جېففرېي كەين: «‹مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى› دىكى كىشىلەر يا كۈلمەيدۇ يا يىغلىمايدۇ»

0:00 / 0:00

ئامېرىكالىق ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى جېففرېي كەيننىڭ يېڭىدىن نەشردىن چىققان «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» ناملىق كىتابىنىڭ ئىمزا قويۇش پائالىيىتى 28-ئىيۇن كۈنى كەچتە ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى دولان ئۇيغۇر رېستورانىدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئىمزا قويۇش پائالىيىتىگە قاتناشقانلار قاتارىدا يازغۇچىلار، ژۇرنالىستلار، ئاقىللار ئامبىرىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىمۇ بار بولۇپ، تەخمىنەن يۈزدىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى.

جېففرېي كەين ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» ناملىق بۇ كىتاب ئاپتورنىڭ 2009-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە قەشقەرگە ئۈچ قېتىم بارغاندا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرى، بىۋاستە پاراڭلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن كىشىلەرنىڭ بايانلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە تەھدىت سىلىشى بىلەن ئىشپىيونلۇق قىلىشقا مەجبۇر قالغان ئۇيغۇر يىگىتنىڭ سەرگۈزەشتلىرى ئاساسىدا يېزىلغان ئىكەن.

دولان ئۇيغۇر رىستوانىنىڭ خوجايىنى خەمىت كىرىم ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، جېففرېي كەين ئەپەندى ئۇيغۇلار ھەققىدە يېزىلغان بۇ كىتابنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقانلارغا يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان بىر مىللەتنى تونۇش پۇرسىتى يارىتىش ئۈچۈن بىر ئايدىن بىرى پىلان تۈزگەن ئىكەن.

پىلان بويىچە پائالىيەت ۋاشىنگىتون ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىدە ئۇيغۇر مۇزىكىسى بىلەن باشلاندى. كەلگەن مېھمانلار ئۇيغۇرچە ئېيتىلغان ناخشىلارنى ئاڭلىغاچ دولان ئۇيغۇر رېستورانى تەييارلىغان مەززىلىك ئۇيغۇر تائاملىرىدىن ھوزۇرلاندى. ئاندىن جېففرېي كەين ئەپەندى ئۆزىنڭ «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» ناملىق كىتابىدا يېزىلغان ۋەقەلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى، ئۆزى قەشقەردە كۆرگەن «مۇكەممەل» نازارەت قىلىش سىستېمىسىنىڭ قەشقەردىكى كىشىلەرنى قانداق ھالەتكە كىرگۈزۈپ قويغانلىقىنى ئاڭلاتتى. تونۇشتۇرۇشتىن كېيىن پائالىيەتكە قاتناشقانلاردىن كەلگەن سۇئاللارغا جاۋاب بەردى.

جېففرېي كەين ئەپەندى شائىر تاھىر ھامۇت ئىزگىل ۋە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى نېرۋا ئىلمى تەجرىبىخانىسىنىڭ دىرېكتورى ۋە تەتقىقاتچىسى مۇنەۋۋەر ئابدۇللاھنى شېئىر ئوقۇپ بېرىشكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان. شائىر تاھىر ھامۇت ئىزگىل ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئىككى پارچە شېئىرىنى ئۇيغۇرچە دىكلاماتسىيە قىلدى. ئارقىدىن مۇنەۋۋەر ئابدۇللاھ شىۋېتىسىيەدە تۇرۇشلۇق شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ بىر پارچە شېئىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىنگلىز تىلىدا يازغان ئىككى پارچە شېئىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

كەلگەن مېھمانلار سۆھبەتلىشىش جەريانىدا ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئۆزگىچە تەمى، مۇزىكىلىرىدىكى سىرلىق مۇڭ ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ لىرىكىلىقىدىن بۇ مىللەتنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشتى.

بىز ئىمزا قويۇش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جېففرېي كەين ئەپەندى بىلەن كىتابى ھەققىدە ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. ئۇ كىتابى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «مەن ئاخىرقى قېتىم 2017-يىلى دېكابىردا قەشقەرگە بارغان ئىدىم. ئاشۇ چاغلار بىلگىنىڭىزدەك، ئەھۋال ئەڭ ئېغىرلاشقان ۋاقىتلار ئىدى. قەشقەردە مېنىڭ كۆرگىنىم ھەممە يەردە ساقچى، ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقتا كامېرا. ئەڭ قورقۇنچلۇق تراگېدىيە بولسا ئاشۇ شارائىتتا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ روھى ھالىتى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە نۇر يوق. ئۇلار يا كۈلمەيدۇ يا يىغلىمايدۇ. خىتاينىڭ ئۇلارغا قىلىۋاتقىنى ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئىدى. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي كىملىكىنى خىتاي كومپارتىيەسىنى ‹رازى قىلىش› ۋەزىپىسىنىڭ ئاستىغا باستۇرۇپ قويۇشقا مەجبۇر ئىدى. مەن كىتابىمدا مانا مۇشۇ ئەھۋاللارنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكى ۋە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى يورۇتۇشقا تىرىشتىم.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ كىتاب پەقەتلا سىياسەت، يوقىرى بېسىملىق باستۇرۇش، ۋەھشىيلىك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى ئاشۇنداق قاتتىق نازارەت ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ روھى دۇنياسىنىڭ قانداق ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى قىلغان.»

جېففرېي كەين ئەپەندى ئاساسلىقى رىجىم ئاستىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنى تەكشۈرۈش ئوبېيكتى قىلغان بولۇپ، ئۇ شىمالىي كورىيەگىمۇ بارغان ئىكەن. ئۇ پىيۇڭياڭغا بارغاندا، خۇددى زامان چاقى كەينىگە ئايلىنىپ 1930-يىللاردىكى شۇئارلارنى توۋلاۋاتقان كىشىلەر ئارىسىغا كېرىپ قالغاندەك ھېس قىلغانلىقنى ئېيتىپ ئۆتتەى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ كەچۈرمىشلىرىنى قەشقەرگە بارغاندا كۆرگەنلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، مۇنداق دېدى: «سىز قەشقەرگە بارغاندا خۇددى 30 يىلدىن كېيىنكى كەلگۈسى رېجىم ئاستىدىكى دۆلەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرگەندەك بولىسىز. بۇ يەردە يۇقىرى تېخنىكالىق باستۇرۇشنىڭ دەرىجىسى ھەر قانداق بىر يەردىكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى. بۇ خىل ئەھۋال نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئادەمنى قورقۇنچقا سالدۇ.»

ئاپتور مەزكۇر كىتابنى يېزىش جەريانىدا 168 كىشىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، كىتابتا خىتاينىڭ نازارەت سىستېمىسىنى قۇرۇش پروگراممىسىغا قاتناشقان بىر سابىق ئېلېكترون تېخنىك خىزمەتچىسىنىڭ، ئىلگىرى خىتايلار ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشقا مەجبۇرلانغان بىر ياشنىڭ ۋە كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاددىي بىر قىزنىڭ ھېكايىسى ئاساسىي لىنىيە قىلىنغان.

جېففرېي كەين ئەپەندى ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «ئۇ يەردە ناتسىستلار قىلغانغا ئوخشاش توپلاپ ئۆلتۈرۈش، گاز ئۆيىگە سولاپ ئۆلتۈرۈش يۈز بەرمىگىنى بىلەن، پۈتۈن بىر مىللەت ئىچ-ئىچىدىن ۋەيران قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالمىغان بىلەن ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، كىملىكىنى بىلدۈرىدىغان بارلىق ئەنئەنىلىرىنى يوقىتىۋاتىدۇ. مەن ئۇيغۇرلارنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە تىرىشىمەن. چۈنكى بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ كۈن كېيىن باشقا ئىنسانلارنىڭ بېشىغىمۇ كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىسىدۇر.»

دولان ئۇيغۇر رېستورانىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەت ناھايىتى مەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى. رېستوراننىڭ تېمىغا ئېسىلغان رەسسام غازى ئەھمەت سىزغان «مۇقام» ناملىق رەسىمنىڭ گىلەم نۇسخىسى، تۈرلۈك دوپپىلار، راۋاپ، غىجەك قاتارلىق سازلار پائالىيەتكە قاتناشقان يازغۇچىلار ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە جېففرېي كەين ئەپەندى بىلەن ئايرىم ئايرىم سۆھبەتلەشتى.

دولان ئۇيغۇر رېستورانىنىڭ خوجايىنى خەمىت كىرىم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مىللىتىمنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنى توختىتىش يولىدا ئۆزۈمنىڭ بىر كىشىلىك مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلىۋاتىمەن.»

«مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» ناملىق كىتاب 29-ئىيۇن كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي بازارغا سېلىنغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەر كىتابنى نەشر قىلغان «ئاممىۋى ئىشلار» نەشرىياتىنىڭ تور بېتىدىن سېتىۋالالايدىكەن.