يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ خىتاينى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغانلىقى مەلۇم

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.04.01
turkiye-xitay-endishe-2016.jpg «خىتاينىڭ قورقىدىغىنى» سەرلەۋھىلىك ئوبزور
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەدىكى چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان «گۈنەش گېزىتى» نىڭ 27 - مارت كۈنىدىكى سانىدا «خىتاينىڭ قورقىدىغىنى» سەرلەۋھىلىك ئوبزور ئېلان قىلىندى. ئوبزوردا خىتاي ھۆكۈمىتىنى قورقۇتۇۋاتقان ئىقتىسادىي، تىجارىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئاپتور ئوبزورىنى مۇنداق باشلايدۇ: «بۈگۈن خىتاي دۆلىتى دۇنيادىكى تېرىغىلى بولىدىغان يەرنىڭ 7% بىلەن دۇنيا نوپۇسىنىڭ 22%نىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇشقا مەجبۇر. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. خىتايدا يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى يەنى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى ئاساسىي ئامىل ئىكەن.»

ئاپتور ئۆمەر ئۆزقايا ئەپەندى ئوبزورىدا خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان ئامىللار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «خىتايدا نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، ئوزۇقلىنىش ئادىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ ئاشلىققا بولغان تەلەپمۇ ئاشماقتا. دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن خىتايدا مەبلەغ سالغۇچىلار خىتاي ھۆكۈمىتى ھاۋا ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىغا كۆز يۇمغاچقا بەس - بەس بىلەن مەبلەغ سالدى، بولۇپمۇ كۆمۈر كانلىرى تېرىلغۇ يەرلەرنى بۇلغىدى، خىميەۋىي زاۋۇتلار سۇنى بۇلغىدى. پۈتۈن خىتايدىكى يەرنىڭ بۇلغىنىشى دۇنيانىڭ يەر بۇلغىنىش ئۆلچىمىدىن 20% يۇقىرى ئىكەن. يەرنىڭ بۇلغىنىش نىسبىتىگە قارايدىغان بولساق، جەنۇبىي خىتايدىكى زېمىن بۇلغىنىشى، شىمالىي خىتايدىكىگە قارىغاندا كۆپ ئىكەن. خىتايدا تېرىلغۇ يەر ۋە ئىچىدىغان سۇلارنىڭ ئازىيىشى، كىلىماتتىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەر، خىتاينىڭ يېمەك بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىنىڭ تېخىمۇ قېيىن بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاي يېمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىكى يېتەرسىزلىك، خىتاينى سالامەتلىككە زىيانلىق يېمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىشقا قارشى كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر قىلماقتا.»

ئۆمەر ئۆزقايا ئەپەندى ئوبزورىدا خىتايلار ئاچ قالسا، خىتايدىكى كوممۇنىست تۈزۈمنىڭ يوق بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «خىتايلار 50 يىل بۇرۇن ئاچ قېلىپ، ئوت - چۆپ يېگەنلىكلىرىنى ئۇنتۇغىنى يوق. بۈگۈن قورقىدىغىنى نوپۇسىنى تويغۇزالماسلىق. بۇرۇن 30 - 40 يىلدا بولغان ئۆزگىرىشلەر ھازىر 4 - 5 يىلدا ئەمەلىيلەشمەكتە. بېيجىڭ دائىرىلىرى دۇنيا تىجارىتىدە مەيدانغا كېلىدىغان تۈپتىن ئۆزگىرىشلەردىن، ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىدىن قورقماقتا.

مائارىپ تېخنولوگىيەسى ئارقىلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى توسقىلى بولىدىغانلىقىغا ئائىت ئەندىشىسى، خىتاينى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭىيىشكە، ئاۋسترالىيەدە يېزا ئىگىلىك تەجرىبىخانىلىرى ئېچىشقا، ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بالقان دۆلەتلىرىدىن تېرىلغۇ يەر ئىجارە ئېلىشقا مەجبۇر قىلماقتا. ئامېرىكا ۋە ياپونىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەر خىتايغا يېزا ئىگىلىك تېخنولوگىيەسى بەرمەكتە.

بۈگۈن خىتاي دۆلىتى ئۈچكە بۆلۈنگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىرى كاپىتالىست خىتايلار، ئىككىنچىسى بولسا ئەمەلدار خىتايلار، ئۈچىنچىسى بولسا ئاچ - يالىڭاچ خىتايلاردۇر.

بېيجىڭ دائىرىلىرى خەلق ئاچ قالسا كوممۇنىست تۈزۈمىنىڭ يىمىرىلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ.»

تۈركىيەدىكى چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان «گۈنەش گېزىتى» نىڭ 27 - مارت كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ قورقىدىغىنى» سەرلەۋھىلىك ئوبزوردا ئىلگىرى سۈرۈلگەن كۆز قاراشلار توغرىسىدا تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتايدىكى غىزالارنىڭ 85% نىڭ ئىنسان سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا خىتاي خەلقىنىڭمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى، خىتاي مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى دېڭ شياۋپىڭ ھاكىمىيىتى مەزگىلىدە خىتاي خەلقىنى پۇل تېپىش ئۈچۈن نېمە قىلسا بولىدۇ دېگەن ئىدىيەنى سىڭدۈرۈپ، ئۆز خەلقىنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ زىيان بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يوق قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتاي نوپۇسىنىڭ قارنىنى تويغۇزىۋاتقان بولغاچقا، دۇنيا دۆلەتلىرىدىن ئېغىر بېسىم كەلمەيۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «خىتاينىڭ قورقىدىغىنى» سەرلەۋھىلىك ئوبزوردا ئىلگىرى سۈرۈلگەن خىتايلارنىڭ قارنى ئاچ قالسا كوممۇنىست تۈزۈمى يوق بولىدۇ دېگەن كۆز قاراشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، تارىختا ئۆتكەن 24 سۇلالىنىڭ ھەممىسىنىڭ چىرىكلىك ۋە ئاچلىق تۈپەيلىدىن خەلق قوزغىلىڭى بىلەن ئاغدۇرۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئوبزورچى ئۆمەر ئۆزقايا ئەپەندى 1972 - يىلى تۈركىيەنىڭ توكات ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. ئۇ، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن ئا ت ۋ، شوۋ ت ۋ ۋە ن ت ۋ قاناللىرىدا خەۋەر مۇدىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن، دۇنيا گۈندەمى گېزىتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىرى. ھازىر ئۈلكە تېلېۋىزىيەسىدە پروگرامما رىياسەتچىلىكى ۋەزىپىسى ئۆتىگەندىن سىرت، «گۈنەش گېزىتى» دە ئوبزور يازماقتا. ئۇنىڭ بۇرۇن ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى كۆپلىگەن ئوبزورلىرى بار.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.