«يەر شارى كۈنى» دە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇھىت كرىزىسىنىڭ سەۋەبلىرى سۆز تېمىسى بولدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.04.23
Sayram-koli-bulghuniwatqan-muhit-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻳﺮﺍﻡ ﻛﯚﻟﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻫﯩﺖ ﺋﺎﺳﺮﺍﺵ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
www.xjtsnews.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان تەتقىقات ماقالىلىرى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان خەۋەر ۋە دوكلاتلاردا بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان ھاۋا، سۇ ۋە تۇپراق بۇلغىنىشى، دەريا-ئۆستەڭ ۋە كارىزلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشى، ئورمان-ئوتلاقلارنىڭ تارىيىشى، قۇملۇقلارنىڭ كېڭىيىشى، بورانلىق كۈنلەرنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق ھادىسىلەر كۆپلەپ تىلغا ئېلىنماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىشىغا يېقىنقى30 يىلدىن بۇيان رايوندىكى بايلىق مەنبەلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېچىلىشىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنمەكتە.

21-ئاپرېل «يەر شارى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارغانچە ناچارلىشىۋاتقان ئېكولوگىيىلىك مۇھىت مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئارقا-ئارقىدىن تىلغا ئېلىندى.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى ھەققىدە بەزى خەۋەرلەر بېرىلىشكە باشلىدى. خىتايدا چىقىدىغان «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 9-ئاپىرىلدىكى سانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇھىت مەسىلىسىنىڭ يەنىلا ئېغىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكى، رايوننىڭ سۇ ۋە ھاۋاسىدىكى ئېغىر بۇلغىنىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى يېقىنقى 5 يىلدىن بېرى ئىزچىل ناچارلىشىپ ماڭغان. مەزكۇر خەۋەردە يەنە خىتاي مۇھىت ئورگانلىرىنىڭ 2017-يىلى 1-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خىتايدىكى ھاۋاسى ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان 10 شەھەرنىڭ ئىچىدە بەشىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە يەنە ئۈرۈمچى، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ 2017-يىلى قىش پەسلىدىكى ھاۋا بۇلغىنىش كۆرسەتكۈچىنىڭ قېنىق سېرىق رەڭلىك ھەتتا قىزىل رەڭلىك ئەڭ ئېغىر ھالەتتىكى ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىغا چۈشۈپ قالغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئۇندىن باشقا خەۋەردە يەنە ئۈرۈمچىدىكى ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا يېقىنقى يىللاردا ھېسابسىز قۇرۇلغان زاۋۇت-كارخانىلار ۋە بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن قويۇپ بېرىلىۋاتقان زەھەرلىك ئىس-تۈتەكنىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان.

چەتئەللەردىكى مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان مۇھىت مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر پايان قىلدى. ئېگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا خىزمەت قىلغان، كېيىنچە ياپونىيەدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بارغان دوكتور مۇختەر چوڭ ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

مۇختەر ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن ئېتىبارەن باشلانغانلىقىنى، يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان رايوندىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ شىددەت بىلەن بۇزۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ ئۆز بايانلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا كان بايلىقلىرىنى پىلانسىز ۋە نورمىدىن زىيادە ئېچىشى، رايوندىكى كۆمۈر، تۆمۈر، مىس قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قارا-قويۇق ئېچىش سۈرئىتىنى ھەسسىلەپ تېزلىتىشى، كۆمۈر سانائىتى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش نىسبىتىنى بارغانسېرى ئاشۇرۇپ، ئاتموسفېرادىكى بۇلغانما ماددىلارنى كۆپەيتىۋەتكەنلىكىنى، سۇ، تۇپراق ۋە ھاۋا سۈپىتىدىكى نورمال كاپالەتنىڭ بارغانسېرى ناچارلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇھىتى ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىلىرى ۋە خەلقئارا مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتلىرى ئېلان قىلغان دوكلاتلاردا ئۈرۈمچىدە يېقىنقى يىللاردا قۇرۇلغان زاۋۇت-كارخانىلار ۋە كۆمۈر يېقىلغۇسى تارقاتقان نىتروگىن ئوكسىد ۋە باشقا زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ھاۋانىڭ سىغدۇرۇشچانلىق چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، نەتىجىدە ھاۋادىكى ئېغىر دەرىجىلىك بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى تەكىتلەنگەن.

«يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» 9-ئاپىرىلدىكى خەۋىرىدە 2014-يىلدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە يىلىغا 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىل سېتىۋالغانلىقى، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى شەخسىيلەرگە تەۋە ئاپتوموبىل سانىنىڭ بىر مىليوندىن ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 2018-يىلغا كەلگەندە ئۈرۈمچىدە ئاپتوموبىللاردىن قويۇپ بېرىلگەن نىتروگىن گازىنىڭ 50 توننىغا، پارلىنىشچان ئورگانىك ماددىنىڭ 28 توننىغا يېتىپ، شەھەر ھاۋاسىنى بۇلغاۋاتقان مۇھىم ئامىللاردىن بىرىگە ئايلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 

مۇختەر ئەپەندى، ئىلگىرىكى يىللاردا خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىغا سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى قاتارلىق سۈنئىي ئامىللارنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ئەسلا تىلغا ئېلىنمايدىغان تېمىلاردىن ئىكەنلىكىنى، ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردە بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە ئىمكانىيەت بېرىلىپ، بەزى مەلۇماتلارنىڭ ئاشكارىلىنىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇھىت مەسىلىسىنى مەلۇم دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىشقا باشلىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردا بارغانچە ئېغىرلاشقان مۇھىت بۇلغىنىشى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك دائىرىلەرنى بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر قىلماقتىكەن. «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 9-ئاپىرىلدىكى خەۋىرىدە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت قوغداش ئىدارىسى بۇ يىل 4-ئاينىڭ بېشىدا مۇھىتقا دائىر يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا 2019‏-يىلى 1‏-ئاپرېلدىن باشلاپ، مىنېرال ماددىلار، رەڭلىك مېتال، باتارېيە قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ كېرەكسىز ماددىلارنى قويۇپ بېرىشىگە قارىتا يېڭى ئۆلچەم بېكىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مۇختەر ئەپەندى ئاخىرىدا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسىدە قوللىنىۋاتقان بەزى تەدبىرلىرىنىڭ ئىجابىي ئۈنۈم بېرىش مۈمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى. 

ئۇ، گەرچە بۇ خىل كېچىكىپ يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر ئىلگىرىكى يىللاردا ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىنغان رايون ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ ئۈنۈم بېرەلمىسىمۇ، ئەمما بۇ تەدبىرلەر ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىيلەشتۈرۈلسە رايوننىڭ مۇھىتىنى تەدرىجىي ياخشىلاشتا يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە ئىجابىي تەسىرىنىڭ بولۇش مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.