خۇمار قىلغۇچى يېڭى زەھەرلەر ياش-ئۆسمۈرلەرگە خىرىس قىلماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2014.09.04
Tramadol-zeherlik-dora-chekimlik.jpg بۇ سۈرەتتە، (盐酸曲马多 tramadol) ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەزالار كۆرسىتىلگەن.
wikipedia.org

ئىلگىرى زەھەرلىك چېكىملىك نامى تىلغا ئېلىنسا بىر قەدەر تونۇشلۇق بولغان «خىروئىن»، «كوكائىن»، «نەشە»، «گىلدىڭباش كۇمىلىچى» دېگەندەك بىر قانچە خىل زەھەر يادىمىزغا كېلەتتى. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە زەھەرلىك چېكىملىكتىن باشقا تۈرلۈك «بىرىكمە زەھەر»، «زەھەر تابلېتكىسى»، «مۇزسىمان زەھەر» دېگەندەك ئادەتتىكى دورىلاردىن پەرقلەندۈرۈش تەس، ئەمما كۈچلۈك خۇمار قىلغۇچى بىرىكمە زەھەر تۈرلىرى بارغانچە كۆپەيمەكتە.

ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ خىل يېڭى تىپتىكى زەھەرلەرگە خۇمار بولغۇچىلار ئىچىدە ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ نىسبىتى كۆپ بولۇپ، بۇلار ئاساسەن، «بىر قېتىم ئىستېمال قىلغانغا خۇمار بولمايدۇ» دېگەندەك ئېزىقتۇرۇشلارغا ئالدانماقتا.

خىتايدىكى داڭلىق زەھەر چەكلەش مۇتەخەسسىسى چۈ شاۋگۇاڭ 28-ئاۋغۇست خىتاي ياشلار گېزىتىدە «بىر قېتىم چەككەنگە خۇمار بولمايدۇ دېگەن پۈتۈنلەي سەپسەتە» ناملىق مەخسۇس ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ياشلارنى يېڭى تىپتىكى زەھەرلەردىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىرغان.

ئۇ ماقالىدا «بىر قېتىم چەككەنگە خۇمار بولمايدۇ دېگەن پۈتۈنلەي يالغان گەپ»، «روھلاندۇرغۇچى دورىلار زەھەرگە كىرىدۇ»، «زەھەرلىك دورىلار ئارقىلىق ئورۇقلايمەن دېيىش ئۆز جېنىغا زامىن بولغانلىق»، «ھەر قانداق زەھەر ھەر قانداق خۇمار قىلغۇچى دورا بىر قېتىم ئىشلەتكەندىلا خۇمار قىلىدۇ» دېگەنلەرنى كۆرسەتكەن.

ماقالىدا دېيىلىشىچە، خىتاي مىقياسىدا ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ زەھەرگە خۇمار بولۇش ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، 1991-يىلى خىتاي بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان زەھەر خۇمارلار 148 مىڭ بولغان بولسا، يېقىنقى 20 نەچچە يىل ئىچىدە 40 نەچچە ھەسسە كۆپەيگەن. بۇ يىل -4 ئايدىكى ستاتىستىكىدىن زەھەر خۇمارلارنىڭ 2مىليون 580 مىڭدىن ئاشقانلىقى مەلۇم بولغان، بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە بولسا 400 مىڭ كىشى كۆپەيگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقىنى بۇ زەھەرخۇمارلارنىڭ 75% تىنى 35 ياشتىن تۆۋەن ياش ۋە ئۆسمۈرلەر ئىگىلەيدىغانلىقى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەڭ كىچىك زەھەر خۇمار 8 ياش ئىكەن. بولۇپمۇ، يېقىنقى 10 يىلدا تۈرلۈك روھلاندۇرغۇچى دورا، بىرىكمە زەھەر تۈرلىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە زەھەر سودىسىنىڭ ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ تارقىلىشى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ھەتتا مەكتەپلەردە تارقىلىشى ئىنتايىن كېڭىيىپ خىتايدا زەھەر چەكلەش ئىشلىرىغا زور رىقابەت ياراتماقتا ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ناركوز بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادا زەھەر چەككۈچىلەر 5 مىليون ئادەمدىن ئېشىپ كەتكەن. ھەر يىلى نەچچە يۈز مىڭ ئادەم زەھەر چېكىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارادا زەھەر چەكلەشكە دائىر ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مۇتەخەسسىسلەر فېنلامىن تۈرىدىكى زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى 21-ئەسىردىكى ئاساسلىق زەھەرلىك چېكىملىك بولۇپ قالىدۇ، ئىنسانلارنىڭ يېڭى ئەسىرگە قەدەم تاشلىشى بىلەن تەڭ، يېڭى تىپتىكى زەھەرلىك چېكىملىكلەر تېز سۈرئەتتە كەڭ تارقىلىدۇ ھەمدە ئۇ بىر خىل «ساختىپەزلەرچە» قىياپەتتە ئالدىمىزدا پەيدا بولىدۇ، نۇرغۇن ئادەم، بولۇپمۇ كەڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئۇنى «كۆڭۈل ئىچىپ، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان نەرسە»، «خىروئىن قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكلەر قاتارىغا كىرمەيدىغان نەرسە»، «كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك زىيان قىلمايدۇ» دەپ ئويلاپ ئىستېمال قىلىدىغان بولىدۇ، دەپ مۆلچەرلەشكەن.

يېڭى تىپتىكى زەھەرلىك چېكىملىكلەر پەيدا بولغان كۈندىن باشلاپ نۇرغۇنلىغان جىنايەتچىلەر ۋە ھەرخىل كېسەللىكلەر كەڭ دائىرىدە يامراپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلام تۇرمۇشىغا تەسىر قىلىپلا قالماي، يەنە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا تەسىر كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر ئېلى زەھەر چەكلەش دائىرىلىرى يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە تارقاتقان ستاتىستىكىغا قارىغاندا، زەھەر چېكىۋاتقانلار توپى ئىچىدە 25-45 ياشقىچە بولغانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، زەھەر چېكىش، زەھەرگە خۇمار بولۇش ياش نىسبىتى يىلدىن-يىلغا كىچىكلىمەكتە ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان زەھەر ۋەزىيىتىدە «ئائىلە تەربىيىسى، جەمئىيەت تەربىيىسى، مەكتەپ تەربىيىسىنى تەڭ بىرلەشتۈرۈپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ زەھەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن پەخەس بولۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش كېرەككەن.»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يالقۇن تىللايۇپنىڭ «يارىپ» زەھەر چەكلەش تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ سۆزىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەر ياش ئۆسمۈرلەرگە ئەجەللىك زىيان سېلىۋاتقان بىر ئاپەت.

2010-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 37 مىڭ 339 غا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن بايقالغان زەھەر چەككۈچى 5672. ئۆتكەن يىلدىكى زەھەر چەككۈچىلەر سانىنىڭ بۇ يىل 5-ئايغىچە كۆپىيىپ 40 مىڭغا يەتكەنلىكى، كىشىنى ئەنسىرىتىدىغان، سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر سان.

بۇلتۇر ئۇيغۇر ئېلىدە زور مىقداردا «خىروئىن»، «مۇزسىمان زەھەر»، «ك تالقىنى»، «كرىستال زەھەر تابلېتكىسى»، «باش چايقاش كۇمىلىچى»، «نەشە قولغا چۈشۈرۈلگەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمى (1-5-ئايغىچە) دا 677 پارچە تۈرلۈك زەھەر دېلوسى پاش قىلىنىپ، زەھەرگە چېتىشلىق 815 جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلغان.

گەرچە زەھەر چەكلەش كۈرىشى 20 يىللاردىن بېرى داۋام ئېتىۋاتقان بولسىمۇ، نۆۋەتتە زەھەر چەككۈچىلەر ياش قاتلىمىنىڭ بارغانسېرى كىچىكلەپ كېڭىيىپ بېرىشى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەر چەكلەش ئىشلىرىدا ئاجىز ھالقىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

زەھەر چەكلەش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىگە قارىغاندا10 -13 ياشقىچە بولغان بالىلاردا تاماكا چېكىپ بېقىشقا ھەۋەس قوزغىلىدىكەن، مانا بۇ ھەۋەس ئۇلاردا تاماكا چېكىش ئوتىنى تۇتاشتۇرۇپ، تۈرلۈك مۇھىت، تۈرلۈك سورۇنلاردا بارا-بارا ئەنە شۇنداق تۈرلۈك زەھەرلەرگە خۇمار بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدىكەن. «بىر قېتىم چەككەنگە نېمە بولاتتى» دېگەن ئىدىيىدە دەسلەپكى بىر قېتىملىق چېكىشتىكى ھاياجانلىنىش، خۇشال بولۇش كۆپلىگەن ياشلارنى يەنە شۇ كەيپكە ئىنتىلدۈرۈپ، يەنە بىر قېتىم چېكىش «قىلتىقى» غا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى خارابلىققا يۈزلەندۈرمەكتە.

«ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋە بىرىكمە زەھەر» بۇ نۆۋەتلىك خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنىنىڭ بۇ باش تېمىسىدىنمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، زەھەرنىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان خەۋپى پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن مەلۇمكى، فېنلامىن تۈرىدىكى روھلاندۇرغۇچى دورا قاتارلىق يېڭى تىپتىكى زەھەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەتكەندە، ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغىنى روھلاندۇرۇش، تىنماي قىمىرلاپ تۇرۇش ۋە نېرۋا كېسەللىكىگە ئوخشاش ئالامەتلەر ئىكەن.

تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، فېنلامىننى قالايمىقان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ 82% ئى ئىشلىتىشنى سەككىز يىلدىن 12 يىلغىچە توختاتسىمۇ، يەنىلا نېرۋا كېسىلى ئالامەتلىرى بولىدىكەن، ھەتتا ئېلىشىپ قالىدىكەن. بۇ خىل دورىلارنى ئىشلەتكۈچىلەردە پەيدا بولىدىغان خۇشاللىق سېزىمى ۋە خىيالىي تۇيغۇ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ئاستا-ئاستا يوقىلىپ پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىدىكەن، نېرۋىسى قالايمىقانلىشىپ، ئۇيقۇسى كېلىدىكەن، بۇنىڭ تەسىرىدە چەككۈچىلەر يەنە بىر قېتىم روھىي غىدىقلاشقا تەشنا بولىدىكەن. بۇ خىل زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ يۈرەك، قان تومۇرلارنى جانلاندۇرۇش رولى بولۇپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا جىددىي خاراكتېرلىك قان يېتىشمەسلىك، يۈرەك مۇسكۇلى كېسەللىكى ۋە يۈرەك سوقۇشى نورمالسىزلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.