غۇلامىدىن پاختا: «‹ئازادلىق رادىئوسى› نىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى ئەركىن دۇنيادىن ياڭرىغان تۇنجى ئۇيغۇر ئاۋازى ئىدى»

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.07.02
Ghulamidin-paxta-uyghur-qurultiyi-yighini.jpg پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى(سولدا) دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يىغىنىدا. 2011-يىلى ماي، ۋاشىنگتون.
RFA

2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى بىلەن سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى كوممۇنىزم لاگېرى ئوتتۇرىسىدا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى باشلانغان يىللاردا غەربتە بىرىنچى قېتىم ئۇيغۇر تىلىدا رادىئو ئاڭلىتىشقا پۇرسەت تۇغۇلىدۇ.

ئەركىن دۇنيادىن ئاڭلىتىلغان ئۇيغۇرچە رادىئو ئاۋازى تۇنجى قېتىم ئامېرىكا رادىئو شىركىتىنىڭ گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە تەسىس قىلغان «ئازادلىق رادىئوسى» دىن ياڭرايدۇ.

بۇ تارىخقا شاھىت بولغان غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى ئارىدىن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بۇ ھەقتىكى ئەسلىمىسىنى رادىئومىز ئارقىلىق ئاڭلارمەنلەرگە تەقدىم قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ 1954-يىلىدىكى گېرمانىيە سەپىرى ۋە بۇ جەرياندىكى كەچۈرمىشلەرنىڭ ميۇنخېندىكى «ئازادلىق رادىئوسى» دا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشقا يول ئاچقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

1954-يىلى تېخنىك خادىم سۈپىتىدە «ئازادلىق رادىئوسى» دا ئىشلەشكە باشلىغان غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى ئىككى يىلدىن كېيىن، يەنى 1956-يىلىنىڭ باشلىرىدا مەزكۇر رادىئودا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنىڭ سىناق تەرىقىسىدە باشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

«ئازادلىق رادىئوسى» نىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى دەسلەپكى ئىككى يىل مابەينىدە «تۈركىستان بۆلۈمى-1» نىڭ ئاڭلىتىش تەركىبىدە ھەپتىسىگە 5 مىنۇتتىن 10 مىنۇتقىچە ئىككى قېتىمدىن ئاڭلىتىلىدۇ. ئارىدىن 2 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش ئۈچۈن شەرت-شارائىت ۋە ئادەم كۈچى ھازىر بولغاندا كۈندە يېرىم سائەتكە، كېيىنچە كۈندە بىر سائەتلىك ئاڭلىتىشقا تەرەققىي قىلىدۇ.

1950-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاڭلىتىش «ئازادلىق رادىئوسى» نىڭ سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرگە قاراتقان 16- تىلدىكى ئاڭلىتىشى بولۇپ قالىدۇ.

بۇ مەزگىللەردە ئامېرىكا رادىئو شىركىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن ساتتار بۇلبۇل چوپانى، پولات قادىر تۇرفانى، كېيىنچە ئەركىن ئالىپتېكىن قاتارلىق كىشىلەر ئارقا-ئارقىدىن ميۇنخېنغا كېلىپ «ئازادلىق رادىئوسى» نىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

غەربىي گېرمانىيەدىن ھاۋا دولقۇنلىرىغا قويۇلغان «ئازادلىق رادىئوسى» نىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازى ئاساسلىقى سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تارقىلىش دائىرىسى ھەتتا خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىنىمۇ قاپلايدۇ.

ئۇيغۇرلار ۋەتىنى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ قارا جۇدۇنلىرىدا ئېغىر نەپەس ئېلىۋاتقان 1960-ۋە 1970-يىللاردا «ئازادلىق رادىئوسى» نىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى ئۆز خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدۇ. 1966-يىلىغا كەلگەندە غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەدىن ئامېرىكىغا يۆتكىلىدۇ.

ئۇ شۇندىن باشلاپ «ئازادلىق رادىئوسى» نىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى سالاھىيىتى بىلەن نيۇيوركتىن ميۇنخېندىكى «ئازادلىق رادىئوسى» نىڭ ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك تىللىرىدىكى ئاڭلىتىشىغا خەۋەرلەر يوللايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.