رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتايدا بەرگەن باياناتلىرى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە تۈركلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.08.04
erdoghan-uyghur-bilen.jpg رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇيغۇرلار بىلەن قۇچاقلاشتى. 2012-يىلى 8-ئاپرېل، ئۈرۈمچى.
www.maarip.org

تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 7-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە خىتايغا ئېلىپ بارغان رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا بەرگەن باياناتلىرى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە تۈركلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياش ۋاقتىدىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغان، 1990-يىللاردا ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغاندا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

2002-يىلى ئۇنىڭ پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندە زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭلا ئەمەس پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ لىدىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئۇ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان يىللاردا ھەر سايلامدا، سايلام مەيدانلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان ئىدى. 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى دەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە مۇھىم ئورۇن ئىگىلىگەن ئىدى.

ئۇ، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار مەھەللىسىنى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىغان ئىدى. ئۇ، باش مىنىستىر مەزگىلىگە كۆپ قېتىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈركنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىگەن ئىدى.

ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بۇنچىۋالا كۆڭۈل بۆلگەن بىر كىشىنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇر بىلەن بولغان تارىخىي ئۇرۇق-تۇغقانلىق مۇناسىۋىتىنىمۇ تىلغا ئالماسلىقى نېمىنىڭ بېشارىتى؟ تۈركىيەنىڭ داڭلىق سىياسەتچىسى سامى كوھەن ئەپەندى «مىللىيەت» گېزىتىدە 8-ئاينىڭ 2-كۈنى ئېلان قىلغان «خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى رېئال سىياسەت» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر كىشى تۇرۇقلۇق، مەسىلىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشىگە دىققەت قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ، تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان تۈرك-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئوكتاي ۋۇرال ئەپەندى، پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئەڭ ئېغىر بولۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەۋاتقان شۇ كۈنلەردە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغاننىڭ بۇنى تىلغا ئالماسلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكى بولىدىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىشقا داۋام قىل دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئوكتاي ۋۇرال ئەپەندى تۈرك خەلقىنىڭ ھەر دائىم ئۇيغۇرلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.