2017-يىل تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن قانداق بىر يىل بولدى؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.12.29
turkiyede-uyghur-mesilisi-tv-erkin-ekrem.jpg دوكتور ئەركىن ئەكرەم تۈركىيە «قانال ئا تېلېۋىزىيىسى» دە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىلىق رىياسەتچىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. (نەق مەيداندىن تارقىتىلغان تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدىن سۈرەتكە تارتىلغان) 2014-يىلى 15-فېۋرال، تۈركىيە.
RFA/Arslan

تۈركىيە بۇرۇندىن تارتىپ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ۋەتىنىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلار پاناھلىق تىلەپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى. 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئەينى زاماندىكى ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەتئىمىن بۇغرا، باش كاتىپى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەر 1954-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ، ھەر خىل يوللار بىلەن «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» نى تۈركىيەگە، تۈركىيە ئارقىلىق دۇنياغا ئاڭلىتىشنى باشلىغان ۋە كېيىنچە تۈركىيە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان ئىدى. تۈرك خەلقى ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆزلىرىنىڭ ئانا يۇرتى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈركىي خەلقلەرنى قېرىنداش دەپ قارىغاچقا، ھەر دائىم ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئىگە چىققان.

ئۇنداقتا 2017-يىلى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن قانداق بىر يىل بولدى؟ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ئۈچۈنچۇ؟ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى 2018-يىلى نېمىلەرنى قىلماقچى؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات تور گېزىتىنىڭ مەسئۇلى ھامىت گۆكتۈرك ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 2017-يىلىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن 1997-1998-يىلىدىكىدەك ناچار بىر يىل بولغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بەزى چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى. 

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 2017-يىلىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن مىسىردىن تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇساپىر ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش سىياسىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ 2017-يىلىدا 2016-يىلقىغا قارىغاندا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ 2017-يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ كۆتۈرۈلۈشكە يۈزلەنگەنلىكىنى مىسال بىلەن چۈشەندۈردى. 

ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات تور گېزىتىنىڭ مەسئۇلى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى 2017-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈن تەرتىپتىن چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، 2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ تۈرك ئاخباراتلىرىدا قايتىدىن كۈن تەرتىپكە كېلىشكە باشلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇنىڭغا قاراپ تۇرماي تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش سىياسىتى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. 

تۈركىيەدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيەنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشىنىڭ ئۆتكۈنچى بىر ئىش ئىكەنلىكىنى، خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش سىياسىتىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئاخىرلىشىشى مۇمكىنلىكى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.