BBC دا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇھاكىمىدىن خاتىرىلەر (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-08-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى نۇرى تۈركەل BBC نىڭ «مۈشكۈل سۆھبەتلەر» پروگراممىسىدا. 2018-يىلى 21-ئاۋغۇست.
ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى نۇرى تۈركەل BBC نىڭ «مۈشكۈل سۆھبەتلەر» پروگراممىسىدا. 2018-يىلى 21-ئاۋغۇست.
Photo: RFA

ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ دۇنيادىكى ھەرقايسىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى غايەت زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە بۇ سەۋەبلىك كېلىپ چىقىۋاتقان كۆپلىگەن ئېغىر ھادىسىلەر ھەققىدە پىكىر قىلىپ كەلگەن ئىدى.

21-ئاۋغۇست كۈنى «برىتانىيە رادىيو شىركىتى» (ب ب س) نىڭ قارمىقىدىكى «قىيىن سۆھبەتلەر» پروگراممىسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا مەخسۇس تېلېۋىزىيە سۆھبەت پروگراممىسى ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان مۈشكۈلاتلار غەرب دۇنياسىدىكى مىليونلىغان كۆرۈرمەنلەرگە بىلدۈرۈلدى.

شاۋن لېي رىياسەتچى بولغان بۇ قېتىمقى «قىيىن سۆھبەتلەر» پروگراممىسى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە بولدى. رىياسەتچى بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ «پارتىيە ئىدىيەسىنى ئەستە ساقلاش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىش» دېگەندەك مەزمۇندىكى لوزۇنكا-پىلاكاتلار ئېسىلغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆپلەپ قۇرۇلۇۋاتقانلىقى، بۇ رايوننىڭ خىتايدىكى تەبىئىي بايلىقى ئەڭ مول رايون ئىكەنلىكى، بۇ جايدىكى نوپۇس پۈتۈن خىتاي نوپۇسىنىڭ بىر يېرىم پىرسەنتىنى ئىگىلىسىمۇ، بۇ جايدىن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ پۈتۈن خىتايدىكى قولغا ئېلىنغانلار ئومۇمى سانىنىڭ 20 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ئاندىن ھازىر بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ لاگېرلار ئاشۇ كىشىلەرنى «قايتا تەربىيەلەش» ئۈچۈن زۆرۈر، دەۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا ئىسپات سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقاچان «زورلۇق ۋە تېررورلۇق» ھەرىكەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ بۇ قاراشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ «ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئالدىنىپ قېلىۋاتامدۇ ياكى خىتاي دۇنيانى ئالداۋاتامدۇ» دەپ سوئال قويدى. شۇنىڭدەك بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى سورىدى.

نۇرى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن رىياسەتچىگە قىسمەن ئەھۋاللارنى ئۆزى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىشنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «سىز چېركاۋغا بارماقچى بولۇپ ئۆيدىن چىققان ۋاقتىڭىزدا ساقچىلار سىزنى بىخەتەرلىك ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان مەخسۇس ئىشىكتىن ئۆتكۈزىدۇ؛ يەنە بىر كۈنى ئويغانسىڭىز مىللىتىڭىزگە زۇلۇم سېلىۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچىسىدىن بىرى كېلىپ قىزىڭىز بىلەن تويلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ؛ يەنە شۇنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىڭكى، سىزنىڭ ھېچقانداق خۇسۇسىي ھايات بوشلۇقىڭىز مەۋجۇت بولمايدۇ؛ سىز يەنە ئۆزىڭىزنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىك چۈشەنچىڭىزدىكى ئەڭ مېغىزلىق مەزمۇنلارنى رەت قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتىسىز. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاندا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار دەل ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› نىڭ ئۆزى بولۇۋاتىدۇ. ئۆتكەن بىر يېرىم يىل مابەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەھشىيلىكى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، تۈرلۈك مەلۇماتلار ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئون پىرسەنتى ياكى بىر مىليوندىن ئارتۇقراقى لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.»

رىياسەتچى شاۋن لېي نۇرى تۈركەل بايان قىلغان ئەھۋاللار، بولۇپمۇ ھازىر ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «سىياسىي باستۇرۇش» نىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ھازىر ئۆزلىرىنىڭ پۈتكۈل مەنىۋى دۇنياسىدىن ۋاز كېچىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا مەدھىيە ئوقۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ «سىز يىگىرمە نەچچە يىل ئىلگىرى ئۇ جايدىن كەتكەن تۇرۇقلۇق ھازىرقى ئىشلارنى نەدىن بىلىسىز؟» دەپ سورىدى.

نۇرى بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمەن. يەنە شۇ جايدا ياشىغان ھەمدە كېيىنرەك ئامېرىكىغا كېلىشكە قادىر بولالىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىغا ياردەملىشىش جەريانىدا شۇلارنىڭ ئېغزىدىن بۇ ھەقتىكى بىرىنچى قول ئۇچۇرلارنى ئاڭلاپ كېلىۋاتىمەن.»

شاۋن لېي شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، تىپىك مىسال قاتارىدا گۈلچېھرە خوجا ئائىلىسىدىن يىگىرمە نەچچە كىشىنىڭ بىر كۈندىلا «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئەسلەتتى.

نۇرى بۇ ھادىسىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەل مۇشۇ خىلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تۇتقۇن قىلىش قىلمىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ ئائىلىنى بالىلىق ۋاقىتلىرىمدىن تارتىپلا ياخشى بىلىمەن. چۈنكى ئۇ كىشى (ئابدۇقېيۇم خوجا) دادامنىڭ دوستى ئىدى. مەن بالىلىق ۋاقىتلىرىمدىن تارتىپلا ئۇ كىشىنى كۆپ قېتىم كۆرگەن. ئۇ كىشى مەخسۇس كەسىپ بويىچە تەربىيەلەنگەن، جامائەت ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر مويسىپىت ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى زىيالىيلارنى ۋە ئالىملارنى تۇتقۇن قىلىشى دەل بۇ كىشىلەرنىڭ زىيالىيلىق ئورنىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇر بولۇشتىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ۋە مىللىي مىراسلىرىنىڭ ۋارىسلىرى بولۇشتىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ئاتا قىلالىغانلىقىدۇر.»

شۇنىڭدىن كېيىن رىياسەتچى شاۋن لېي نۇرى تۈركەلنىڭ «ئەمگەك لاگېرى» دا تۇغۇلغانلىقىنى ئەسلىتىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھازىر بولۇۋاتقان ئىشلار «ئاشۇ تارىخنىڭ قايتا تەكرارلىنىشى بولۇشى مۇمكىنمۇ؟» دەپ سورىدى. نۇرى تۈركەل ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىدىن شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا ئاشۇ كونا مۇقامنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقانلىقىنى ناھايىتى جانلىق قىلىپ تەسۋىرلەپ مۇنداق دېدى: «2018-يىلىغا كەلگەندىمۇ تېخىچە مۇشۇ ئىشلارنى سۆزلىشىپ ئولتۇرغانلىقىمىز ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ. تارىخ تولىمۇ غەيرىي ھالدا ئۆزىنى تەكرارلىماقتا. مەن ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان يىللاردا ھازىرقى ‹تەربىيەلەش لاگېرى› دىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ‹ئەمگەك لاگېرى› دا تۇغۇلغان. ئانام تۇتۇلغاندا ماڭا ھامىلىدار بولغىلى ئالتە ئاي بولغان ئىكەن. مەن ئاشۇ لاگېرلارنىڭ بىرىدە تۇغۇلۇپ، تۆت-بەش ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار ئانامنى چىقىرىۋېتىپتۇ. ئۇ يىللاردا ئانا-بالا ئىككىمىز تېببىي داۋالىنىش، باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشى، تىل-دەشنام ئاڭلاش دېگەنلەرنىڭ دەستىدىن ھارغىچە جاپا تارتقان. ئەمدىلىكتە ئارىدىن 47 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇ خىلدىكى ئەھۋاللارنىڭ يەنە بىر قېتىم يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا راستىنىلا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر شەرقىي تۈركىستاننى تولۇق نازارەت مېخانىزىمىنىڭ ۋە مۇدھىشقا تولغان زۇلۇمنىڭ تەجرىبە بازىسى قىلىۋالدى. خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى خىتايلارغا شۇنى دېگۈم باركى، ئەگەر ئۇلار مۇشۇنداق پەرۋاسىز يۈرۈۋېرىدىغان بولسا بۇ ھال تېزلا ئۇ جايلارغا كېڭىيىدۇ. تىبەتتە قوللىنىلغان ئۇسۇللارنى ھازىر بۇ جاينىڭ ‹ساقچى› سى بولۇۋالغان كىشى شەرقىي تۈركىستاندا تولۇقى بىلەن قايتىدىن ئىجرا قىلىۋاتىدۇ.»

شۇنىڭدىن كېيىن رىياسەتچى نۇرى تۈركەلنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىشى ھەققىدە توختالدى. ئۇ نۇرى تۈركەلگە سوئال قويۇپ «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىغان جاينىڭ ھازىر «شىنجاڭ» دەپ مەلۇم بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نامنى ۋە خىتاينىڭ بىر قىسمى بولۇشتەك رېئاللىقنى قوبۇل قىلماسلىقىدىكى سەۋەبىنى سورىدى. نۇرى تۈركەل بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان دېگەن نام ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەكمۇ چوڭقۇر مەنىلەرگە ئىگە تارىخىي نام. ئۇيغۇرلار 1933- ۋە 1944-يىلى ئىككى قېتىم ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرغان، گەرچە ئۇلارنىڭ تارىخى بەكمۇ ئۇزۇن بولمىسىمۇ. دەل مۇشۇنداق تارىخىي سەلتەنەتلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار بۇ نامدىن تولىمۇ پەخىر ھېس قىلىدۇ ھەمدە ئۆز دۆلىتىنى ‹شەرقىي تۈركىستان› دەپ ئاتاشنى خالايدۇ. ‹شىنجاڭ› دېگەن نام بولسا ‹يېڭى چېگرا› دېگەن مەنىدىكى سۆز بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تىڭىۋاتقان بىر ئاتالغۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار بۇ نامدىن بەكمۇ نەپرەتلىنىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، «قىيىن سۆھبەتلەر» پروگراممىسى دۇنياۋى ئالقىشقا ئېرىشكەن پروگراممىلاردىن بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپالىقلار ئارىسىدا زور شۆھرەتكە ئىگە ئىكەن. ئۇنىڭدا ھەرقاچان دۇنياۋى زور مەسىلىلەر ۋە دۇنياۋى شەخسلەر تېما قىلىنىش بىلەن بىرگە، رىياسەتچى ھەرقاچان جاۋابى تولىمۇ قىيىن ۋە كۆپ قىرلىق بولغان سوئاللارنى سوراپ، تاماشىنبىنلارنىڭ تېخىمۇ زور دىققىتىنى جەلپ قىلىدىكەن. بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بېغىشلانغان سۆھبەتمۇ مۇشۇنداق بولدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت