ياپونىيەدىكى «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» تېلېۋىزىيەسىنىڭ يېڭى پروگراممىسىدا نان مەدەنىيىتى ۋە ئاتوم پاجىئەسى تونۇشتۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.09.07
miura-kotaro-ilham-mexmut-nan-atom.jpg ياپونىيەلىك سىياسىي ئوبزورچى مىئۇرا كوتارو ئەپەندى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ياپونىيەدىكى «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» تېلېۋىزىيەسىدە «نان مەدەنىيىتى ۋە ئاتوم پاجىئەسى» توغرىسىدا توختىلىۋاتقان كۆرۈنۈشىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان. 2016-يىلى 28-ئاۋغۇست.
RFA/Qutluq

28-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ياپونىيەدىكى«ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ يېڭىدىن ئىشلەنگەن پروگراممىسى يوتۇب ئارقىلىق رەسمىي تارقىتىلغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر جەمئىيەت تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ 2-قىسمى يېقىندا تەييارلىنىپ كەڭ كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بولۇپ، ھازىرغىچە 7 مىڭدىن ئارتۇق كىشى كۆرگەن.

تور بېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىلدۈرگۈسىدە دېيىلىشىچە، يېڭىدىن ھازىرلانغان مەزكۇر پروگراممىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بارغان 46 قېتىملىق ئاتوم سىنىقىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن ئېغىر زىيانكەشلىكى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەندۈرۈشلەر بېرىلگەن.

«ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى پروگراممىسى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى توغرىسىدا توختالغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدا نەشر قىلىنغان بەزى بىر تارىخىي كىتابلاردا كۆرسىتىلىشىچە، نان-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېمەكلىكلىرى ئىچىدە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇش بىلەن بىللە يەنە، ئاساسلىق ئەنئەنىۋى يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ناندىن زادىلا ئايرىلالمايدۇ. زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن ناننىڭ تۈرىمۇ كۆپەيگەن بولۇپ، ناننىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى ئۆي نېنى، بازار نېنى، گىردە، گۆش گىردە، گۆش نان، ھەمەك نان ۋە توقاچتىن ئىبارەت بولۇپ، مەخمۇت قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ بىرىنچى تومىدا «توقاچ» دېگەن سۆزنى بۇ سۆز «توق ئادەم» دېگەن ئىبارىدىكى «توق» سۆزىدىن ياسالغان. «چۈنكى، توقاچ ئادەمنى تويدۇرىدۇ» دەپ چۈشەندۈرگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى توغرىسىدا مەزكۇر پروگراممىدا بېرىلگەن مەزمۇنلار توغرىسىدا توختالدى.

مەزكۇر پروگراممىغا ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە قاتناشقان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، ياپونىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي ئوبزورچى مىئۇرا كوتارو ئەپەندى بۇ قېتىمقى پروگرامما ھەققىدە توختىلىپ: «پروگراممىلىرىمىزدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتىدىن باشقا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى يەنى ئىسلام دىنىي توغرىسىدا توختىلىشنى لايىق كۆرگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ھەر قېتىملىق پروگراممىمىزدا يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەتراپلىق تارىخىي ساۋات بېرىشنى مەقسەت قىلىۋاتىمىز» دېدى.

ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر پروگراممىدا يەنە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا 1964-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە يەر يۈزى، ھاۋا بوشلۇقى، يەر ئاستى بولۇپ جەمئىي 46 قېتىم يادرو پارتلىتىش سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقى توغرىسىدا توختالغان.

ئىلھام ماھمۇتنىڭ دېيىشىچە، «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بۇ قېتىمقى پروگراممىسى كەڭ كۆرۈرمەن ياپونلارغا «ياخشىمۇسىز؟» دېگەن ئۇيغۇرچە بىر سۆزنى ئۆگىتىش بىلەن ئاخىرلاشقان بولۇپ، مەزكۇر پروگرامما تارقىتىلغان كېيىن كۆپلىگەن كۆرۈرمەنلەر ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى يوللىغان.

ئىگىلىشىمىزچە، «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭىدىن تەييارلانغان بۇ پروگراممىسى ياپونىيەدىكى مەدەنىيەت ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان «ساكۇرا» تېلېۋىزىيە قانىلىدىمۇ 28-ئاۋغۇست كۈنى مەخسۇس كۆرسىتىلگەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.