتى ئەڭ بۇلغانغان 10 شەھەر ئىچىدە 6 سىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خەلقئارا مۇھىت قوغداش تەشكىلاتى بولغان يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ئاساسىدا ئېلىپ بارغان ئانالىزى نەتىجىسىدە ئېلان قىلغان چارشەنبە كۈنىدىكى دوكلاتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايدىكى مۇھىتى بۇلغانغان 362 شەھەر ئىچىدە ئەڭ ناچار سانالغان 10 شەھەرنىڭ 6 سى ئۇيغۇر دىيارىدا بولۇپ چىققان.

گېرمانىيە ئاۋازى ۋە فىرانسىيە ئاۋازىنىڭ 20-ئاپرېل يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ بايان قىلىشىچە، 2016-يىلىنىڭ دەسلەپكى پەسلىدە خىتاينىڭ غەربىي رايونلىرىنىڭ ھاۋا كىلىماتىدىكى بۇلغىنىش كۆرۈنەرلىك ئاشقان بولۇپ، ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان 10 شەھەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار ئىگىلىگەن.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىر بولغان بۇ شەھەرلەر قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ ئوبلاستى، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بولۇپمۇ قەشقەر خىتايدىكى ئەڭ بۇلغانغان شەھەرلەرنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ قالغان.

خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆرسەتمىسىدە، پ م 2.5 زىچلىقتىكى ھاۋانىڭ ھەر كۇپمېتىرى 10 مىكروگرام قىلىپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، ھەر تۈرلۈك بۇلغىنىشلار سەۋەبلىك قەشقەر ھاۋاسىنىڭ ھەر كۇپمېتىرىنىڭ زىچلىقى 271.1 مىكروگرامغا يېتىپ، بەلگىلىمىدىكىدىن 27 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. ئەكسىچە، ھاۋا بۇلغىنىشى ئەڭ ناچار شەھەر سانالغان بېيجىڭ ھەم شاڭخەينىڭ كىلىماتى ياخشىلىنىپ، ھاۋانىڭ پ م 2.5 تىكى زىچلىقى 67.7 مىكروگرام ۋە 60 مىكروگرامغا چۈشكەن. يەنى ئالدىنقى مەزگىللەردىكىدىن 27% ۋە 12% پاكىزلانغان. ئۇنداقتا، قەشقەرنىڭ ھاۋاسىنىڭ قىسقىغىنا بىر قانچە يىل ئىچىدە بۇ قەدەر ئېغىر بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولغان ئامىل نېمە؟

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ ھاۋا كىلىماتىدىكى ئېغىر بۇلغىنىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم ئېغىر سانائەت زاۋۇتلىرىنى غەربىي رايونلارغا يۆتكىگەن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆمۈر قاتارلىق زەھەرلىك تەركىبلىرى ئېغىر بولغان ئېنېرگىيەلەر بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان زاۋۇتلارنىڭ سانى كۆپەيگەن. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇھىت قوغداش تەدبىرلىرى ئىچكىرى خىتايغا سېلىشتۇرغاندا ئاجىز ۋە بوشلۇقلار كۆپ.

فىرانسىيە ئاۋازىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىدىكى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولغان ئاساسىي ئامىللارنىڭ بىرى، كۆمۈر قاتارلىق يېنىشچان ماددىلار بىلەن قۇرۇلۇۋاتقان زاۋۇتلاردۇر.

ئۇنداقتا، ئۇيغۇر ئىلى مۇھىتىنىڭ بۇ قەدەر ئېغىر بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولغان يەنە باشقا ئامىللارمۇ بارمۇ؟

بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە سىياسىي كۆزەتكۈچىلىرى بولسا، زەھەرلىك تەركىبى ئېغىر بولغان يېقىلغۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارى مۇھىتىنى ۋەيران قىلىۋاتقان بىردىن ‏- بىر ئامىل ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇر دىيارى تۇپراقلىرىنىڭ بوز يەر ئېچىش نامىدا ۋەيران قىلىنىشى، تەبىئىي بايلىق قېزىش ھەرىكەتلىرى تۈپەيلى پەيدا بولۇۋاتقان ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ بۇزۇلۇشى، سۇنىڭ ئازلىشى ۋە كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق كۆپلىگەن ئامىللارنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىلەر ئۇيغۇر ئىلى مۇھىتىنىڭ بۇ قەدەر ئېغىر بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولغان باشقا ئامىللار ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2015-يىلى تەستىقلىغان كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىپ يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنىڭ 75% ئى ئۇيغۇر رايونلىرىغا جايلاشقان.

ھالبۇكى، خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2013-يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ بىر يىل ئىچىدە خىتايدا مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆلگەن ئادەم سانى 1 مىليون 600 مىڭ بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر يۈرەك كېسەللىكلىرى بىلەن قازا قىلغان. بولۇپمۇ 5 ياشتىن تۆۋەن ۋە 50 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدا مۇھىت سەۋەبلىك قانچىلىك كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

رەسىم: خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر بولغان رايونلار خەرىتىسىدە قەشقەر ۋە خوتەننىڭ ئورنى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.