ئامېرىكىدىكى «يەرلىك مىللەتلەر تەتقىقاتى مەركىزى» نىڭ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار مۇلاھىزە قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.02.14
qeshqer-qizil-bayraq-kocha-bala-balilar.jpg قەشقەر كونا شەھەردىكى خىتاينىڭ قىزىل بايراقلىرى ئېسىلغان كوچىسىدا ئويناۋاتقان ئۇيغۇر بالىلار. 2017-يىلى 4-نويابىر.
AP Photo/Ng Han Guan

ئامېرىكىدىكى «يەرلىك مىللەتلەر تەتقىقاتى مەركىزى» نىڭ تور بېتىدە بۈگۈن «4-دۇنيا مىللەتلىرى 1945-يىلىدىن بېرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاستىدا ئىزتىراپ چەكمەكتە-يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى» تېمىسىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە ئاپتور ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى دۇنيادىكى باشقا ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنداق دەپ قاراشتىكى سەۋەبلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«يەرلىك مىللەتلەر تەتقىقاتى مەركىزى»1979‏-يىلى ئامېرىكىدا قۇرۇلغان بىر مۇستەقىل تەتقىقات ۋە مائارىپ ئورگىنى. مەزكۇر ئورگان قۇرۇلغاندىن بۇيان ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلار ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ھەرقايسى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە ئىزدەنگەن ۋە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر بىلەن يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ھەم سەھىيە ئىشلىرىنى ياخشىلاشتا ھەمكارلىشىپ كەلگەن.

يېقىندا، بۇ مەركەزنىڭ تور بېتىدە مەركەز قۇرغۇچى رەئىسلىرىدىن بىرى بولغان دوكتور رۇدولف رايسېر ئەپەندى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالە «4‏-دۇنيا مىللەتلىرى 1945-يىلىدىن بېرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاستىدا ئىزتىراپ چەكمەكتە-يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى» تېمىسىدا بولۇپ، ئاپتور ئالدى بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى بەرگەن:
«خىتاي، نوپۇسى 11 مىليوندىن ئاشىدىغان ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتى بولغان ئۇيغۇرىستاندا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بارماقتا. ئەمما خەلقئارا جامائەت بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، توختىتىش ۋە ياكى بۇ جىنايەت ئۈستىدىن داۋا قىلىش ئۈچۈن ھېچنېمە قىلمايۋاتىدۇ».

دوكتور رۇدولف رايسېر ئەپەندى سۆزىنى يەنە مۇنداق داۋام قىلغان: «مەن ئالدى بىلەن سىلەرگە ئۇيغۇرىستاندا بولۇۋاتقانلاردىن قىسقىچە مەلۇمات بېرىمەن. ئاندىن نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقىنىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قارايدىغانلىقىمنى ۋە نېمە ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە خەلقئارا جامائەتنىڭ دەرھال كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن. ئۇيغۇرلار ۋە بىرمىدىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىدەك نۇرغۇن 4-دۇنيا مىللەتلىرى ئىشغال قىلىنىش، بېسىپ كىرىش ۋە ئۆلتۈرۈش قاتارلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزمەكتە. بۇ دۆلەتلەرنىڭ قىرغىنچىلىقنى داۋام قىلىشىغا يول قويۇلماسلىقى كېرەك».

ئاپتور ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي تارىخقا ئىگە بىر مىللەتلىكىنى، ماۋ زېدۇڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى 1949-يىلى ئۇيغۇرىستاننى يۇتۇۋالغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ رايون نوپۇسىنىڭ 94 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغانلىقىنى، ئەمما كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا نوپۇس كۆچۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى نوپۇس جەھەتتە ئاز سانلىق ئورۇنغا، نوپۇس نىسبىتىنى 45 پىرسەنت ئەتراپىغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ زېمىننى ئىشغال قىلىش، بېسىپ كىرىپ زىيانكەشلىك قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ پۇقرالىرىنى تولدۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ باردى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا قارشىلىقىمۇ كۈچلۈك بولدى. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ‹يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى› گە سولاش ئارقىلىق ئۇلارنى ھېسسىياتىنى خىتايغا مايىل قىلىشقا مەجبۇرلىدى. ئۇلار ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرنى ‹تېررورىزم› دېگەن نامنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ تۈرمىگە قاماپ، يەنە مىڭلىغان ئۇيغۇرنى ئۆلتۈردى».

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە نۇرغۇن خىتاي كۆچمەنلەرنى كۆچۈرۈپ ئەكەلگەندىن كېيىن ئۇلارنى ياخشى ئىش پۇرسەتلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنداق ئىمكانلارغا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز كۆچمەنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ئەكسىچە ئېغىر بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

ماقالە ئاپتورى دوكتور رۇدولف ئەپەندى ماقالىسىدە «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىگە ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە دۇنيادا بۇ ئاتالغۇ ھەققىدە خاتا بىر كۆز قاراش بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «گېرمان ناتسىستلىرى يەھۇدىيلارغا قارىتا ئاشۇنداق كەڭ كۆلەملىك قىرغىن ئېلىپ بارغاندىن بۇيان نۇرغۇن ئانالىزچىلار، باھالىغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەممىسى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دېگەن سۆزنى خاتا ھالدا زور ساندىكى ئادەمنى ‹ئۆلتۈرۈش ۋە زەھەرلەش› دەپ چۈشىنىۋالدى. ئەسلىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ ئىجادچىسى، ئادۋوكات ۋە يازغۇچى رافائېل لېمكىن ئىزاھات قىلىدۇكى، يەھۇدىيلارغا ئېلىپ بېرىلغان ‹قىرغىنچىلىق› قانداقتۇر ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› نىڭ مەنىسى ئەمەس. بەلكى، ناتسىست ئېمپېريالىزىمى ۋە شۇنداقلا ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىكىدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتلەر ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسى ھېسابلىنىدۇ. يەھۇدىيلارغا قارىتىلغان زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئىنسان تارىخىدىكى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› نىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇقى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› بولسا بۇنىڭدىن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى باشلاپ بولغان».

ئاپتور يەنە مۇنداق دەپ چۈشەندۈرگەن: «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىككى باسقۇچى بولىدۇ. بىرىنچىسى، بېسىمغا ئۇچرىغان گۇرۇپپىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش. ئىككىنچىسى، بۇ كىشىلەرنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىن كۆچۈرۈۋېتىش ۋە بېسىم قىلغۇچى خەلق بىلەن تولدۇرۇش. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىر مىللەت كىشىلىرى بېسىۋالغۇچى ھاكىمىيەت تەرىپىدىن سىستېمىلىق ۋە پىلانلىق ھالدا باشقا جايلارغا كۆچۈرۈلگەن ۋە ئۇ زېمىنغا بېسىۋالغۇچى مىللەت كىشىلىرى يەرلەشتۈرۈلگەن بولسا مانا بۇمۇ بىر ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ھېسابلىنىدۇ. ئىشغالدىن كېيىن يەنى مۇستەملىكىچىلىكتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تۇنجى ئاقىۋەتلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ».

تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ئۆلتۈرۈش، قىرغىنچىلىق قىلىش نەتىجىسىدە ئىشغال قىلىنغان 4-دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ سانى 156 بولۇپ، 1945-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە تەخمىنەن 12 مىليون 482 مىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. ب د ت غا ئەزا 58 دۆلەت ۋە ئۇلارنىڭ قوللىشىدىكى ئارمىيە 156 ئىشغال ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارى ئىكەن.

ئاپتور يۇقىرىدىكى ئۇقۇم خاتالىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە ھازىر ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بىلەن زور كۆلەملىك ئۆلتۈرۈشلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئىككى ئالاھىدىلىكى بولۇپ كەلگەن. ئەمما شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، يۇقىرىدىكىلەر بىلەن شۇغۇللانغان ھاكىمىيەتلەر ھېچقايسىسى بۇ سەۋەبلىك جازاغا تارتىلىپ باقمىغان. جۈملىدىن، ھېلىھەم خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا، ئىراق ھۆكۈمىتى يېزىدىلارغا ۋە باشقىلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا. ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلمىدى».

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندى خەلقئارا قانۇنلاردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بېرىلگەن ئىزاھاتقا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشىغا ئۇچراۋاتىدۇ، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ۋە نۆۋەتتە ئامېرىكىدىمۇ نۇرغۇن تەتقىقاتچىلارنىڭ شۇنداق دەپ قارايدىغانلىقى ھەم بۇ سۆزنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجسكىمۇ خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ، دېموكراتىك ئەللەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ سىياسەتلەرنى بولۇپمۇ ھازىرقى قانۇنسىز «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرىنى» خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سورىشى، سۈرۈشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى، ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتنى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئۆلچەملىرى بويىچە نازارەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.